رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

357. باب مۇسۇلمانغا مەيلى راست مەيلى چاقچاق بولسۇن قورال خاراكتىرىنى ئالغان نەرسىلەرنى تەڭلەشتىن ۋە قىلىچنى يالىڭاچ سۇنۇشتىن مەنئى قىلىش توغرىسىدا

1783. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لاَ يشِرْ أحَدُكُمْ إلَى أخِيهِ بِالسِّلاَحِ، فَإنَّهُ لاَ يَدْرِي لَعَلَّ الشَّيْطَانَ يَنْزِعُ في يَدِهِ، فَيَقَعَ في حُفْرَةٍ من النَّارِ » « سىلەردىن بىركىم قېرىندىشىغا قورال تەڭلىمىسۇن. چۈنكى ئۇ ئۇقمايدۇكى، شەيتان ئۇنىڭ قولىدىكى قورالنى تارتىۋېلىپ، ئۇنى دوزاخقا تاشلايدىغان ۋەقەگە دۇچار قىلىپ قويۇشى مۇمكىن » .

مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن دېيىلىدۇ: « مَنْ أشارَ إلَى أخيهِ بِحَدِيدَةٍ، فَإنَّ المَلائِكةَ تَلْعنُهُ حتَّى يَنْزِعَ، وإنْ كَان أخَاهُ لأبِيهِ وأُمِّهِ » « قانداق بىر كىشى بولمىسۇن ئۇ قېرىندىشىغا تىغ تەڭلەيدىكەن، پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا لەنەت ئوقۇيدۇ، تىغ تەڭلىگۈچى ئۆزىنىڭ دادا بىر ئانا بىر قېرىندىشى بولغان تەقدىردىمۇ » .

― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئىسلامنىڭ ئىنساننىڭ ساغلاملىقىنى ۋە ئابرۇيىنى ساقلاشقا ھېرىس ئىكەنلىكى.

2) مەيلى راست ياكى چاقچاق قىلىپ بولسۇن مۇسۇلماننى قورقۇتۇشتىن چەكلەنگەن. چۈنكى، مۇسۇلماننى قورقۇتۇش ھارام. بۇ ھەدىسنى ھازىرقىدەك قورال ئېلىپ يۈرۈش خەتەرلىرى كۆپ بولۇۋاتقان زامانغا تەتبىقلاش مۇمكىن.

1784. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، يالىڭاچ قىلىچنى سۇنۇشتىن مەنئى قىلغان. ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: قىلىچنى يالاڭ بېرىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى، چۈنكى قىلىچنى ئالغۇچى ئېھتىيات قىلمىسا، قولى ياكى باشقا ئەزالارنى جاراھەتلەندۈرۈپ كۆڭۈلسىزلىككە سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. پىچاق ۋە ئۇنىڭدىن باشقا تىغلىق، بىسلىق نەرسىلەرمۇ قىلىچنىڭ ھۆكمىدە بولۇپ، ئۇ نەرسىلەرنى ئېتىپ ئوينىماسلىق، باشقىلارغا بەرگەندە بىسى تەرىپىنى تۇتۇۋېلىپ، تۇتقۇچى تەرىپىنى سۇنۇشنىڭ لازىملىقى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ