325. باب پالانى يۇلتۇز بەرىكىتىدىن بىزلەرگە يامغۇر ياغدى دېيىشنىڭ مەنئى قىلىنغانلىقى توغرىسىدا
1731. زەيىد ئىبن خالىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ھۇدەيبىيەدە يامغۇر ياغقان كېچىنىڭ ئەتىگىنى بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بەردى. نامازنى ئوقۇپ بولۇپ كىشىلەرگە قاراپ: « هَلْ تَدْرُون مَاذَا قَالَ رَبُّكُمْ؟ » « رەببىڭلارنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟»، دېدى. ساھابىلەر: « ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بۇنى ئوبدان بىلىدۇ » ، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « قَالَ: أَصْبَحَ مِنْ عِبَادِي مُؤمِنٌ بي، وَكَافِرٌ، فأَمَّا مَنْ قالَ مُطِرْنَا بِفَضْلِ اللَّهِ وَرَحْمتِهِ، فَذلِكَ مُؤمِنٌ بي كَافِرٌ بالْكَوْكَبِ، وَأَمَّا مَنْ قالَ: مُطِرْنا بِنَوْءِ كَذا وَكذا، فَذلكَ كَافِرٌ بي مُؤمِنٌ بالْكَوْكَبِ » « ئاللاھ ئېيتىدۇ: ‹مېنىڭ بەندىلىرىمدىن بەزىسى مۇئمىن ھالدا تاڭ ئاتقۇزدى. بەزىسى كافىر ھالدا تاڭ ئاتقۇزدى. ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە مەرھەمىتى بىلەن يامغۇر ياغدى، دېگەن ئادەمگە كەلسەك ماڭا ئىمان ئېيتقۇچىدۇر، يۇلتۇزنى ئىنكار قىلغۇچىدۇر. پالانى-پالانى يۇلتۇزنىڭ بەرىكىتىدىن بىزگە يامغۇر ياغدى، دېگەن ئادەمگە كېلىدىغان بولساق، ئۇ مېنى ئىنكار قىلغۇچىدۇر، يۇلتۇزغا ئىمان ئېيتقۇچىدۇر ›»، د ېدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) كائىنات ھادىسىلىرىنىڭ ھەقىقىي باشقۇرغۇچىسى ئاللاھ تائالا بولۇپ، ھادىسىلەرنى ئاللاھ تائالاغا نىسبەت بېرىش كېرەك.
2) ھادىسىلەر پەقەت سەۋەبچى ئامىللاردىنلا پەيدا بولغان دەپ قاراش كۇفرىلىق ۋە خۇداغا شېرىك كەلتۈرگەنلىك بولىدىغانلىقى.
3) ھادىسىلەرنىڭ ھەقىقىي پەيدا قىلغۇچىسى ئاللاھ تائالا دەپ قاراش بىلەن بىر ۋاقىتتا ھادسىلەرنى سەۋەبچى ئامىللارغا نىسبەت بەرسە بولىدىغانلىقى.
4) جاھىلىيەت زامانىسىدىكى كىشىلەر بىرەر يۇلتۇز چىققان ياكى كۆچكەن ۋاقىتتا يامغۇر ياغسا، يامغۇرنى شۇ يۇلتۇزغا نىسبەت بېرەتتى. ساھابىلەرمۇ جاھىلىيەت كىشىلىرىدەك قاراشتا بولۇۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ خىل قاراشتىن ئۇلارنى قاتتىق چەكلىگەن.