315. باب قەستەن يالغان قەسەم قىلىشنىڭ قاتتىق گۇناھلىقى توغرىسىدا
1712. ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « منْ حلفَ علَى مَالِ امْريءٍ مُسْلِمٍ بغيْرِ حقِّهِ، لقِي اللَّه وهُو علَيْهِ غَضْبانُ » « كىمكى بىر مۇسۇلماننىڭ پۇل-مېلىنى يۇلىۋېلىش ئۈچۈن يالغان قەسەم ئىچىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا دەرغەزەپ بولغان ھالدا مۇلاقات بولىدۇ » . ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ سۆزىنىڭ تەستىقى سۈپىتىدە ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەنىڭ كىتابىدىن بىزگە بۇ ئايەتنى ئوقۇپ بەردى: ﴿إِنَّ الَّذِينَ يَشْتَرُونَ بِعَهْدِ اللّهِ وَأَيْمَانِهِمْ ثَمَنًا قَلِيلاً أُوْلَـئِكَ لاَ خَلاَقَ لَهُمْ فِي الآخِرَةِ وَلاَ يُكَلِّمُهُمُ اللّهُ وَلاَ يَنظُرُ إِلَيْهِمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ وَلاَ يُزَكِّيهِمْ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ﴾ ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى ۋە قەسەملىرىنى ئازغىنا بەدەلگە تېگىشىدىغانلار ئاخىرەتتە (ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن) ھېچقانداق نىسىۋىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئۇلارغا (رەھمەت كۆزى بىلەن) قارىمايدۇ. ئۇلارنى (گۇناھلىرىدىن) پاكلىمايدۇ. ئۇلار قاتتىق ئازابقا قالىدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئال ئىمران 77- ئايەت) ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) يالغان قەسەم بولۇپمۇ كىشىلەرنىڭ مال-مۈلكىنى ناھەق يۇتۇۋېلىش ياكى باشقىلارنىڭ ھەققىنى يوق قىلىۋېتىش ئۈچۈن يالغاندىن قەسەم قىلىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان ۋە ئۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرغان.
2) يالغان قەسەم ئاللاھ تائالانىڭ قاتتىق ئازاب قىلىشىغا سەۋەب بولىدىغان چوڭ گۇناھلاردىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈش، جانغا زامىن بولۇش ۋە ئاتا-ئانىنى قاقشىتىشتىن ئىبارەت چوڭ گۇناھلار بىلەن بىر ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى، چۈنكى يۇقىرىقى گۇناھلارنىڭ ھەربىرى زۇلۇم، ناھەقچىلىك ۋە باشقىلارنىڭ ھەقلىرىگە چېقىلىش ھېسابلىنىدۇ.
3) يالغان قەسەم قىلغان كىشى قەسىمىگە كەففارەت بېرىشى، تەۋبە قىلىشى ۋە ھەقلەرنى ئىگىلىرىگە قايتۇرۇشى كېرەك.
1713. ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « منِ اقْتَطعَ حَقَّ امْرِيءٍ مسْلِمٍ بِيمِينِهِ، فَقَدْ أَوْجَب اللَّه لَهُ النَّارَ، وحرَّم عَلَيْهِ الْجـنَّةَ » « كىمكى بىر مۇسۇلماننىڭ ھەققىنى يالغان قەسەم بىلەن ئېلىۋالسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا دوزاخنى تېگىشلىك، جەننەتنى ھارام قىلىدۇ »، د ېدى. بىر كىشى رەسۇلۇللاھقا: « ئازغىنا نەرسە بولسىمۇ شۇنداق بولامدۇ؟ ئى رەسۇلۇللاھ » ، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « وَإِنْ كان قَضِيباً مِنْ أَراكٍ » « مىسۋاك دەرىخىدىن شاخ چاغلىق نەرسە بولسىمۇ شۇنداق بولىدۇ »، د ېدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1714. ئابدۇللاھ ئىبن ئەمر ئىبن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « الْكَبَائِرُ: الإِشْرَاكُ بِاللَّهِ، وَعُقُوقُ الْوَالِدَيْن، وَقتْلُ النَّفْسِ، والْيَمِينُ الْغَمُوسُ » « گۇناھى كەبىرلەر ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش، يالغان قەسەم قىلىشلاردىن ئىبارەت » .
― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
يەنە بىر رىۋايەتتە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىر ئەئرابى كېلىپ: « ئى رەسۇلۇللاھ، گۇناھى كەبىرلەر قايسى؟»، دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « الإِشْراكُ بِاللَّهِ » « ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش »، د ېدى. ئەئرابى: « ئاندىن قالسىچۇ؟»، دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « الْيَمِينُ الْغَمُوسُ » « يالغان قەسەم قىلىش »، د ېدى. مەن: « يالغان قەسەم دېگەن نېمە؟»، دەپ سورىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « الَّذِي يَقْتَطِعُ مَالَ امْرِيءٍ مسلم » « يالغاندىن قەسەم ئىچىپ مۇسۇلمان ئادەمنىڭ مېلىنى ئېلىۋېلىش »، د ېدى.