332. باب ئى ئاللاھ، خالىساڭ مەغفىرەت قىلغىن، دەپ دۇئا قىلىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى، بەلكى ئىشىنىپ مەغفىرەت تىلەش كېرەكلىكى توغرىسىدا
1743. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا يَقُولَنَّ أَحَدُكُمْ: اللَّهُمَّ اغْفِرْ لي إِنْ شِئْتَ: اللَّهُمَّ ارْحَمْني إِنْ شِئْتَ، لِيعْزِمِ المَسْأَلَةَ، فإِنَّهُ لا مُكْرِهَ لَهُ » « بىرەرسىڭلار ھەرگىزمۇ، ئى ئاللاھ! خالىساڭ مېنى مەغفىرەت قىلغىن، ئى ئاللاھ! خالىساڭ ماڭا رەھمەت قىلغىن دېمىسۇن. بەلكى ئىشەنچ قىلىپ تىلىسۇن، چۈنكى ئاللاھنى زورلىغۇچى يوق (ئاللاھ ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ، شۇڭا تىلىگىنىمنى بېرەلمىسە خىجىل بولۇپ قالمىسۇن دېگەندەك ئىنسانلارغا ئىشلىتىدىغان ئەگەر خالىسىڭىز دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى ئىشلىتىشنىڭ قەتئىي ھاجىتى يوق) » .
مۇسلىمنىڭ بىر رىۋايىتىدە مۇنداق دېيىلگەن: « وَلكنْ، لِيَعْزِمْ وَلْيُعْظِّمِ الرَّغْبَةَ، فَإِنَّ اللَّه تَعَالى لا يتَعَاظَمُهُ شَـيْءٌ أَعْطَاهُ » « ئىشىنىپ تۇرۇپ تىلىسۇن، تىلىگىنى قانچە چوڭ بولسىمۇ تىلەۋەرسۇن. لېكىن، ئاللاھنىڭ بەندىسىگە بەرگىنى ئاللاھقا نىسبەتەن چوڭ بىلىنمەيدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1744. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِذا دعا أَحَدُكُمْ، فَلْيَعْزِمِ المَسْأَلَةَ، وَلا يَقُولَنَّ: اللَّهُمَّ إِنْ شِئْتَ، فَأَعْطِني، فَإِنَّهُ لا مُسْتَكْرهَ لَهُ » « بىرەر سىڭلار دۇئا قىلسا ئىشىنىپ تۇرۇپ قىلسۇن، ھەرگىزمۇ، ئى ئاللاھ! خالىساڭ بەرگىن دېمىسۇن. چۈنكى ئاللاھنى بېرىشكە زورلىغۇچى يوق » .
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.