رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

324. باب خورازنى تىللاشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى توغرىسىدا

1730. زەيىد ئىبن خالىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا تَسُبوا الدِّيكَ، فَإِنَّهُ يُوقِظُ للصلاةِ » « خورازنى تىللىماڭلار، چۈنكى ئۇ نامازغا ئويغىتىدۇ » . ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) خورازنى تىللاشقا بولمايدىغانلىقى، چۈنكى خوراز كىشىلەرنى ئۇيقۇدىن ئويغىتىپ، ناماز ۋە كېچە ئىبادەتلىرىگە ئالدىراشقا ئۈندەيدىغانلىقى.

2) خورازنىڭ چىللىشىدىن زېرىكىش ھېس قىلىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى.

3) ئاللاھ تائالانىڭ تائىتىگە ياردەمدە بولىدىغان ۋە شۇنىڭغا تۈرتكە بولىدىغان بارلىق ئىشلارغا قىزىقىش مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقى ئىكەنلىكى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ