رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

313. باب زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئونى كىرگەندە قۇربانلىق قىلماقچى بولغان ئادەمنىڭ تاكى قۇربانلىق قىلغۇچە بەدىنىدىكى تۈكلەرنى ۋە تىرنىقىنى ئالماسلىقى توغرىسىدا

1706. ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَنْ كَانَ لَهُ ذِبْحٌ يَذْبَحُهُ، فَإِذا أُهِلَّ هِلالُ ذِي الحِجَّة، فَلا يَأْخُذَنَّ مِنْ شَعْره وَلا منْ أَظْفَارهِ شَيْئاً حتى يُضَحِّيَ » « كىمكى ئۇنىڭ قۇربانلىق قىلىدىغان مېلى بولۇپ، زۇلھەججە ئېيى كىرىپ قالسا تاكى قۇربانلىق قىلغانغا قەدەر، بەدىنىدىكى تۈك ۋە تىرناقلاردىن ھېچ نەرسىنى ئالمىسۇن » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: قۇربانلىق قىلىشنى نىيەت قىلغان كىشى زۇلھەججە ئېيىنىڭ كىرىشى بىلەن چاچ-تىرناقلىرىنى ئالماي قويۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، مەزكۇر كىشى چاچ-تىرناقلىرىنى ئېلىۋەتسە ياخشى بولمايدىغانلىقى، بۇنىڭدىكى ھېكمەت: ھەجدە قۇربانلىق ماللىرىنى قۇربانلىق قىلغانغا ئوخشاشلا، قۇربانلىق قىلغان ۋاقىتتا بارلىق ئەزالىرىنىڭ ئاللاھنىڭ كەچۈرىمى، مەغفىرىتىگە ئورتاق ئېرىشىشى ئۈچۈندۇر. كېسەل ياكى يارىلانغان كىشىلەرنىڭ چاچ-تىرناقلىرىنى ئېلىۋەتسە بولىدىغانلىقى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ