354. باب ئايال كىشى ئۆز ئېرىگە تۆت ئاي ئون كۈن قارىلىق تۇتقاندىن باشقا، باشقا مىيىتلارغا ئۈچ كۈندىن ئارتۇق قارىلىق تۇتۇشنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا
1774. ئەبۇ سەلەمەنىڭ قىزى زەينەب رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن رەسۇلۇللاھنىڭ ئايالى ئۇممۇ ھەبىيبەنىڭ يېنىغا دادىسى ئەبۇ سۇفيان ئىبن ھەرب تۈگەپ كەتكەندە كىرسەم، بىر تۈرلۈك خۇشبۇي نەرسىنى ئەكەلدۈرۈپ ئالدى بىلەن بىر قىزچاققا سۈرۈپ قويدى، ئاندىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئىككى مەڭزىگىمۇ سۈرۈپ مۇنداق دېدى: « ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، خۇش پۇراق ئىشلىتىشكە ھاجىتىممۇ يوق ئىدى، لېكىن مېنىڭ بۇنى ئىشلىتىشىمنىڭ سەۋەبى شۇكى، مەن رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنبەردە تۇرۇپ: « ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن ئايالنىڭ ئېرىگە تۆت ئاي ئون كۈن قارىلىق تۇتقاندىن باشقا بىرەر مىيىتقا ئۈچ كۈندىن ئارتۇق قارىلىق تۇتۇشى ھالال بولمايدۇ »، د ېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم.
ئاندىن زەينەب مۇنداق دەيدۇ: مەن جەھشنىڭ قىزى زەينەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ قېرىندىشى تۈگەپ كەتكەندە ئۇنىڭ يېنىغا كىرسەم، ئۇ خۇش پۇراق نەرسىنى ئەكەلدۈرۈپ سۈرگەندىن كېيىن: « ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنبەردە تۇرۇپ: ‹ لا يَحِلُّ لامْرَأَةٍ تُؤْمِنُ بِاللَّهِ وَاليَوْم الآخِرِ أَنْ تُحِدَّ عَلى مَيِّتٍ فَوْقَ ثَلاَثٍ إِلاَّ عَلى زوجٍ أَرْبَعَةَ أَشْهُرٍ وَعَشْراً › ‹ئاللاھ ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان ئايالنىڭ ئېرىگە تۆت ئاي ئون كۈن قارىلىق تۇتقىنىدىن باشقا، بىرەر مىيىتقا ئۈچ كۈندىن ئارتۇق قارىلىق تۇتۇشى ھالال بولمايدۇ›، دېگەنلىكىنى ئاڭلىمىغان بولسام، بۇ خۇش پۇراقنى ئىشلىتىشكە ھاجىتىممۇ يوق ئىدى » ، دېگەنىدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئايال كىشى ئۆز ئېرىدىن باشقىلارغا پەقەت ئۈچ كۈنلا قارىلىق تۇتۇشى كېرەكلىكى، ئۇنىڭدىن ئارتۇق قارىلىق تۇتۇش چەكلەنگەن.
2) ئايال كىشى ئېرىگە ئىددەت مۇددىتى (يەنى، تۆت ئاي ئون كۈن)گىچە قارىلىق تۇتۇشى لازىم.
3) ئايالنىڭ ئېرىگە قارىلىق تۇتۇشىدىكى ھېكمەت: بالىياتقۇنىڭ پاكلىقىنى ساقلاش، تۆھمەت، گۇمانلارنى يوق قىلىش ئۈچۈندۇر.
4) شەرىئەتنىڭ ئەرنىڭ ئايالىغا قارىتا ھەققىنى ئۆلگەندىن كېيىنمۇ ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى ۋە ئەر-ئاياللىق رىشتىنىڭ ئىسلامدىكى ئەھمىيىتى.