353. باب ئاتىنىڭ بالىلىرىغا نەرسە بېرىشتە بەزىسىگە بەزىسىدىن ئارتۇق بېرىشىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى توغرىسىدا
1773. نۇئمان ئىبن بەشر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، نۇئماننىڭ ئاتىسى ئۇنى رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا ئېلىپ كېلىپ: « مەن بۇ ئوغلۇمغا مېنىڭ خىزمەتكارىمنى بېرىۋەتتىم »، د ېۋىدى. رەسۇلۇللاھ: « أَكُلَّ وَلَدِكَ نَحلْتَهُ مِثْلَ هَذا؟ » « سەن بالىلىرىڭنىڭ ھەممىسىگە مۇشۇنداق خىزمەتكار بەردىڭمۇ؟»، دېدى. ئۇ: « ياق »، د ېدى. رەسۇلۇللاھ: « فأَرْجِعْهُ » « ئۇنى قايتۇرۇۋالغىن »، د ېدى.
يەنە بىر رىۋايەتتە: رەسۇلۇللاھ: « أَفَعَلْتَ هَذا بِوَلَدِكَ كُلِّهِمْ؟ » « بالىلىرىڭنىڭ ھەممىسىگە مۇشۇنداق قىلدىڭمۇ؟»، دېدى. ئۇ: « ياق »، د ېدى. رەسۇلۇللاھ: « اتَّقُوا اللَّه وَاعْدِلُوا في أَوْلادِكُمْ » « ئاللاھتىن قورقۇڭلار، بالىلىرىڭلارنىڭ ئارىسىدا ئادىل بولۇڭلار »، د ېدى. دادام كېلىپ ئېھسان قىلغان نەرسىنى قايتۇرۇۋالدى، دېيىلگەن.
يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق دېيىلگەن: رەسۇلۇللاھ: « يَا بَشِيرُ أَلَكَ وَلَدٌ سِوَى هَذا؟ » « ئى بەشىر! بۇنىڭدىن باشقا بالىلىرىڭ بارمۇ؟»، دېۋىدى. ئۇ: « ھەئە »، د ېدى. رەسۇلۇللاھ: « أَكُلَّهُمْ وَهَبْتَ لَهُ مِثْلَ هَذا؟ » « ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە مۇشۇنداق بەردىڭمۇ؟»، دېدى. ئۇ: « ياق »، د ېدى. رەسۇلۇللاھ: « فَلا تُشْهِدْني إِذاً فَإِنِّي لا أَشْهَدُ عَلى جَوْرٍ » « ئۇنداقتا مېنى گۇۋاھلىققا تارتمىغىن، چۈنكى مەن زۇلۇمغا گۇۋاھ بولمايمەن » ، دېدى.
يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق دېيىلگەن: « لا تُشْهِدْني عَلى جَوْرٍ » « ئۇنىڭغا مېنى گۇۋاھلىققا تارتما »، د ېدى.
يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق دېيىلگەن: « أَشْهدْ عَلى هذا غَيْرِي، » « باشقا ئادەمنى گۇۋاھ قىلغىن »، د ېدى. ئاندىن: « أَيَسُرُّكَ أَنْ يَكُونُوا إِلَيْكَ في الْبِرِّ سَوَاءً؟ » « ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ساڭا قارىتا باراۋەر ياخشىلىق قىلىشىدىن خۇشاللىنامسەن؟»، دېۋىدى، نوئمان: « شۇنداق »، د ېدى. رەسۇلۇللاھ: « فَلا إِذاً » « ئۇنداقتا سەنمۇ ئۇلارنى باراۋەر كۆرگىن » ، دېدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) بارلىق ئىشلاردا ئىسلام شەرىئىتىگە ۋە ئىسلام ئالىملىرىغا مۇراجىئەت قىلىشنىڭ ز ۆرۈرلۈكى. بۇنداق قىلىش ساھابىلەرنىڭ بىرەر قىيىنچىلىققا يولۇققان ياكى بىرەر ئىشقا بەل باغلىغان چاغدىكى ئادىتى ئىدى.
2) ئاتا-ئانا قىز-ئوغۇل پەرزەنتلىرىگە ئادىل كۆز قاراشتا قاراش، ئايرىمچىلىق قىلماسلىق كېرەك، چۈنكى بۇنداق قىلىش ئائىلە بىرلىكىنى پاچاقلايدىغان سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.