رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

317. باب يــاق، ئالــلاھ بىــلەن قەســەمــكى ۋە ماقــۇل ئالــلاھ بىــلەن قەسەمكى دېگەندەك قەسەمنى نىيەت قىلماستىن تىلغا رام بولۇپ قالغان سۆزلەرنى قىلىپ سەۋەنلىك بىلەن قىلىنغان قەسەملەرگە كەففارەت كەلمەيدىغانلىقى، كەچۈرۈلىدىغانلىقى توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿لاَ يُؤَاخِذُكُمُ اللّهُ بِاللَّغْوِ فِي أَيْمَانِكُمْ وَلَـكِن يُؤَاخِذُكُم بِمَا عَقَّدتُّمُ الأَيْمَانَ فَكَفَّارَتُهُ إِطْعَامُ عَشَرَةِ مَسَاكِينَ مِنْ أَوْسَطِ مَا تُطْعِمُونَ أَهْلِيكُمْ أَوْ كِسْوَتُهُمْ أَوْ تَحْرِيرُ رَقَبَةٍ فَمَن لَّمْ يَجِدْ فَصِيَامُ ثَلاَثَةِ أَيَّامٍ ذَلِكَ كَفَّارَةُ أَيْمَانِكُمْ إِذَا حَلَفْتُمْ وَاحْفَظُواْ أَيْمَانَكُمْ﴾ ئاللاھ سىلەرنى سەۋەنلىك بىلەن قىلغان قەسىمىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتمايدۇ، لېكىن سىلەرنى قەستەن قىلغان قەسىمىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىدۇ. (مۇنداق قەسىمىڭلارنى بۇزساڭلار) ئۇنىڭ كەففارىتى ئائىلەڭلارغا بېرىدىغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك تاماق بىلەن ئون مىسكىننى بىر ۋاق غىزالاندۇرۇشتۇر، ياكى ئۇلارغا (يەنى ئون مىسكىنگە بەدىنىنى يېپىپ تۇرىدىغان) بىر قۇر كىيىم بېرىشتۇر، ياكى بىر قۇل ياكى بىر چۆرىنى ئازاد قىلىشتۇر، كىمكى بۇنداق قىلىشقا كۈچى يەتمىسە ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشى لازىم. بۇ ئەنە شۇ ئىچكەن قەسىمىڭلارنى بۇزغانلىقىڭلارنىڭ كەففارىتىدۇر. قەسىمىڭلارغا رىئايە قىلىڭلار. («قۇرئان كەرىم» سۈرە مائىدە، 89- ئايەت)

1719. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دېگەن: « ﴿لا يُؤَاخِذُكُمْ اللَّه بِاللَّغْو في أَيْمَانِكُمْ﴾ سەۋەنلىك بىلەن ئىچكەن قەسىمىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى جاۋابكارلىققا تارتمايدۇ ، دېگەن ئايەت: ‹ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ۋە ماقۇل، ئاللا بىلەن قەسەمكى›، دەيدىغان كىشىلەرنىڭ سۆزى توغرىسىدا نازىل بولغان » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: قەسەم ئۈچ تۈرلۈك بولىدىغانلىقى: بىرىنچى، يالغان قەسەم قىلىش توغرىسىدىكى بايان ۋە ھۆكۈملەر يۇقىرىدا سۆزلەنگەن. ئىككىنچى، لەغۋى (بىھۇدە قەسەم) بۇ قەسەمگە گۇناھمۇ يېزىلمايدۇ. كەففارەت بېرىشمۇ كەتمەيدۇ. ئۈچىنچى، چىگىلگەن قەسەم، يەنى بىرەر ئىشنى قىلىش ئۈچۈن ياكى قىلماسلىق ئۈچۈن ئىچىلگەن قەسەم بولۇپ، بۇزۇلسا كەففارەت بېرىش لازىم بولىدۇ. كەففارەت بەرگەندە بىرىنچىدىن، تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئىشنىڭ بىرەرنى تاللاپ قىلسا بولىدۇ. ئون مىسكىنگە ئەتىگەن ياكى كەچتە بىرۋاق تاماق بېرىش ياكى كىيىم بىرىش ۋە ياكى بىرقۇل ئازاد قىلىش. ئىككىنچىدىن، ئەگەر يۇقىرىقى ئۈچ ئىشنىڭ بىرىنى قىلىشتىن ئاجىز كەلسە ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش، روزىنى ئۇلاپ تۇتۇش شەرت ئەمەس. كىيىمنىڭ ئۆلچىمى: ئادەتتە كىيىم ھېسابلىنىدىغان نەرسىلەر بولسا بولىدىغانلىقى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ