323. باب شامالنى تىللاشتىن مەنئى قىلىش ۋە شامال چىققاندا نېمە دېيىلىدىغانلىقى توغرىسىدا
1727. ئۇبەي ئىبن كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا تَسُبُّوا الرِّيحَ، فَإِذَا رَأَيْتُمْ ما تَكْرَهُونَ، فَقُولُوا: اللَّهُمَّ إِنَّا نَسْأَلُكَ مِنْ خَيْرِ هذِهِ الرِّيحِ وخَيْرِ مَا فِيهَا وخَيْرِ ما أُمِرَتْ بِهِ، وَنَعُوذُ بِكَ مِنْ شَرِّ هَذِهِ الرِّيحِ وَشَرِّ ما فيها وشرِّ ما أُمِرَتْ بِهِ » « شامالنى تىللىماڭلار، شامالدا سىلەر ياقتۇرمايدىغان بىرەر ھالنى كۆرگەندە: ‹ئى ئاللاھ! سەندىن مۇشۇ شامالنىڭ پايدىلىق بولۇشىنى ۋە بۇ شامالدىكى نەرسىلەرنىڭ پايدىلىق بولۇشىنى ۋە بۇشامالنىڭ پايدا ئېلىپ كېلىشىنى تىلەيمىز ۋە سەندىن بۇ شامالنىڭ يامانلىقىدىن ۋە بۇ شامالدىكى نەرسىلەرنىڭ يامانلىقىدىن ۋە شامالنىڭ يامانلىق ئېلىپ كېلىشىدىن پاناھ تىلەيمىز›، دەڭلار » . ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
1728. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « الرِّيحُ مِنْ رَوْحِ اللَّهِ تَأْتِي بِالرَّحْمَةِ، وَتَأْتِي بالعَذَابِ، فَإِذا رَأَيْتُمُوهَا فَلا تَسُبُّوهَا، وَسَلُوا اللَّه خَيْرَهَا، واسْتَعِيذُوا باللَّهِ مِنْ شَرِّهَا » « شامال ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى بولۇپ ئۇ رەھمەت ئېلىپ كېلىدۇ ۋە ئازابمۇ ئېلىپ كېلىدۇ، شامالنى كۆرگىنىڭلاردا ئۇنى تىللىماڭلار، ئاللاھتىن ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى سوراپ، ئۇنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەڭلار » . ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
1729. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، قاچانكى شامال چىقسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيتتى: « اللَّهُمَّ إِني أَسْأَلُكَ خَيْرَهَا، وَخَيْرِ مَا فِيهَا، وخَيْر ما أُرسِلَتْ بِهِ، وَأَعُوذُ بك مِنْ شَرِّهِا، وَشَرِّ ما فِيها، وَشَرِّ ما أُرسِلَت بِهِ » « ئى ئاللاھ! سەندىن ئۇنىڭ پايدىلىق بولۇشىنى ۋە ئۇنىڭدىكى نەرسىلەرنىڭ پايدىلىق بولۇشىنى ۋە ئۇنىڭ پايدا ئېلىپ كېلىشىنى تىلەيمەن ۋە سەندىن ئۇنىڭ يامانلىقى ۋە ئۇنىڭدىكى نەرسىلەرنىڭ يامانلىقى ۋە ئۇنىڭ يامانلىق ئېلىپ كېلىشىدىن پاناھ تىلەيمەن » .
― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) شامال ۋە ئۇنىڭدىن باشقا تەبىئەت ھادىسىلىرىنى تىللاشنىڭ يامان ئىكەنلىكى. چۈنكى، بارلىق تەبىئەت ھادىسىلىرى ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقى بويىچە بولىدىغانلىقى.
2) كائىنات ھادىسىلىرى ئاللاھ تائالانىڭ بىرلىكىگە دالالەت قىلىدىغان دەلىللەر ئىكەنلىكى ۋە قۇدرەت كامالىنىڭ كۆرۈنۈشلىرى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئاللاھ تائالا رەھمەتنى ئىرادە قىلغان كىشىلەرگە رەھمەت ۋە ياخشىلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقى، ئاللاھ تائالا ئازابنى ئىرادە قىلغان كىشىلەرگە ھالاكەت ۋە ئازاب ئېلىپ كېلىدىغانلىقى.
3) يامان ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغان ياكى ئەنسىزچىلىككە سالىدىغان تەبىئەت ھادىسىلىرىنى كۆرگەندە ئاللاھ تائالاغا تۆۋەنچىلىك بىلەن ئىلتىجا قىلىش لازىملىقى.
4) شامالدا رىزىق ۋە تەنلەرنىڭ سالامەت بولۇشىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىگە ئوخشاش كۆپ ياخشىلىقمۇ ھەمدە زىرائەت ۋە نەسىلنى ھالاكەتكە ئۇچرىتىدىغان يامانلىقمۇ بار بولۇپ، مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئاللاھ تائالادىن شامالنى ياخشىلىققا ئايلاندۇرۇپ بېرىشنى، يامانلىقتىن ساقلىشىنى تىلىشى كېرەكلىكى.
5) شامال چىققاندا يۇقىرىقى دۇئا بىلەن دۇئا قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.
6) تىللاش ۋە سۆكۈش (گەرچە ئىنسانلاردىن باشقا مەخلۇقاتلارنى بولسىمۇ)نىڭ مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقى ئەمەسلىكى.