322. باب قىزىتمىنى تىللاشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى توغرىسىدا
1726. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇممۇ سائىبنىڭ يېنىغا كىرىپ: « مَالَكِ يا أُمَّ السَّائبِ أَوْ يَا أُمِّ المُسيَّبِ تُزَفْزِفينَ؟ » « سەن نېمە بولدۇڭ، ھەي، ئۇممۇ سائىب! تىترەپ كېتىپسەنغۇ؟»، دېدى. ئۇممۇ سائىب: « قىزىتمىدىن تىترەپ كەتتىم، قىزىتما دېگەن قۇرۇپ كەتسۇن »، د ېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « لا تَسُبِّي الحُمَّى، فَإِنَّهَا تُذْهِبُ خَطَايا بَني آدم، كَما يُذْهِبُ الْكِيرُ خَبثَ الحدِيدِ » « قىزىتمىنى تىللىمىغىن، چۈنكى قىزىتما ئادەم بالىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى خۇددى تۆمۈرچىنىڭ كۆيىكى تۆمۈرنىڭ كىرىنى كەتكۈزۈۋەتكەندەك كەتكۈزۈۋېتىدۇ » ، دېدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) دەرد-ئەلەم ۋە كېسەللىكلەرنىڭ گۇناھلارغا كەففارەت بولىدىغانلىقى، ياخشىلىقلارنىڭ زىيادە بولۇشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقى.
2) كېسەللىكلەرنى قارغىماسلىق، چۈنكى بۇنداق قىلىش ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىرىگە رازى بولمىغانلىق بولىدىغانلىقى، كېسەللىكتە يۇقىرىقىدا سۆزلەنگەندەك پايدىلارنىڭ بولىدىغانلىقى، بۇنىڭدىن كېسەللىكنى داۋالاتماسلىق دېگەن مەنە چىقمايدىغانلىقى، شەرىئەتتە كېسەلنى داۋالاشقا بۇيرۇلغانلىقى.