338. باب نامازدا تۇرغان كىشىنىڭ قولىنى بېقىنىغا قويۇپ تۇرۇشىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى توغرىسىدا
1752. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ نامازدا (تۇرغان ئادەمنىڭ) قولىنى بېقىنىغا قويۇپ تۇرۇشتىن چەكلىگەن.
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: نامازدا قولىنى بېلىگە قويۇپ تۇرۇشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى، بۇنداق قىلىشنىڭ ھاكاۋۇرلۇقنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكى. تەبرانى ۋە بەيھەقى رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە: « الإخْتِصَارُ فِي الصَّلاَةِ فِعْلُ اَهْلِ النَّارِ » «نامازدا بىلىنى تۇتۇپ تۇرۇش دوزاخ ئەھلىنىڭ ئىشى»، دېيىلگەن. لېكىن، بىرەر ئۆزرە سەۋەبلىك قولىنى بېلىگە قويسا بولىدىغانلىقى.