340. باب نامازدا تۇرۇپ ئاسمانغا قاراشتىن مەنئى قىلىش توغرىسىدا
1754. ئەنەس ئىبن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَا بالُ أَقْوَامٍ يَرْفَعُونَ أَبْصَارَهُمْ إِلِى السَّماءِ في صَلاتِهِمْ، لَيَنْتَهُنَّ عَنْ ذلك، أَوْ لَتُخْطَفَنَّ أَبْصارُهُمْ » « كىشىلەر نامازدا تۇرۇپ نېمىشقا ئاسمانغا قارايدۇ؟ ئۇلار ھەرگىز ئۇنداق قىلمىسۇن. ئۇنداق قىلىدىغان بولسا ئۇلارنىڭ كۆزلىرى كور بولسۇن » .
― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ناماز ئارىسىدا ئاسمانغا قاراشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى. چۈنكى، بۇنداق قىلغانلىق ئەدەپسىزلىك ۋە خۇشۇنى بۇزۇش ھېسابلىنىدۇ.
2) ناماز سىرتىدا دۇئا قىلىۋاتقان ياكى ئويلىنىۋاتقاندا ئاسمانغا قاراشنىڭ ياخشى ئىش ئىكەنلىكى.