337. باب بىرەر ئىمامغا ئىقتىدا قىلغۇچىنىڭ ئىمامدىن بۇرۇن رۇكۇ ياكى سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرۈشىنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا
1751. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « أَمَا يَخْشَى أَحَدُكُمْ إِذا رفَعَ رأْسَهُ قَبْلَ الإِمَامِ أَنْ يَجْعلَ اللَّه رأْسَهُ رأْسَ حِمارٍ، أَوْ يَجْعلَ اللَّه صُورتَهُ صُورَةَ حِمارٍ » « سىلەردىن بىركىم بېشىنى ئىمامدىن بۇرۇن كۆتۈرسە، ئۇ ئاللاھنىڭ ئۇنىڭ بېشىنى ئېشەكنىڭ بېشىدەك قىلىپ قويۇشىدىن قورقمامدۇ »، د ېگەن ياكى « سۈرىتىنى ئىشەكنىڭ سۈرىتىدەك مۇبەددەل قىلىپ قويۇشىدىن قورقمامدۇ »، د ېگەن.
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) نامازنىڭ رۇكۇ، سەجدە ياكى قىيامغا ئوخشاش ئاساسلىق رۇكۇنلىرىدا ئىمامدىن ئىلگىرى كېتىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى. ھاراملىقنىڭ دەلىلى شۇكى، بۇ قىلمىشنىڭ جازاسى ئەڭ قاتتىق ئازاب بولغان چىرايىنىڭ مۇبەددەل قىلىنىشى، دەپ ئېيتىلغان. لېكىن، ئۇ كىشىنىڭ نامىزى گۇناھ بىلەن ئادا تاپىدىغانلىقى.
2) يۇقىرىقى ئىشنى ئۇنىڭ ھۆكمىنى بىلىپ تۇرۇپ، قەستەن قىلسا ھارام بولىدىغانلىقى.
3) نامازدا ئىمامغا ئەگەشكەندە نامازنىڭ كامىل ئادا بولىدىغانلىقى ۋە نامازنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا مەقبۇل بولىدىغانلىقى.