355. باب يەرلىك كىشىنىڭ سىرتتىن مال ئېلىپ كەلگەن قىرلىق ياكى يېزىلىقنىڭ مېلىنى ئۆزىگە شۇ كۈنكى باھا بويىچە ساتقىلى قويماي، «مەن سېتىپ قوياي» دېيىشنىڭ، مال ئېلىپ كېلىۋاتقانلارنىڭ ئالدىنى توساشنىڭ، قېرىندىشىنىڭ سودىسىنى بۇزۇپ ئۆز مېلىنى سېتىشنىڭ، قېرىندىشى ئالماقچى بولغان ئايالغا توي تەلىپى قويۇشنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا
1775. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ يەرلىك كىشىنىڭ سىرتتىن كەلگەن ئادەمنىڭ (مەيلى قىرلىق ياكى دېھقان بولسۇن) مېلىنى سېتىپ بېرىشىدىن مەنئى قىلغان. (ئۇ ئادەم ئۇنىڭ ئاتا بىر ئانا بىر بىر تۇغقىنى بولغاندىمۇ). ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: باھادا ئالدامچىلىق قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، شەھەرلىكلەرنىڭ سەھرالىقلارنىڭ (قارشى تەرەپ باھادىن خەۋەرسىز ھالدا) نەرسىسىنى «مەن سېتىپ قوياي»، دەپ ئېلىۋېلىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى. (بۇ ئۇسۇل بىلەن باشقىلارنى ئالداپ زىيان تارتقۇزۇشنىڭ ھاراملىقى).
1776. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا تَتَلَقُّوُا السلَع حَتَّى يُهْبَطَ بِهَا إلى الأَسْواقِ » « مال بازارغا يېتىپ كېلىپ، كىرمىگىچە ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئالدىنى توساپ سېتىۋالماڭلار » .
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) شەھەر بازارلىرىغا مال ئەكىرىۋاتقانلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ سودا قىلىشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى، ئەگەر بۇ چەكلىمىنى بىلىپ تۇرۇپ سودا قىلىسا ھارام دەپ قارىلىدىغانلىقى.
2) يۇقىرىقىدەك سودىنىڭ شەرىئەتتىكى ھارام دەپ قارىلىشىدىكى سەۋەب شۇكى، مال ئىگىسى مالنى ساتىمەن دېمىگەن، شەھەرگە كىرىپ تېخى نەرخى-ناۋانى بىلمىگەن شارائىتتا ئالدىنى توسۇپ مال سېتىۋالسا، مال ئىگىسىنى ئالدىشى ۋە زىيانغا ئۇچرىتىشى مۇمكىن.
1777. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ: « لا تَتَلَقَّوُا الرُّكْبَانَ، وَلا يبِعْ حَاضِر لِبَادٍ » « كارۋان بازارغا يېتىپ كېلىشتىن ئاۋۋال ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ (ماللىرىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن) يولنى توسىماڭلار »، د ېدى. تاۋۇس ئىبن ئابباسقا: «يەرلىك ئادەم سىرتتىن كەلگەن ئادەمگە سېتىپ بەرمىسۇن دېگەننىڭ مەنىسى نېمە؟»، دېۋىدى. ئىبن ئابباس: « لا يكُونُ لَهُ سَمْسَاراً » « ئۇنىڭغا دەللال بولۇپ بەرمىسۇن دېگەن گەپ » ، دېدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1778. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ يەرلىك ئادەمنىڭ سىرتتىن كەلگەن ئادەمگە مېلىنى سېتىشنى مەنئى قىلدى ۋە مۇنداق دېدى: « وَلا تَنَاجَشُوا ولا يَبِيْعُ الرَّجُلُ عَلى بَيْع أَخيهِ ، ولا يخطبْ عَلى خِطْبَةِ أَخِيهِ ، ولا تسْألِ المرأةُ طلاقَ أخْتِهَا لِتَكْفَأ مَا في إِنَائِهَا » « مالنى ئوشۇق باھادا سېتىۋېلىش ئۈچۈن يالغان خېرىدار ياللىماڭلار، بىر ئادەم ئۆزىنىڭ قېرىندىشىنىڭ سودىسىنى بۇزۇپ ئۆز مېلىنى سېتىۋالمىسۇن. قېرىندىشىنىڭ ئالماقچى بولغان ئايالىغا توي قىلىش تەلىپى قويمىسۇن ۋە بىر ئايال ئۆزىنىڭ ئايال قېرىندىشىنىڭ قاچىسىدىكى ئېشىنى (ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىپ) تۆكۈۋېتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئېرىگە ئۇنى تالاق قىلغۇزىۋەتمىسۇن »، د ېگەن. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
يەنە بىر رىۋايەتتە: رەسۇلۇللاھ: « يېرىم يولدا كېلىۋاتقان كارۋان مالنىڭ ئالدىنى توسۇپ سودا قىلىشتىن ۋە يەرلىكنىڭ سىرتتىن كەلگەنلەرنىڭ مېلىنى سېتىشتىن، بىرەر ئايالنىڭ: ‹خوتۇنىڭنى قويۇۋەتسەڭ مەن ساڭا تېگىمەن›، دەپ ئەر كىشىگە شەرت ئېيتىشتىن، ئۆزىنىڭ قېرىندىشى قويغان كېلىشىپ بولغان باھاسىنىڭ ئۈستىگە باھا قويۇشتىن ۋە مالنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرۈۋېلىش مەقسىتىدە يالغان خېرىدار ياللاشتىن، ساتماقچى بولغان چاھارپاينىڭ سۈتىنى قەستەن ساغماي يىلىنىنى چوڭ كۆرسەتمەكچى بولۇشتىن مەنئى قىلغان » ، دېيىلگەن.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) يۇقىرىقى شەكىلدىكى سودىدىن چەكلەنگەن. چۈنكى، بۇ خىل سودا باشقىلارغا ئەزىيەت يەتكۈزۈش، ئالداش ۋە زىيانغا ئۇچرىتىشتۇر.
2) كىشىلەرگە قىيىنچىلىق كەلتۈرىدىغان ۋە زىيانغا ئۇچرىتىدىغان ئىشلاردىن چەكلەنگەن. ئائىلىلەر ئارا ئىتتىپاقسىزلىق، ئۆچمەنلىككە سەۋەب بولىدىغان ئىشلاردىن يىراقلىشىش تەشەببۇس قىلىنغان.
1779. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا يبِعْ بَعْضُكُمْ عَلى بَيْعِ بعْضٍ، ولا يَخْطُبْ على خِطْبة أخِيهِ إلاَّ أنْ يَأْذَنَ لَهُ » « سىلەرنىڭ بەزىڭلار بەزىڭلارنىڭ سودىسىنى بۇزۇپ ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزىنىڭ مېلىنى سېتىۋالمىسۇن ۋە قېرىندىشىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ ئۇنىڭ ئالماقچى بولغان لايىقىغا ئېغىز ئاچمىسۇن » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) باشقىلارنىڭ سودىسىنى بۇزۇپ سودا قىلىشتىن نەھيى قىلىنغان.
2) بىر ئەر كىشى ئايالغا سۆز ئېچىپ، ھەر ئىككى تەرەپ قوشۇلۇپ، رازى بولۇشۇپ بولغان بولسا ياكى قوشۇلغانلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، پەقەت پۈتۈشۈۋېلىشلا قالغان بولسا، باشقا بىر كىشى بۇنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇ ئايالغا خېرىدارلىق قىلسا ھارام بولىدۇ. چۈنكى، بۇنداق قىلىش باشقىلارغا ئازار بېرىش ۋە باشقىلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۆزگەرتىۋەتكەنلىك ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىرىنچى قېتىمقى پۈتۈشكەن ئەر ياكى ئايال مۇناسىۋەتنى ئۈزسە ياكى رۇخسەت قىلسا، ئاندىن ئىككىنچى ئادەم توي تەلىپى قويسا يوللۇق بولىدۇ. ئەگەر بۇ مۇناسىۋەتنىڭ ۋاقتى ئۇزىراپ كەتسە، ياكى يوقاپ كەتسە، ۋەياكى يېنىۋالسا، بۇ مۇناسىۋەت ئۈزۈلگەن بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.
3) ئىككىنچى قېتىم تەلەپ قويغۇچىنىڭ نىكاھى توغرا بولغاندىمۇ، لېكىن ئۇ كىشى چەكلەنگەن ئىشنى قىلغانلىقى ئۈچۈن گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ.
4) ئاياللارنىڭمۇ ئىككىنچى بىر ئايالنىڭ لايىقىغا ئېغىز ئېچىشىمۇ ئوخشاشلا ھارام قىلىنغان.
1780. ئۇقبە ئىبن ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « المُؤْمِنُ أخُو المُؤمِن، فَلاَ يحِلُّ لِمُؤمِنٍ أنْ يبْتَاعَ عَلَى بَيْعِ أخِيهِ وَلاَ يَخْطِبْ علَى خِطْبَةِ أخِيه حتَّى يَذَر » « مۇئمىن مۇئمىننىڭ قېرىندىشىدۇر. مۇئمىنگە قېرىندىشىنىڭ سودىسىنى بۇزۇپ ئۆزىنىڭ مېلىنى سېتىۋېلىشى ۋە قېرىندىشى يېنىۋالمىغىچە ئۇنىڭ ئالماقچى بولغان لايىقىغا ئېغىز ئېچىشى ھالال بولمايدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.