رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

335. باب شەرئى ئۆزرىسى بولمىسىلا ئايال كىشىنىڭ ئېرى تۈشەككە چاقىرغاندا باش تارتىشىنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا

1749. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِذا دَعَا الرَّجُلُ امْرَأَتَهُ إِلى فِراشِهِ فأَبَتْ، فَباتَ غَضْبانَ علَيْهَا، لَعَنَتْهَا المَلائِكَةُ حتى تُصْبِح » « ئەر كىشى ئايالىنى تۈشەككە چاقىرسا. ئايالى ئۇنىماي، ئەر بۇنىڭدىن خاپا بولۇپ يېتىپ قالسا، پەرىشتىلەر ئۇ ئايالغا تاڭ ئاتقۇچە لەنەت ئوقۇيدۇ » .

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

يەنە بىر رىۋايەتتە: « حَتَّى تَرْجِع » « ئۇ ئايال ئېرىنىڭ قېشىغا كەلگۈچە »، د ېيىلگەن.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئايال كىشىنىڭ ئېرىگە قارىتا ئادا قىلىشقا تېگىشلىك، باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيەتلىرى بولۇپ، ئېرى بىرگە بولۇش ئۈچۈن چاقىرسا ماقۇل بولۇش مەجبۇرىيىتىمۇ شۇ مەجبۇرىيەتلەردىندۇر. ئايال كىشى بۇ مەجبۇرىيەتتىن كېسەل ياكى ھەيز، ياكى پەرز روزىغا ئوخشاش ئۆزرە بولمىغان شارائىتتا باش تارتسا بولمايدىغانلىقى.

2) ئايال كىشى ئېرىنىڭ تەلىپىگە ھېچقانداق ئۆزرىسىز ماقۇل بولمىسا، ماقۇل بولغۇچىلىك مۇدەتتە پەرىشتىلەرنىڭ قارغىش-لەنەتلىرىگە ئۇچرايدۇ. ھەدىستىكى چاقىرىلغان ۋاقىتقا كېچىنىڭ خاس قىلىنىشى تەلەپكە ئاياللارنىڭ قوشۇلۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەش ئۈچۈن بولغان. چۈنكى، كېچىدە تەلەپ كۈچلۈك بولىدۇ.

3) ئايال كىشى ئۆزىنىڭ باش تارتقانلىقىدىن ئېرىنىڭ غەزەپلەنمەيدىغانلىقىنى بىلسە، بۇ ھالدا پەرىشتىلەرنىڭ لەنەت ئوقۇمايدىغانلىقى، ئەڭ ياخشىسى ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشنىڭ خۇشال-خۇرام داۋاملىشىشى ۋە مېھرى-مۇھەببەتنىڭ كۈچىيىشى ئۈچۈن قوشۇلسا ياخشى ئىكەنلىكى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ