319. باب ئاللاھ نامى بىلەن جەننەتتىن باشقىنى سوراشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى ۋە ئاللاھنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ ۋە ئاللاھنى شىپى كەلتــۈرۈپ بىـر نەرسە سورىـغان كىـــشىــگە سـورىغـىنىــنى بەرمەسلىكنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى توغرىسىدا
1722. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا يُسْأَلُ بوَجْهِ اللَّهِ إِلاَّ الجَنَّةُ » « ئاللاھنىڭ نامى بىلەن پەقەت جەننەتلا سورىلىدۇ » . ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) دۇنيالىق مەنپەئەتلىرىگە ئېرىشىۋېلىش ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ نامىنى سۈيىئىستېمال قىلىپ تىلەشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى.
2) ئاخىرەت نېئمەتلىرىنىڭ ھەر قاندىقىنى ئاللاھ تائالانىڭ نامى بىلەن تىلىسە جائىز بولىدىغانلىقى.
1723. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَنِ اسْتَعَاذَ بِاللَّهِ، فأَعِيذُوهُ، ومنْ سَأَل باللَّهِ، فَأَعْطُوهُ، وَمَنْ دَعَاكُمْ، فَأَجِيبُوه، ومَنْ صنَع إِلَيْكُمْ معْرُوفاً فَكَافِئُوهُ، فَإِنْ لمْ تَجِدُوا مَا تُكَافِئُونَهُ به، فَادَعُوا لَهُ حَتَّى تَرَوْا أَنَّكُمْ قَدْ كَافَأْتُموهُ » « كىمكى ئاللاھنىڭ نامى بىلەن پاناھلىق سورايدىكەن، پاناھلىق بېرىڭلار، كىمكى ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سورىسا ئۇنىڭغا بېرىڭلار، كىمكى سىلەرنى چاقىرىدىكەن بېرىڭلار، كىمكى سىلەرگە ياخشىلىق قىلسا، ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇڭلار، ئەگەر ياخشىلىقىغا جاۋاب قايتۇرغۇدەك نەرسە تاپالمىساڭلار، ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى قايتۇردۇم دەپ قارىغانغا قەدەر خەيرىلىك دۇئا قىلىڭلار » . ― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئاللاھ تائالانىڭ نامى بىلەن پاناھ ئىزدىگەن كىشىگە پاناھلىق بېرىشكە رىغبەتلەندۈرۈلگەن.
2) ئاللاھ تائالانىڭ نامى بىلەن سوراشنىڭ ھۆكمى سورىغۇچىنىڭ سورالغۇچى ئادەمنىڭ ئەھۋالىنى بىلىشىگە قاراپ پەرقلىق بولىدۇ. سورىغۇچى ئادەم سورالغۇچى ئادەمنىڭ سورالغاندا ۋۇجۇدى تىترەپ سورالغاننى بېرىشكە ئالدىرايدىغانلىقى، ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىشنى غەنىيمەت بىلىدىغانلىقىنى بىلەلىسە، ئۇنىڭدىن سوراش دۇرۇس بولىدۇ. (گەرچە دۇنياۋى غەرەز ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ نامى بىلەن سورىماسلىق ئەۋزەل بولسىمۇ) ئەگەر سورالغان ئادەمنىڭ سورىغۇچىدىن زېرىكىدىغان، ئۇنى قۇرۇق قول قايتۇرىدىغان ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلسە، ئۇ چاغدا ئۇنىڭدىن سوراش ھارام بولىدۇ.
3) ئاللاھ تائالانىڭ نامى بىلەن تىلەپ كەلگەن كىشىنى قۇرۇق قول قايتۇرماسلىق، ئۇنىڭ تەلىپىنى خۇشاللىق بىلەن ۋە كۆڭۈل ئازادىلىكى بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ تەلىپىنى قاندۇرۇش، ئۇنىڭدىن «بىرەر ياخشىلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرار»، دەپ كۈتمەسلىك كېرەكلىكى.
4) چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇش، يەنى چاقىرغان يەرگە بېرىش.
5) ياخشىلىققا ياخشىلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش ياكى دۇئائى خەير بىلەن بولسىمۇ ياخشىلىقنى بىلىشنىڭ مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئەخلاقى ئىكەنلىكى.