328. باب ئاۋام خەلق بىــلەن پاراڭــلاشـــقانــدا ئۇســـتىلىق بىـــلەن پاساھەتلىك سۆزلەيمەن دەپ زورۇقۇش، ئادەتتە ئىشلەتمەيدىغان ياۋا سـۆزلەرنى ۋە چۈشىـنىكــسىز ئاتالــغۇلارنى ئىشـلىـتىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى توغرىسىدا
1736. ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « هَلَكَ المُتَنَطِّعُون » « سۆز-ھەرىكەتتە چوڭقۇرلىشىمەن دەپ ھەددىدىن ئاشۇروۋەتكۈچىلەر ھالاك بولىدۇ »، د ەپ ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بۇ ھەدىستە سۆز-ھەرىكەتلەردە چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىشتىن ئاگاھلاندۇرۇلغان ۋە ئىشلارنى زورۇقماستىن ئاددىي ئېلىپ بېرىشقا تەرغىب قىلىنغان.
1737. ئابدۇللاھ ئىبن ئەمر ئىبن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِنَّ اللَّه يُبْغِضُ الْبَلِيغَ مِنَ الرِّجَالِ الَّذي يَتَخَلَّلُ بِلِسَانِهِ كَمَا تَتَخَلَّلُ الْبَقَرَةُ » « كالا ئوتنى يالماپ يېگەندەك چايناپ گەپ قىلىدىغانلارنى ئاللاھ يامان كۆرىدۇ » . ― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
1738. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِنَّ مِنْ أَحَبِّكُمْ إِليَّ، وَأقْرَبِكمْ مِنِّي مَجْلِساً يَوْمَ الْقِيامةِ، أَحَاسِنُكُمْ أَخْلاقاً، وَإِنَّ أَبْغَضَكُمْ إِليَّ، وَأَبْعَدَكُمْ مِنِّي يوْمَ الْقيَامَةِ، الثَّرْثَارُونَ، وَالمُتَشَدِّقُونَ وَالمُتَفَيْهِقُونَ » « قىيامەت كۈنى ماڭا ئەڭ سۆيۈملۈك ۋە ئورۇن جەھەتتە ئەڭ يېقىن بولىدىغىنىڭلار ئەڭ گۈزەل ئەخلاقلىق بولغىنىڭلاردۇر. قىيامەت كۈنى مەن ئەڭ يامان كۆرىدىغان ۋە مەندىن ئەڭ يىراق بولىدىغىنىڭلار، تولا گەپ قىلىدىغان، ئاغزىغا كەلگەننى بىلجىرلايدىغان، سۆزمەنلىكىنى كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن ئاغزىنى تولدۇرۇپ گەپ قىلىدىغانلاردۇر » . ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى (1737~1738): 1) ھېچقانداق پايدىسى يوقلا ئاغزىغا كەلگەنچە بىلجىرلاپ ياسالمىلىق بىلەن پايدىسىز سۆزلەرنى قىلىشقا بولمايدىغانلىقى ھەمدە بۇنداق سۆزلەشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى. ئاللاھ تائالانىڭ غەزەپ-نەپرىتىگە ئۇچراپ قىيامەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شاپائىتىدىن يىراقلىشىپ كېتىش خارلىق ۋە مەھرۇملۇق بولۇپ، قىيامەت كۈنىدىكى خارلىق پەقەت ھارام ئىشلارنى قىلغانلارغا خاس بولىدىغانلىقى.
2) مۇسۇلمان كىشى سۆز قىلغاندا ياسالمىلىق قىلماي، قىيىن ئىبارىلەرنى ئىشلەتمەي، زورۇقماي، پاساھەت-بالاغەتلىك ۋە مەنتىقىگە ئۇيغۇن ھالدا سۆز ئىشلىتىشى، ئۆز تەبىئىتىنى ساقلىشى كېرەك.
3) كەمتەرلىك بىلەن سۆزلەش مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقى كامىللىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.