رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

320. باب سۇلتاننى شاھىنشاھ دەپ ئاتاشنىڭ ھاراملىقى، چۈنكى ئۇنىڭ مەنىسى «شاھلارنىڭ شاھى»، دېگەن بولىدىغانلىقى، ئالـــلاھــتىن غــەيــــرىيـــنى بـــۇنـــداق ســۈپەتـــلەش لايىق ئەمەسلىكى توغرىسىدا

1724. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِنَّ أَخْنَعَ اسمٍ عندَ اللَّهِ عزَّ وجَلَّ رَجُلٌ تَسَمَّى مَلِكَ الأَملاكِ » « ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ يامان ئىسىم، شۇنداق بىر ئادەمنىڭ ئىسمىدۇركى، پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى دەپ ئاتالغان ئىسىم » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بۇ ھەدىستە مەخلۇقاتلارنى پەقەت ئاللاھ تائالاغىلا تەۋە سۈپەتلەر ياكى بەندىنى ئاللاھ تائالاغا قۇلچىلىق قىلىشتىن ئىبارەت ئەسلىي سۈپەتتىن چىقىرىۋېتىدىغان سۆزلەر بىلەن سۈپەتلەشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ