رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

327. باب يامان سۆزلەرنى قىلىش ۋە ئاغزى بېزەپلىكتىن مەنئى قىلىش توغرىسىدا

1734. ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لَيْس المُؤْمِنُ بالطَّعَّانِ، وَلا اللَّعَّانِ، وَلا الْفَاحِشِ، وَلا الْبَذِيء » « مۇئمىن ئادەم كىشىلەرگە تىل تەگكۈزمەيدۇ، كىشىلەرنى قارغىمايدۇ، يامان سۆز قىلمايدۇ ۋە ئاغزىنى بۇزۇپ تىللىمايدۇ » ، دېدى. ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) يامان ئەخلاقلاردىن يىراقلىشىپ، ياخشى ئەخلاقلار بىلەن زىننەتلىنىش ئىمانى كامىللىق ھېسابلىنىدىغانلىقى.

2) تىل-ئاھانەت، تەنە-مالامەت ۋە قەبىھ سۆزلەر بىلەن ھاقارەت قىلىشتىن يىراق بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن ھەمدە يۇقىرىقى ئىشلارنى قىلىشنىڭ ئىماننىڭ كەمتۈكلۈكىنىڭ دەلىلى ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.

1735. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَا كَانَ الْفُحْشُ في شَيْءٍ إِلاَّ شانَهُ، ومَا كَانَ الحَيَاءُ في شَيْءٍ إِلاَّ زَانَهُ » « بىھايالىق كىشىنى سەت كۆرسىتىدۇ، نۇمۇسچانلىق كىشىگە ھۆسىن قوشىدۇ » . ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) بىھايا سۆز-ھەرىكەتلەرنى تەرك ئېتىشكە رىغبەتلەندۈرۈلگەن ھەمدە بىھايا سۆز-ھەرىكەتلەرنىڭ گۇناھ ئىشلارغا پېتىپ قېلىشنىڭ سەۋەبچىسى ئىكەنلىكى سۆزلەنگەن.

2) ھايالىق بولۇش، چۈنكى ھايا مالامەتكە قالدۇرىدىغان ئىشلاردىن يىراق قىلىدۇ. ئەيىب-نۇقسانلار بىلەن سۈپەتلىنىپ قېلىشتىن يىراقلاشتۇرىدۇ.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ