رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

342. باب قەبرىلەرگە قاراپ ناماز ئوقۇشتىن مەنئى قىلىش توغرىسىدا

1757. ئەبۇ مەرسەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « لا تُصَلُّوا إِلى القُبُورِ، وَلا تَجْلِسُوا علَيْها » « قەبرىلەرگە قاراپ ناماز ئوقۇماڭلار ۋە قەبرىلەرنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرماڭلار »

― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) قەبرىگە يۈز كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ، ھېچقانداق توساقسىز قەبرىگە قاراپ ناماز ئوقۇش ھارام. ئەگەر ئارىلىقتا توساق بولۇپ، قەبرىگە يۈز كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلماي ناماز ئوقۇسا ياخشى ئەمەس. بۇنىڭدىكى ھېكمەت، بۇ ئاللاھ تائالادىن باشقىنى ئۇلۇغلىغانلىق بولىدۇ ۋە مۇشرىكلىك پىتنىسىگە دۇچار بولۇپ قېلىش خەۋپى بار.

2) قەبرە ئۈستىدە ئولتۇرۇشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى، چۈنكى بۇنداق قىلىش ئاللاھ تائالا ھۆرمەتلىك ياراتقان ئىنساننى كۆزگە ئىلماي، خارلىغانلىق ھېسابلىنىدىغانلىقى.

ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دەيدۇ: ھەدىسشۇناسلار قەبرە قاتۇرۇش ياخشى ئەمەس، قەبرە ئۈستىدە ئولتۇرۇش، شۇنىڭدەك قەبرىگە يۆلىنىش، تايىنىپ ئولتۇرۇش چەكلەنگەن ئىش، دېگەن.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ