رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

341. باب نامازدا (تۇرغان ئادەمنىڭ) ئۆزرىسىز ئۇياق-بۇياققا قارىشىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى توغرىسىدا

1755. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ناماز ئوقۇۋاتقان كىشىنىڭ ئوڭ-سولغا قاراش مەسىلىسىنى سورىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « هُوَ اخْتِلاسٌ يَخْتَلِسُهُ الشَّيْطَانُ مِنْ صَلاةِ الْعَبْدِ » « بۇ بولسا بەندىنىڭ نامىزىدىن شەيتاننىڭ ئوغرىلاپ كەتكەنلىكى بولىدۇ »، د ېگەن.

― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

1756. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِيَّاكَ وَالالْتِفَاتَ في الصَّلاةِ، فَإِنَّ الالْتِفَاتَ في الصَّلاةِ هَلَكَةٌ، فإِنْ كَان لابُدَّ، فَفي التَّطَوُّعِ لا في الْفَرِيضَةِ » « نامازدا تۇرۇپ ئۇياق-بۇياققا قاراشتىن ساقلانغىن، چۈنكى نامازدا تۇرۇپ، ئۇياق-بۇياققا قاراشنىڭ ئۆزى كىشىنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدۇ. قاراشقا مەجبۇر بولۇپ قالساڭ پەرز نامازدا ئەمەس، نەفلى نامازدا قارىغىن » .

― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى (1755~1756): 1) نامازدا ئۇياق-بۇياققا قاراشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى، چۈنكى بۇنداق قىلىش غاپىللىقنىڭ ۋە خۇشۇنىڭ كەملىكىنىڭ ئالامىتى بولۇپ، شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشى ئىكەنلىكى. شەيتاننىڭ ناماز ئوقۇغۇچىلارنى غەپلەتتە قويۇشقا تىرىشىدىغانلىقى. شۇنىڭدەك، نامازدا ئۇياق-بۇياققا قاراش ھالاكەت سەۋەبى ئىكەنلىكى. چۈنكى، بۇ قىلمىش ئىبادەت ۋاقتىدا شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىگە ئەگىشىپ، ئاللاھ تائالادىن يۈز ئۆرۈش بولۇپ قالىدىغانلىقى، ئادەتتىكى مەكرۇھ ئىشلارغا سەل قاراش ۋە مەكرۇھ ئىشلارنى قىلىۋېرىشنىڭ ھارامغا ئېلىپ بارىدىغانلىقى.

2) نامازدا بىرەر ئۆزرە بولسا ئۇياق-بۇياققا قاراشقا بولىدىغانلىقى. بۇ ھەقتە «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھۇنەين تەرەپتە تۇرۇپ دۈشمەن تەرەپكە كېچىدە ئايغاقچى ئەۋەتكەن، ئەتىگەن بامدات ئوقۇۋېتىپ، ئايغاقچى كېلىدىغان تەرەپكە قارىغان»، دېگەن رىۋايەت بار.

3) نەفلى ئىبادەتلەردە ئۇياق-بۇياققا قاراشنىڭ مەكرۇھلۇقى پەرز ئىبادەتلەردىكىگە قارىغاندا يەڭگىلراق ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، شەرىئەتنىڭ پەرز ئىبادەتكە كۆڭۈل بۆلۈشى نەفلى ئىبادەتلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشىدىن يۇقىرى تۇرىدۇ.

4) يۇقىرىدىكى ئۇياق-بۇياققا قاراش يۈز بىلەن قاراشنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن، گەۋدىسى بىلەن بۇرۇلۇپ قاراش بولسا ھارام بولۇپ، نامازنى بۇزىدۇ. چۈنكى، گەۋدىسىنى بۇراپ قاراش قىبلىگە يۈز كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت نامازنىڭ شەرتىگە دەخلى يەتكۈزۈپ قويىدۇ.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ