رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

334. باب خۇپتەندىن كېيىن پاراڭ سېلىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى توغرىسىدا

بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ياخشى بولمىغان پاراڭ خۇپتەندىن كېيىنكى ۋاقىتتىن باشقا چاغلاردا قىلىنسا كارايىتى بولمايدۇ. باشقا چاغلاردا قىلىنسا مەكرۇھ ياكى ھارام سانىلىدىغان پاراڭلار بۇ چاغدا تېخىمۇ مەكرۇھ ۋە ھارام سانىلىدۇ. ئىلىمى مۇزاكىرە، ياخشى كىشىلەرنىڭ ھېكايىلىرى، گۈزەل ئەخلاققا ئائىت پاراڭلار، مىھمان بىلەن سۆزلىشىش، ھاجەتمەن بىلەن سۆزلىشىش قاتارلىق پاراڭلار، شۇنداقلا بىرەر ئۆزرە بولۇپ قېلىپ قىلغان پاراڭلاردا ھېچ باك يوقتۇر. بۇ ھەقتە كەلگەن سەھىھ ھەدىسلەر بۇ جەھەتتىكى بايانىمىزنى تەكىتلەيدۇ.

1746. ئەبۇ بەرزە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خۇپتەندىن ئىلگىرى ئۇخلاشنى، خۇپتەندىن كېيىن پاراڭ سېلىشنى ياقتۇرمايتتى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) خۇپتەن نامىزى ئوقۇماي ئۇخلاشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى، چۈنكى بۇنداق قىلغاندا تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن ئويغىنالماي خۇپتەن نامىزى قازا بولۇپ كېتىشى مۇمكىن.

2) خۇپتەن نامىزىدىن كېيىنلا ئۇخلاش، بىكار گەپ قىلىپ ئولتۇرماسلىق، خۇپتەندىن كېيىنلا ئۇخلىماي، باشقا سۆز-ھەرىكەتلەر بىلەن مەشغۇل بولۇش كېچە ئىبادەتلىرىگە ۋاقتىدا ئويغىنالماسلىق ياكى بامداتنى ۋاقتىدا ئوقۇيالماسلىققا سەۋەبچى بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، بىر كۈنلۈك ئىش-ھەرىكەتنى ناماز بىلەن ياخشى تاماملاش ئۈچۈن خۇپتەندىن كېيىنلا ئۇخلاش ئەۋزەل.

3) خۇپتەندىن كېيىن شەرىئەتكە ئالاقىسى يوق قۇرۇق گەپ قىلىپ ئولتۇرۇشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى ھەمدە نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىشقا توسالغۇ بولىدىغان مەشغۇلات ياكى بىھۇدە سۆز-ھەرىكەتلەرنىڭ ھارام ئىكەنلىكى. چۈنكى، بۇنداق قىلىش نامازنى قەستەن، ئۆز ۋاقتىدىن كېچىكتۈرگەنلىك ھۆكمىدە بولىدۇ.

1747. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاخىرىقى ئۆمرىدە بىر ئاخشىمى خۇپتەننى (جامائەت بىلەن) ئوقۇپ بولۇپ مۇنداق دېدى: « أَرَأَيْتَكُمْ لَيْلَتَكُمْ هَذِهِ؟ فَإِنَّ على رَأْسِ مِئَةِ سَنَةٍ لا يَبْقَى مِمَّنْ هُوَ عَلى ظَهْرِ الأَرْضِ اليَوْمَ أَحدٌ » « بۇ كېچە توغرۇلۇق دەپ بېقىڭلارچۇ؟ مەن ئېيتايكى، مۇشۇ كېچىدىن باشلاپ يۈز يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەر يۈزىدىكى بۈگۈنكى ھايات كىىشلەردىن ھېچكىم قالمايدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

1748. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ساھابىلەر (بىر ئاخشىمى خۇپتەن نامىزى ئۈچۈن) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۈتۈپ ئولتۇردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېرىم كىچىگە يېقىن كېلىپ ئۇلارغا خۇپتەن نامىزى ئوقۇپ بەردى. ئاندىن بىزگە نۇتۇق سۆزلەپ مۇنداق دېدى: « أَلا إِنَّ النَّاسَ قَدْ صَلُّوا، ثُمَّ رَقَدُوا » وَإِنَّكُمْ لَنْ تَزَالُوا في صَلاةٍ ما انْتَظَرْتُمُ الصَّلاةَ » « كىشىلەر نامازنى ئوقۇپ بولدى، ئاندىن ئۇخلاشتى، سىلەر نامازنى كۈتۈپ ئولتۇرغان ئىكەنسىلەر، سىلەرگە ھامان نامازنىڭ ئىچىدە تۇرغاندەك ساۋاب بېرىلىدۇ » . ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى (1747~1748): 1) خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن ئىلىم ئۆگىتىش ۋە ئۆگىنىشكە ئوخشاش شەرىئەتتە پايدىلىق، ياخشى ئىشلار توغرۇلۇق سۆزلەشسە ھەمدە ئايالىغا كۆيۈنۈش ۋە مېھرىبانلىق يۈزىسىدىن چاقچاقلاشسا بولىدىغانلىقى.

2) 1747- ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىسى بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ مۆجىزە كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قانداق خەۋەر قىلغان بولسا شۇنداق يۈز بەرگەن.

3) 1748- ھەدىستە كۆپرەك ئەجىر ساۋابقا نائىل بولۇش ئۈچۈن، مەسجىدكە بۇرۇن بېرىشقا، نامازنى كۈتۈشكە رىغبەتلەندۈرۈلگەن.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ