339. باب تاماق تەييار بولۇپ كىشىنىڭ نەپسى تاقىلداپ تۇرغان ياكى ئالدى-ئارقا تاھارەت قىستاپ تۇرغان چاغدا ناماز ئوقۇشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى توغرىسىدا
1753. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « لا صَلاةَ بحَضرَةِ طَعَامٍ، وَلا وَهُوَ يُدَافِعُهُ الأَخْبَثَانَ » « تاماق تەييار بولۇپ قالغاندا ۋە تەرەت قىستاپ تۇرغاندا ناماز ئوقۇشقا بولمايدۇ » .
― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) يېمەك-ئىچمەك بار تۇرۇپ ئاچ قورساق ياكى ئۇسسۇزلۇق ھالىتىدە ناماز ئوقۇشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى، چۈنكى بۇنداق قىلغاندا نامازنى ھۇزۇرى قەلب بىلەن ئوقۇغىلى بولمايدىغانلىقى.
2) چوڭ-كىچىك تاھارەت قىستاپ كېتىۋاتقان ھالەتتە ناماز ئوقۇسا ياخشى بولمايدىغانلىقى، چۈنكى بۇنداق قىلىش كىشىنىڭ پىكىرىنى چېچىپ، نامازدا خۇشۇ بىلەن تۇرغىلى بولمايدىغانلىقى.
3) نامازغا خېلى ۋاقىت بار بولسا، تاماق تەييار بولۇپ قالغاندا ۋە تەرەت قىستاپ تۇرغاندا ناماز ئوقۇشنىڭ مەكرۇھ ئىكەنلىكى. ئەگەر ناماز ۋاقتى قىستاپ قالغان بولسا، ناماز ئوقۇسا بولۇۋېرىدىغانلىقى.