329. باب نەپسىم ئەسكىلىشىپ كەتتى دېيىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى توغرىسىدا
1739. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا يَقُولَنَّ أَحَدُكُمْ خَبُثَتْ نَفْسي، وَلكِنْ لِيَقُلْ: لَقِسَتْ نَفْسِي » « بىرەرسىڭلار نەپسىم ئەسكىلىشىپ كەتتى دېمىسۇن، لېكىن نەپسىم قاساۋەتلىشىپ كەتتى دېسۇن » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئاللاھ تائالا مۇسۇلماننى ھۆرمەتلىك قىلغاچقا مۇسۇلمان ئۆزىنى «نەپسىم ئەسكىلىشىپ كەتتى»، دەپ سۈپەتلىشىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى.
2) سۆزلىگەندە چىرايلىق ئىبارىلەرنى ئىشلىتىش، قەبىھ سۆزلەرنى قىلماسلىققا رىغبەتلەندۈرۈلگەن.