رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

314. بــاب پەيـــغــەمـــبەر، كەئــبە، پەرىــشتە، ئاســمان، ئاتـا-بوۋا، ھاياتلىق، روھ، باش، سۇلتاننىڭ نېئمىتى، پالانىنىڭ قەبرىسى ۋە ئاللاھ بۇيرۇغان ناماز، روزا، ھەج قاتارلىق پەرزلەر بىلەن قەسەم قىلىش (مۇشۇنداق قەسەم تېخىمۇ قاتتىق مەنئى قىلىندى) شۇنداقلا مەخلۇقاتلارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىشتىن مەنئى قىلىنغانلىقى توغرىسىدا

1707. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِنَّ اللَّه تَعالى ينْهَاكُمْ أَنْ تَحْلِفُوا بابائِكُمْ، فَمَنْ كَانَ حَالِفاً، فلْيَحْلِفْ بِاللَّهِ، أَوْ لِيَصْمُتْ » « شۈبھىسىزكى ئاللاھ تائالا سىلەرنى ئاتاڭلار بىلەن قەسەم قىلىشتىن مەنئى قىلىدۇ، كىمكى قەسەم قىلماقچى بولسا ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلسۇن ياكى جىم تۇرسۇن » ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) قەسەمنى پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم ياكى سۈپەت (يەنى، بىلگۈچى ياكى قۇدرەتلىك دېگەنگە ئوخشاش)لىرى بىلەن قىلىش كېرەكلىكى.

2) ئەجداد ۋە باشقا مەخلۇقلار بىلەن قەسەم ئىچىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى، چۈنكى قەسەم دېگەن بىرخىل ئۇلۇغلاش بولۇپ، ئۇلۇغلىنشقا پەقەت ئاللاھ تائالا لايىق ئىكەنلىكى.

1708. ئابدۇراھمان ئىبن سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا تحْلِفوا بِالطَّواغِي، ولا بابائِكُمْ » « بۇتلار ۋە ئاتا-بوۋىلارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلماڭلار » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئەجدادلار، ھۆكۈمرانلار، بۇتلار ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باتىل نەرسىلەر بىلەن قەسەم قىلىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. ئەگەر قەسەم ئارقىلىق ئۇلارنى ئۇلۇغلاشنى مەخسەت قىلسا ئىماندىن ئاجرايدىغانلىقى، بولۇپمۇ ئاللاھتىن باشقا كىشىلەر مۇقەددەس دەپ بىلىدىغان نەرسىلەر بىلەن قەسەم قىلسا تېخىمۇ شۇنداق بولىدىغانلىقى.

1709. بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « من حلَف بِالأَمانَةِ فليْس مِنا » « كىمكى ئامانەت بىلەن (ئاللاھ بۇيرۇغان ناماز، روزا، ھەج قاتارلىق پەرزلەر بىلەن) قەسەم قىلسا، ئۇ بىزگە مەنسۇپ ئەمەس » . ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئامانەت بىلەن قەسەم قىلىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى. ئىبن ئەللان ئېيتىدۇ: سۇيۇتى خەتتابىدىن نەقىل قىلغان بىر سۆزىدە مۇنداق دېگەن: ئامانەت بىلەن قەسەم قىلىشنىڭ ھاراملىقىنىڭ سەۋەبى، قەسەم پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم، سۈپەتلىرى بىلەن بولىدۇ. ئامانەت ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم، سۈپەتلىرى قاتارىدا يوق بولۇپ، ئۇ پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ پەرزلىرى بولغاچقا، ئامانەت بىلەن قەسەم ئىچىش ئامانەتنى ئاللاھ تائالانىڭ ئىسمىغا تەڭ قىلغانلىق بولۇپ قالىدۇ.

1710. بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « منْ حلفَ، فقال: إِني برِيءٌ مِنَ الإِسلامِ فإِن كانَ كاذِباً، فَهُو كما قَالَ، وإِنْ كَان صادِقاً، فلَنْ يرْجِع إِلى الإِسلاَمِ سالِماً » « كىمكى ئىسلامدىن چەك ئايرىغان بولۇپ كېتىش بىلەن قەسەم قىلسا، ئەگەر يالغاندىن دېگەن بولسا ئۇ دېگىنىدەك بولىدۇ، ئەگەر راستىن دېگەن بولسا ئىسلامغا ھەرگىزمۇ نۇقسانسىز ھالدا قايتالمايدۇ » .

― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئەگەر مۇنداق قىلسام كافىر بولۇپ كېتەي، ۋە ياكى ئۇنداق قىلسام باشقا دىندىكى كىشى بولۇپ كېتەي دەپ قەسەم قىلىشتىن چەكلەنگەن.

ئالىملار ئېيتىدۇ: ئەگەر بىر كىشى يۇقىرىقىدەك قەسەم قىلىپ راستتىنلا كۇفرىلىقنى مەقسەت قىلغان بولۇپ قەسىمى ئەمەلگە ئاشماي قالسا، ئەمەلىيەتتە ئۇ كۇففار بولۇپ كەتكەن بولىدۇ.

ناۋادا ئۇ كىشى بۇخىل قەسەم ئارقىلىق قەسەم قىلىنغان ئىشتىن پۈتۈنلەي ئۆزىنى چەكلەش مەقسىتىدە بولۇپ قەسىمى ئەمەلگە ئاشماي قالسا (ئۇ ئىشنى سادىر قىلىپ قويسا) بۇخىل ھالەتتە كۇفرى ھېسابلانمايدۇ. شۇنداقتىمۇ بۇخىل قەسەم قەبىھ ئىش بولۇپ، بۇنداق قەسەم قىلغان كىشى مۇسۇلمانچىلىققا نۇقسان يەتكۈزگەن بولىدۇ. شۇڭا، ئىستىغفار ئېيتىشى، قايتا-قايتا شاھادەت ئېيتىشى كېرەك.

1711. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ بىر كىشىنىڭ: « ياق، كەئبە بىلەن قەسەمكى » ، دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ مۇنداق دېگەن: « ئاللاھتىن باشقىسى بىلەن قەسەم قىلمىغىن، شۈبھىسىزكى مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: ‹ منْ حلفَ بِغَيْرِ اللَّهِ، فَقدْ كَفَر أَوْ أَشرْكَ › ‹كىمكى ئاللاھتىن باشقا بىلەن قەسەم قىلسا، ئۇ كۇففارلاردىن ياكى مۇشرىكلاردىن بولىدۇ›». ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

بەزى ئۆلىمالار: « كۇففار بولىدۇ ياكى مۇشرىك بولىدۇ » ، دېگەن سۆزنى گۇناھنىڭ ئېغىرلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن دېيىلگەن دەپ قارايدۇ، خۇددى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: « رىياگەرلىك-مۇشرىكلىكتۇر »، د ېگەن سۆزىگە ئوخشاش.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئاللاھ تائالادىن ۋە ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرىدىن غەيرىي بىلەن قەسەم قىلىشنىڭ چەكلەنگەنلىكى، كىشىلەر كۆپ قەسەم قىلىدىغان شەرىپىم بىلەن قەسەم، باللىرىم بىلەن قەسەم، ئاتامنىڭ رەھمىتى بىلەن قەسەم، دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى شۇنداق، مۇقەددەس زېمىنلار بىلەن، مۇقەددەس جايلار بىلەن، پەيغەمبەرلەر بىلەن، سالىھلار بىلەن قىلىنغان قەسەملەرنىڭ ھەممىسى چەكلەنگەن قەسەمدۇر. كىمكى ئاللاھ تائالا ۋە ئۇنىڭ سۈپەتلىرىدىن غەيرىي بىلەن قەسەم ئىچىدىكەن ياكى قەسەم دەپ تىلغا ئالغان نەرسىنى ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلىغاندەك ئۇلۇغلاشنى كۆزدە تۇتۇدىكەن، ئۇ ئىماندىن ئاجرىغان بولىدۇ.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ