360. باب يۈز تۇرانە ماختالغان ئادەمنىڭ مەغرۇرلىنىپ ئۆزىنى بىلەلمەي قېلىش خەۋپى بولسا ئۇنى يۈزتۇرانە ماختاشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى، ئۇنداق بولمىسا ئۇنى ئالدىدا ماختاشنىڭ دۇرۇسلۇقى توغرىسىدا
1788. ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ بىر كىشىنىڭ يەنە بىر كىشىنى تەرىپلەپ ھەددىدىن ئارتۇق ماختاۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ: « أهْلَكْتُمْ، أوْ قَطعْتُمْ ظَهرَ الرَّجُلِ » « ئۇنى نابۇت قىلدىڭلار ياكى ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلدىڭلار »، د ېگەن. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: يۈزىچىلاپ ماختاشتىن نەھيى قىلىنغان. بۇ ماختالسا مەغرۇرلىنىپ، ئۇچۇپ كېتىدىغان كىشىلەرگە قارىتىلغان بولۇپ، ماختالسا مەغرۇرلىنىپ كەتمەيدىغان ھەمدە پايدىسى تېگىدىغان ئىشلاردا ماختىسا بولىۋېرىدىغانلىقى.
1789. ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھوزۇرىدا بىر ئادەمنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغانىدى. ئۇنى بىر ئادەم ماختاپ كەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: « ويْحَكَ قَطَعْت عُنُقَ صَاحِبكَ » « ساڭا ئۇۋال، بۇرادىرىڭنى (ماختىغان كىشىڭنى ― ت) ھالاك قىلدىڭ »، د ېدى ۋە بۇ سۆزنى بىرنەچچە قېتىم تەكرارلىدى. ئاندىن مۇنداق دېدى: « إنْ كَانَ أحَدُكُمْ مَادِحاً لا مَحَالَةَ، فَلْيَقُلْ: أَحْسِبُ كَذَا وكَذَا إنْ كَانَ يَرَى أنَّهُ كَذَلِكَ، وَحَسِيبُهُ اللَّه، ولاَ يُزَكَّى علَى اللَّهِ أحَدٌ » « سىلەردىن بىر كىم بىراۋنى ماختىماي بولمايدىغان بولسا، مېنىڭچە پالانى مۇنداق-مۇنداق دېسۇن. ئۇنىڭ قارىشىدا ئەگەر شۇنداق بولىدىغان بولسا. ئاللاھ كىشىنىڭ قىلغان ئەمىلىنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىپ جازا بېرىدۇ. كىشى ئاللاھنىڭ ئالدىدا ھېچبىر ئادەمنى ئاقلىمىسۇن » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: كىشىلەرنى ئۇلاردا يوق نەرسە بىلەن قارىسىغا ماختاشتىن نەھيى قىلىنغان. ئەگەر بىرەرسىنى ماختاشقا مەجبۇر بولۇپ قالسا، شۇ كىشىدە بولۇشى مۇمكىن بولغان نەرسىلەر بىلەن ماختاپ: «پەمىمچە ئۇ كىشى مۇنداقراق»، دېگەندەك سۆزلەرنى قىلسۇن. چۈنكى، كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئاللاھ تائالا بىلىدۇ.
1790. ھەممام مىقداد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر ئادەم ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئالدىدا ماختىغىلى تۇرۇۋىدى، مىقداد بۇنى كۆرۈپ تىزلىنىپ تۇرۇپ ماختىغان كىشىنىڭ يۈزىگە شېغىل چاچتى. ئوسمان مىقدادقا: « بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟»، دېۋىدى. ئۇ: « رەسۇلۇللاھ: ‹ إذَا رَأَيْتُمُ المَدَّاحِينَ، فَاحْثُوا في وَجُوهِهِمُ التُّرابَ › ‹ماختىغۇچىنى كۆرسەڭلار ئۇنىڭ يۈزىگە توپا چېچىڭلار›، دېگەن » ، دېدى.
― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
مانا بۇ ھەدىسلەر يۈزتۇرانە ماختاشنى مەنئى قىلىش ھەققىدىكى ھەدىسلەر بولۇپ، بۇنىڭ دۇرۇسلۇقى ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەرمۇ بار. ئۆلىمالار بۇ ھەدىسلەرنى تەتبىقلاپ مۇنداق دېگەن: « ئەگەر ماختالغۇچى كىشى ئىمان ئېتىقادى كامىل، ئىستىقامەتلىك، مەرىپەتلىك ئىنسان بولۇپ بىراۋنىڭ ماختىشى بىلەن مەغرۇرلىنىپ كەتمەيدىغان، ئۆزىنى يوقىتىپ ئۇچۇپ كەتمەيدىغان كىشى بولسا ماختاش ھاراممۇ ئەمەس، مەكرۇھمۇ ئەمەس. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئۇ كىشىنى يۈزتۇرانە ماختاش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.
يۈزتۇرانە ماختاشنىڭ دۇرۇسلۇقى ھەققىدىكى ھەدىسلەرنىڭ بىرى شۇكى، ئەبۇ بەكرىگە رەسۇلۇللاھ: « أرْجُو أنْ تَكُونَ مِنْهُمْ » « مەن سېنىڭ جەننەتكە كىرىشىڭ ئۈچۈن جەننەتنىڭ ھەممە ئىشىكلىرىدىن چاقىرىلغۇچىلاردىن بولۇشۇڭنى ئۈمىد قىلىمەن » ، دېگەن.
يەنە بىر ھەدىستە: « لَسْتَ مِنْهُمْ » « سەن تەكەببۇرلۇق قىلىپ تونىنى سۆرەپ يۈرگۈچىلەردىن ئەمەس سەن »، د ېگەن.
يەنە ئۇمەر ئىبن خەتتابقا: « مَا رَآكَ الشَّيْطَانُ سَالِكاً فَجًّا إلاَّ سلكَ فَجًّا غَيْرَ فَجِّك » « شەيتان سېنىڭ قايسى بىر يولدا ماڭغانلىقىڭنى كۆرسە، ئۇ سەن ماڭغان يولنى تاشلاپ باشقا بىر يولدا ماڭىدۇ »، د ېگەن.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: مەدداھلارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالماسلىق ۋە ئۇلارنىڭ مەدھىيىسىنى مۇكاپاتلىماسلىق. «مەدداھلارنىڭ يۈزىگە توپا چېچىش ۋە تاش ئېتىش»، دېگەن سۆزمۇ بار. بۇ مەدھىيىنى خۇشامەت ياكى كەسپ قورالىغا ئايلاندۇرۇۋېلىشنى ياكى ماختالغان كىشىنىڭ مەغرۇرلىنىپ، ھاكاۋۇرلۇق قىلىشىنى چەكلەش ئۈچۈندۇر. ئالىملار يۇقىرىقى ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنىنى بىرلەشتۈرۈپ ئېيتىدۇ: ئەگەر ماختالغان كىشى مەدھىيىگە ئالدىنىپ، مەغرۇرلىنىپ كەتمەيدىغان ئىمانى كامىل كىشى بولسا، بۇ كىشىنى مەدھىيىلەش ھارام ئەمەس. ئەگەر يۇقىرىقىدەك كىشى بولمىسا، ئۇنى يۈزىچىلاپ ماختاش قاتتىق چەكلىنىدۇ. مانا يۇقىرىقى تەپسىلاتلارغا ئاساسەن ھەر خىل ھەدىسلەر كەلگەن بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەبۇ بەكرىگە: « أَرْجُو اَنْ تَكُونَ مِنْهُمْ » «سېنىڭ ئۇلارنىڭ (يەنى جەننەتنىڭ ھەممە ئىشىكلىرىدىن چاقىرىلىدىغان كىشىلەرنىڭ) جۈملىسىدىن بولۇشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن»، دېگەن سۆزى ۋە يەنە باشقا ھەدىستىكى: « لَسْتَ مِنْهُمْ » «سەن ئۇلارنىڭ (يەنى، ئىشتىنىنى ھاكاۋۇرلۇقتىن ئۇزۇن كىيىدىغان كىشىلەرنىڭ) جۈملىسىدىن ئەمەس»، دېگەن سۆزلىرى، شۇنىڭدەك ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: « مَارَآكَ الشَّيْطَانُ سَالِكًا فَجًّا اِلاَّ سَلَكَ فَجًّا غَيْرَ فَجِّكَ » «سەن بىرەر كوچىدا ماڭساڭ، شەيتان سەن ماڭغان كوچىدا ماڭماي، باشقا كوچىدا ماڭىدۇ»، دېگەن سۆزلىرىمۇ يوللۇق مەدھىيىلەرنىڭ جۈملىسىدىندۇر.