رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

356. باب شەرىئەتتە دۇرۇس ئەمەس يوللارغا پۇل-مال سەرپ قىلىشنىڭ مەنئى قىلىنغانلىقى توغرىسىدا

1781. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إنَّ اللَّه تَعَالى يَرضي لَكُمْ ثلاثاً، وَيَكْرَه لَكُمْ ثَلاثاً: فَيَرضي لَكُمْ أنْ تَعْبُدوه، وَلا تُشركُوا بِهِ شَيْئاً، وَأنْ تَعْتَصِموا بِحَبْلِ اللَّهِ جَمِيعاً وَلا تَفَرَّقُوا، ويَكْرهُ لَكُمْ: قِيلَ وَقَالَ، وَكَثْرَةَ السُّؤالِ، وإضَاعَةَ المَالِ » « ئاللاھ سىلەرنىڭ ئۈچ ئىشىڭلاردىن رازى بولىدۇ ۋە ئۈچ ئىشىڭلارنى ياقتۇرمايدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ئىبادەت قىلىشىڭلاردىن، ئاللاھنىڭ دىنىغا بىردەك مەھكەم يېپىشىشىڭلاردىن، ئايرىلماسلىقىڭلاردىن مەمنۇن بولىدۇ. سۆز-چۆچەك قىلىشىڭلاردىن، كۆپ سوئال سورىشىڭلاردىن، پۇل-مالنى بۇزۇپ چېچىۋېتىشىڭلاردىن نارازى بولىدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئاللاھ تائالاغا ئىبادەتنى شېرىكتىن خالىي ھالدا ئىخلاس بىلەن قىلىشقا ۋە دىنىي ئەھكاملاردا مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكىنى ساقلاشتا چىڭ تۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن.

2) قۇرۇق گەپ قىلماسلىق، پايدىسىز نەرسىلەر ئۈستىدە كۆپ سوئال سورىماسلىق كېرەكلىكى.

3) شەرىئەتتە دۇرۇس ئەمەس ئىشلارغا پۇل خەجلەش ۋە ماللارنى بۇزۇپ-چېچىشتىن يىراق بولۇش كېرەكلىكى.

1782. مۇغىرە ئىبن شۇئبەنىڭ كاتىبى ۋەرراد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مۇغىرە ئىبن شۇئبە ئەۋەتكەن بىر خېتىدە ماڭا مۇنداق دەپ يازغان: « رەسۇلۇللاھ ھەر پەرز نامازنىڭ كەينىدە: ‹يالغۇز بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد يوق، ئاللاھنىڭ شېرىكى يوق، بارلىق ھۆكۈمرانلىق ۋە جىمى مەدھىيە ئاللاھقا مەنسۇپ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. ئى ئاللاھ! سەن بەرگەن نەرسىگە ھېچكىم توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ، سەن بەرمىگەن نەرسىنى ھېچكىم بىرەلمەيدۇ، سېنىڭ ئالدىڭدا بايلارنىڭ بايلىقى ئەسقاتمايدۇ›، دېگەن رەسۇلۇللاھ سۆز چۆچەكلەردىن، پۇل-مالنى بۇزۇپ چېچىشتىن، كۆپ سوئال سوراشتىن، ئانىلارنى قاقشىتىشتىن، قىزلارنى تىرىك كۆمۈشتىن، بېرىشكە تېگىشلىك ھەقنى بەرمەسلىكتىن، ئېلىشقا تىگىشلىك بولمىغاننى ئېلىش كويىدا بولۇشتىن مەنئى قىلغان » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ھەدىسلەرنى توپلاش ئىشىنىڭ ساھابىلەر زامانىسىدىن تارتىپلا باشلانغانلىقى.

2) ئاتا-ئانىنى قاقشىتىشتىن نەھيى قىلىنغان. ھەدىستە خاس ئانىلارنىڭلا تىلغا ئېلىنىشى ئۇلارنىڭ ئاجىز بولغانلىقى ۋە تولاراق قاقشىتىلىدىغانلىقى ئۈچۈندۇر.

3) مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشتىن باش تارتىشتىن چەكلەنگەن.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ