331. باب ئۆيلىنىشكە ئوخشاش بىرەر شەرىئەتكە دائىر سەۋەب بولمىسا، ئەر كىشىگە بىر ئايالنىڭ گۈزەللىكلىرىنى سۆزلەپ بېرىشتىن چەكلەش توغرىسىدا
1742. ئابدۇللاھ ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا تُبَاشِرِ المرْأَةُ المَرْأَةَ، فَتَصِفَهَا لِزَوْجِهَا كَأَنَّهُ يَنْظُرُ إِلَيْهَا » « ئايال بىلەن ئايال بىر تۈشەكتە ياتمىسۇن. بىر تۈشەكتە ياتسا، ئۇ ئايال ئېرىگە ئىككىنچى ئايالنىڭ سۈپىتىنى گويا ئېرى ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇۋاتقاندەك سۈپەتلەپ بېرىپ قالىدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئايال كىشىنى يات بىر ئەرگە سۈپەتلەپ بېرىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى. چۈنكى، سۈپەتلەش قاراش ۋە كۆرۈشنىڭ ھۆكمىدە. بۇنىڭدىكى ھېكمەت: سۈپەتنى ئاڭلىغۇچى ئادەم سۈپەتلەنگۈچىگە كۆڭلى چۈشۈپ قېلىپ ۋە قىزىقىپ پىتنىگە دۇچار بولۇشى مۇمكىن.