رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

333. باب ئاللاھ ۋە پالانى خالىسا دېيىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكى توغرىسىدا

1745. ھۇزەيفە ئىبن يەمانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا تَقُولوا: ماشاءَ اللَّه وشاءَ فُلانٌ، ولكِنْ قُولوا: مَا شَاءَ اللَّه، ثُمَّ شَاءَ فُلانٌ » « ئاللاھ خالىسا ۋە پالانى خالىسا دېمەڭلار، لېكىن ئاللاھ خالىسا ئاندىن پالانى خالىسا دەڭلار » . ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى (1743~1745): 1) ئىنساننىڭ خاھىشىنى ئاللاھ تائالانىڭ خاھىشى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى، بۇنداق قىلغاندا خالىغان چاغدىكى ئورتاقلىق ئىنسان بىلەن ئاللاھ تائالادا تەڭ بار دېگەن گۇمانغا چۈشۈرۈپ قويىدىغانلىقى، ئەمەلىيەتتە ئىككى خاھىش ئوتتۇرىسىدا زور پەرق مەۋجۇت ئىكەنلىكى، چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ خاھىشى ئەزەلى بولۇپ، بەندىنىڭ بولسا يېڭىدىن پەيدا بولغانلىقى.

2) ئەگەر ئىككى خاھىش ئارىلىقىنى «ئاندىن كېيىن»، دېگەن قوشۇمچىلار بىلەن ئايرىسا چەكلەنمەيدىغانلىقى، چۈنكى بۇنداق دېگەنلىك ئاللاھ تائالانىڭ خاھىشى بولغاندىلا، ئاندىن بەندىنىڭ خاھىشى بولالايدۇ، دەپ قارىغانلىق بولىدىغانلىقى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ