351. باب يولغا، كىشىلەر سايىدايدىغان جايغا ۋە سۇ ئالىدىغان جايغا چوڭ تەرەت قىلىپ قويۇشتىن مەنئى قىلىش توغرىسىدا
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: و َالَّذِينَ يُؤْذُونَ الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ بِغَيْرِ مَا اكْتَسَبُوا فَقَدِ احْتَمَلُوا بُهْتَانًا وَإِثْمًا مُّبِينًا مۇئمىنلەر مۇئمىنەلەرگە قىلمىغان ئىشلارنى (چاپلاپ) ئۇلارنى رەنجىتىدىغانلار، شۇ بوھتاننى ۋە روشەن گۇناھنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان بولىدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئەھزاب 58- ئايەت)
1771. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « اتَّقُوا الَّلاعِنَيْن » « كىشىلەرنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدىغان ئىككى قىلىقتىن ساقلىنىڭلار » . ساھابىلەر: ئۇلار قايسىلار، ئى رەسۇلۇللاھ؟»، دەپ سورىغاندا رەسۇلۇللاھ: « الَّذِي يَتَخَلَّى في طَريقِ النَّاسِ أَوْ في ظِلِّهِمْ » « كىشىلەرنىڭ ماڭىدىغان يولىغا ياكى ئۇلارنىڭ سايىدايدىغان جايىغا تەرەت قىلىپ قويۇش »، د ېدى.
― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) شەيخ زەكەرىيا ئەنسارىي مۇنداق دەيدۇ: بۇ قىلىقلار مۇسۇلمانلارغا ئەزىيەت يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن ھارام، دەيدۇ. بۇ ھەدىسنىڭ زاھىرىدىن بۇنىڭ ھاراملىقى چىقىپ تۇرىدۇ. بۇنداق قىلىقنى قىلغۇچىلارغا لەنەت قىلىنغانلىقى ئۈچۈن بۇ چوڭ گۇناھ ھېسابلىنىدۇ.
2) ئىسلام دىنىنىڭ پاكىزلىققا ۋە كېسەل، ۋابالارنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ھېرىسمەنلىكى، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ ھېسسىياتىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ياخشى ئىشلاردا بىرلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقى.