رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

316. باب بىر كىشى بىرەر ئىشقا قەسەم قىلسا، ئاندىن ئۇ ئىشتىن ياخشىراق بىر ئىشنى كۆرسە قەسىمىنى بۇزۇپ، ئىچكەن قەسىمىگە كەفـفارەت بېـرىپ، شۇ ياخـشى ئىشنى قىـلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى توغرىسىدا

1715. ئابدۇراھمان ئىبن سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا: « ... وَإِذَا حَلَفْتَ علَى يَمِينٍ، فَرَأَيْت غَيْرَها خَيْراً مِنهَا، فأْتِ الَّذِي هُوَ خَيْرٌ، وكفِّرْ عن يَمِينك » « ... بىرەر نەرسىگە قەسەم قىلساڭ، كېيىن باشقا بىر ئىشنى ئۇنىڭدىن ياخشى دەپ قارىساڭ، بۇ ھالدا سەن ياخشى دەپ قارىغان ئىشنى قىلىپ، قەسىمىڭگە كەففارەت بەرسەڭ بولىدۇ »، د ېگەنىدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) قەسەمنى ئىجرا قىلماسلىق ئۇنى ئىجرا قىلىشتىن ئەۋزەل بولىدىغان بولسا قەسەمگە كەففارەت بېرىپ بۇزۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، ئەگەر پەرزنى تەرك ئېتىشكە ياكى ھارام ئىشنى قىلىشقا قەسەم ئىچكەن بولسا بۇ قەسەمنى بۇزۇشنىڭ ۋاجىپ بولىدىغانلىقى، ئەگەر دىندا تەشەببۇس قىلىنغان ئىشلارنى قىلماسلىققا ياكى دىندا ياخشى ئەمەس دەپ قارالغان ئىشلارنى قىلىشقا قەسەم ئىچسە بۇ قەسەمنى بۇزۇۋېتىشنىڭ مۇستەھەپ ئىكەنلىكى.

2) قەسىمىنى بۇزغان كىشى چوقۇم كەففارەت بېرىش كېرەك. كەففارەتنىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىك مەسىلىسىدە ئۆلىمالار جامائەسى كەففارەتنى ئىلگىرى بېرىشنىڭ جائىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ئۇلار ھەدىسلەرگە ئاساسلىنىپ قەسەمنى بۇزۇشتىن بۇرۇن كەففارەت بېرىش كېرەك دەپ قارايدۇ.

3) ساۋابى ئارتۇق بولغان ياخشى ئىشلارغا ئۆتمەي بۇرۇنقى قەسىمىدە چىڭ تۇرۇۋېلىش بولسا ھەددىدىن ئېشىش ۋە گۇناھقا پېتىشىنىڭ ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ.

4) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش، خۇسۇسەن شەرىئەت ئىشلىرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشكە رىغبەتلەندۈرۈلگەن.

1716. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « منْ حلَف عَلَى يَمِينٍ فَرأَى غَيْرَهَا خَيْراً مِنْهَا، فَلْيُكَفِّرْ عَنْ يَمِينِهِ، ولْيَفْعَلْ الَّذِي هُوَ خَيْرٌ » « كىمكى بىر ئىشقا قەسەم قىلسا، ئۇنىڭدىن باشقا بىر ئىشنى ئۇنىڭدىن ياخشىراق دەپ قارىسا قەسىمىگە كەففارەت بېرىپ ياخشى دەپ بىلگەن ئىشنى قىلسۇن » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

1717. ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِنِّي واللَّهِ إِنْ شَاءَ اللَّه لاَ أَحلِفُ عَلَى يَمِينٍ، ثُمَّ أَرَى خَيْراً مِنهَا إِلاَّ كَفَّرْتُ عَنْ يَمِيني، وأَتيْتُ الَّذِي هُوَ خَيرٌ » « ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئىنشائاللاھ قەسەم قىلمايمەن. قەسەم قىلىپ قالسام قىلغان قەسىمىمدىن ياخشىراق بىر نەرسىنى كۆرسەم، قەسىمىمگە كەففارەت بېرىپ، ياخشى دەپ قارىغان ئىشنى قىلىمەن » ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

1718. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لأَنْ يَلَجَّ أَحَدُكُمْ في يَمِينِهِ في أَهْلِهِ آثَمُ لَهُ عِنْدَ اللَّهِ تَعَالى مِنْ أَنْ يُعْطِيَ كَفَّارَتَهُ الَّتي فَرَض اللَّه عَلَيْهِ » « بىرەرسىڭلار ئۆز ئايالىغا مۇناسىۋەتلىك بىرەر ئىش ئۈستىدە قەسەم ئىچىپ، قەسەم ئىچكەن نەرسىسىگە قارىغاندا باشقا بىر ئىشنى ئەۋزەل دەپ بىلىپ تۇرۇپ، ئىچكەن قەسىمىدە چىڭ تۇرۇۋالغانلىقى كەففارەت بېرىپ قەسىمىنى بۇزغاندىن ئېغىرراق گۇناھتۇر » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ