رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

321. باب پاسىقلارنى، بىدئەتچىلەرنى خوجا دەپ ئاتاش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھۆرمەت سۆزلىرى بىلەن ئاتاپ تۇرۇپ سۆزلىشىشنىڭ مەنئى قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا

1725. بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا تَقُولُوا للْمُنَافِقِ سَيِّدٌ، فَإِنَّهُ إِنْ يكُ سَيِّداً، فَقَدْ أَسْخَطْتُمْ رَبَّكُمْ عزَّ وَجَلَّ » « مۇناپىقلارنى ‹سەييىد›، دېمەڭلار، ئەگەر ئۇنى سەييىد دەپ بىلسەڭلار، ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىڭلارنى غەزەپلەندۈرگەن بولىسىلەر » . ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) مۇناپىقنى ھۆرمەتلەش سۈپەتلىرى بىلەن سۈپەتلەشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى، چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ ئىتائىتىدىن چەتلەپ، خارلىققا لايىق بولغان كىشىلەرنى ئۇلۇغلاش ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغانلىقى.

2) ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىپ ۋە ئاللاھ تائالانىڭ پەرمانلىرىغا بويسۇنۇپ، كەمتەر بولغان كىشىلا ئېھتىرام ۋە قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغانلىقى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ