رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

350. باب شەرىئەت ھۆكۈملىرىنى ئىجرا قىلىشقا ئارا تۇرۇشنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿الزَّانِيَةُ وَالزَّانِي فَاجْلِدُوا كُلَّ وَاحِدٍ مِّنْهُمَا مِئَةَ جَلْدَةٍ وَلَا تَأْخُذْكُم بِهِمَا رَأْفَةٌ فِي دِينِ اللَّهِ إِن كُنتُمْ تُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ﴾ زىنا قىلغۇچى ئايال ۋە زىنا قىلغۇچى ئەرنىڭ ھەر بىرىنى يۈز دەررىدىن ئۇرۇڭلار، ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىدىغان بولساڭلار، ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ (ئەھكامىنى ئىجرا قىلىشتا) ئۇلارغا رەھىم قىلماڭلار . («قۇرئان كەرىم» سۈرە نۇر 2- ئايەت)

1770. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەخزۇم ئايمىقىدىن ئوغرىلىق قىلغان بىر ئايالنىڭ ئىشى قۇرەيش قەبىلىسى كىشىلىرىنى غەمناك قىلىپ قويدى. ئۇلار: « بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن كىم سۆزلىشىپ باقار؟ بۇنىڭغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمى ئۇسامە ئىبن زەيددىن باشقا كىم جۈرئەت قىلالايدۇ »، د ېيىشتى، ئۇسامە بۇ توغرۇلۇق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا گەپ قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: « أَتَشْفَعُ في حَدٍّ مِنْ حُدُودِ اللَّهِ تَعَالى؟ » « ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا ئارا تۇرماقچىمۇ سەن؟»، دېدى. ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ خۇتبە ئوقۇپ مۇنداق دېدى: « إِنَّمَا أَهلَكَ الَّذينَ قَبْلَكُمْ أَنَّهمْ كَانُوا إِذا سَرَقَ فِيهم الشَّرِيفُ تَرَكُوهُ، وَإِذا سَرَقَ فِيهِمُ الضَّعِيفُ، أَقامُوا عَلَيْهِ الحَدَّ، وَايْمُ اللَّهِ لَوْ أَنَّ فاطِمَةَ بِنْبتَ مُحَمَّدٍ سَرَقَتَ لَقَطَعْتُ يَدَهَا » « سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەر شۇنىڭ ئۈچۈن ھالاك قىلىندىكى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نوپۇزلۇق كىشىلەر ئوغرىلىق قىلسا جازالىماي، ئاجىز كىشىلەر ئوغرىلىق قىلسا جازالايتتى. ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئەگەر مۇھەممەدنىڭ (ئۆزىنى دېمەكچى) قىزى فاتىمە ئوغرىلىق قىلغان تەقدىردىمۇ ئەلۋەتتە ئۇنىڭ قولىنى كەسكەن بولاتتىم » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ھەدلەرنى ئىجرا قىلىشتا شاپائەت قىلماسلىق كېرەك. ئىمام مالىك ئېيتىدۇ: كىشىلەرگە ئازار بەرگەن كىشىگە شاپائەت قىلماسلىق كېرەك.

2) ئاياللارنىڭ ئوغرىلىق ۋە باشقا جىنايى قىلمىشىنىڭ جازا ئىجرالىرىدا ئەرلەر بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكى.

3) ئىسلامدا ھەد ئىجرا قىلىشتا ھەد كەلگەن كىشىنىڭ ئامما ئىچىدىكى نوپۇزى، ئورنى قانچىلىك ئۈستۈن بولۇپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر ھەققانىيەت تەرەپتىن ئېغىش ياكى ئادالەتسىزلىك قىلىش مەۋجۇت ئەمەس.

4) ھەدلەردە شاپائەت قىلىش ياكى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا ئادەم قويۇشقا بولمايدۇ. چۈنكى، شەرىئەتتىكى ھەد ئۆزگەرمەيدۇ.

5) ئۆتمۈشتە ئۆتكەن قەۋملەرنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇش.

6) بۇ ھەدىستە ئۇسامە ئىبن زەيدنىڭ پەزىلىتى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەزىرىدىكى ئورنى بايان قىلىنغان.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ