رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

358. باب ئۆزرىسى بولماي تۇرۇپ ئەزاندىن كېيىن پەرزنى ئوقۇماستىن مەسجىدتىن چىقىپ كېتىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى توغرىسىدا

1785. ئەبۇ شەئسادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دېگەن: بىز ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن مەسجىدتە ئولتۇراتتۇق، مۇئەززىن ئەزان ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن بىر ئادەم ئورنىدىن تۇرۇپ مەسجىدتىن سىرتقا مېڭىۋىدى، ئەبۇ ھۇرەيرە ئۇ ئادەم مەسجىدتىن چىقىپ كەتكۈچىلىك ئۇنىڭدىن كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ تۇرۇپ: « ئۇ ئادەم ئەبۇلقاسىمغا ئاسىيلىق قىلدى »، د ېگەن. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ناماز ۋاقتى كىرىپ، ئەزان ئېيتىلغاندىن كېيىن، پەرز نامازنى ئادا قىلماستىنلا ئۆزرىسىز مەسجىدنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشنىڭ يامان ئىش ئىكەنلىكى. بۇنداق قىلىشنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزىگە ئاسىيلىق قىلىش بولىدىغانلىقى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ