رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

336. باب ئەر يېنىدا بار تۇرۇقلۇق ئەرنىڭ رۇخسىتىسىز ئايال كىشىنىڭ نەفلى روزا تۇتۇشىنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا

1750 ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا يَحِلُّ للمَرْأَةِ أَنْ تَصُومَ وَزَوْجُهَا شاهِدٌ إِلاَّ بإِذْنِهِ ولا تَأْذَنَ في بَيْتِهِ إِلاَّ بإِذْنِهِ » « ئايال كىشىنىڭ ئېرى بار تۇرۇقلۇق ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز نەفلى روزا تۇتۇشى ۋە بىراۋنى ئۆيگە كىرىشكە رۇخسەت قىلىشى ھارامدۇر » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئەر يېنىدا بار چاغدا ئايال كىشىنىڭ ئېرىنىڭ يېقىنلىشىشىغا توسالغۇ بولىدىغان نەفلى روزىنى ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز تۇتۇشىغا بولمايدىغانلىقى. چۈنكى، ئەرنىڭ ھەققى ئايالىنىڭ نەفلى روزا تۇتۇشىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. ئەگەر ئايال كىشى رۇخسەتسىز نەفلى روزا تۇتقاندا ئېرىنىڭ ئايالىنىڭ نەفلى روزىسىنى بۇزۇۋېتىشىنىڭ دۇرۇس بولىدىغانلىقى.

2) ئايال كىشى ئېرى ياقتۇرمايدىغان كىشىلەرنى (گەرچە مەھرەملىرى بولسىمۇ) ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز ئۆيگە باشلىسا ھارام بولىدىغانلىقى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ