318. باب گەرچە راست بولسىمۇ سودىدا قەسەم قىلىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى توغرىسىدا
1720. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم دەيدۇ: « الحَلِفُ منْفَقَةٌ للسِّلْعَةِ، مَمْحَقَةٌ للْكَسْبِ » « يالغان قەسەم مالنىڭ بازىرىنى چىقىرىدۇ، بەرىكىتىنى كەتكۈزىدۇ » .
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1721. ئەبۇ قاتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « إِيَّاكُمْ وَكَثْرَةَ الحلِفِ في الْبَيْعِ ، فَإِنَّهُ يُنَفِّقُ ثُمَّ يَمْحَقُ » « تىجارەتتە كۆپ قەسەم قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى مۇنداق قەسەم مالنىڭ بازىرىنى چىقىرىدۇ يۇ، بەرىكىتىنى ئۇچۇرىۋېتىدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) سودا-سېتىق، مۇئامىلە ئىشلىرىدا ئالدىراپ قەسەم قىلماسلىققا رىغبەتلەندۈرۈش، چۈنكى بۇ خىل قەسەم ماللىرىنى سېتىش ۋە پايدىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ نامىنى قورال قىلىۋالغانلىق بولىدۇ.
2) سودا-سېتىق. مۇئامىلىدە راست بولسىمۇ قەسەم قىلىش ياخشى ئەمەس. ئەگەر يالغاندىن قەسەم قىلسا ھارام ۋە چوڭ گۇناھ ھېسابلىنىدۇ.