رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

330. باب ئۈزۈمنى كەرم (ئۇلۇغ) دەپ ئاتاشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى توغرىسىدا

1740. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا تُسَمُّوا الْعِنَبَ الْكَرْمَ، فإِنَّ الْكَرْمَ المُسْلِمُ » « ئۈزۈمنى كەرم دەپ ئاتىماڭلار، چۈنكى كەرم دېگەن نام مۇسۇلمانغا مۇناسىپتۇر » .

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

يەنە بىر رىۋايەتتە: « فَإِنَّمَا الْكَرْمُ قَلْبُ المُؤْمِنِ » « كەرم دېگەن مۇئمىننىڭ قەلبىدۇر » ، دېيىلگەن

يەنە بىر رىۋايەتتە: « يَقُولُونَ الْكرْمُ إِنَّمَا الْكَرْمُ قلْبُ المُؤْمِنِ » « ئۇلار ئۈزۈمنى كەرم دەپ ئاتايدۇ، ئەمەلىيەتتە كەرم دېگەن مۇئمىننىڭ قەلبىدۇر » ، دېيىلگەن.

1741. ۋائىل ئىبن ھۇجرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا تَقُولُوا: الْكَرْمُ، وَلَكِنْ قُولُوا: الْعِنَبُ، وَالحبَلَةُ » « ئۈزۈمنى كەرم دەپ ئاتىماڭلار، لېكىن ئىنەب ۋە ھەبەلە دەڭلار » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى (1740~1741): ئۈزۈمگە «كەرم» (ئۇلۇغ دېگەن مەنىدە) دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى، ئۈزۈم لۇغەتتە «كەرم»، دەپ ئاتالسىمۇ، لېكىن بۇ ئاتالغۇ بىلەن ئاتاش پاك مۇسۇلماننىڭ ئالاھىدىلىكى بولغان مەدھىيە سۆزى بىلەن باشقا نەرسىنى ئاتىغانلىق بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، بىرەر نەرسىنى ئۆزىدە يوق مەدھىيە سۈپەتلەر بىلەن ئاتاش چەكلەنگەن.

ئىبن جەۋزى جامىئۇلمۇسنەدتە ئېيتىدۇ: «كەرم»، دېگەن ئاتالغۇنى ئۈزۈمگە ئىشلىتىشتىن چەكلەشنىڭ سەۋەبى، ئەرەبلەر ئۈزۈم ھارىقىنى ئىچكەنلىكتىن ئۇنى ئۇلۇغ ھېسابلىشاتتى. شۇڭا، ئۈزۈمنى «كەرم»، دېگەن ئاتالغۇ بىلەن ئاتىغان بولغاچقا، ئۈزۈمنى مەدھىيە سۆزى بىلەن ئاتاش چەكلەنگەن. قەلبى ئىمان نۇرى بىلەن تولغان مۇئمىن «كەرم»، دېگەن سۆزگە ئەڭ لايىق.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ