359. باب بىرەر خۇشبۇي نەرسە سوۋغا قىلىنسا ئۇنى ئۆزرىسىز قايتۇرۇۋېتىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى توغرىسىدا
1786. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَنْ عُرِضَ عَلَيْهِ ريْحَانٌ، فَلا يَرُدَّهُ، فَإنَّهُ خَفيفُ المَحْملِ، طَيِّبُ الرِّيحِ » « كىمكى ئۇنىڭغا رەيھان گۈلى سوۋغا قىلىنسا، ئۇنى قايتۇرۇۋەتمىسۇن، چۈنكى ئۇ كۆتۈرۈشكە يەڭگىل، پۇرىقى خۇشبۇي نەرسىدۇر » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1787. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھقا خۇشبۇي نەرسە ھەدىيە قىلىنسا ئۇنى قايتۇرۇۋەتمەيتتى. ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى (1786~1787): 1) خۇش پۇراقلىق، پاكىز ھەدىيىلەرنى قوبۇل قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى ۋە بۇ نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىشتا ھېچقانداق مۇشەققەت-مىننەت بولمايدىغانلىقى.
2) خۇش پۇراقلىق، پاكىز نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىش ۋە قېرىنداشلىرىغا سوۋغا قىلىپ تۇرۇشنىڭ ياخشىلىقى.
3) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پاكىز، خۇشبۇي نەرسىلەرنى قايتۇرۇۋەتمەي، قىزغىنلىق بىلەن قوبۇل قىلىشتەك ئەخلاقى.