361. باب ۋابا كېسىلى پەيدا بولغان يۇرتتىن قېچىپ چىقىپ كېتىشنىڭ ۋە سىرتتىكى كىشىلەرنىڭ ئۇ يۇرتقا كىرىشىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى توغرىسىدا
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿أَيْنَمَا تَكُونُواْ يُدْرِككُّمُ الْمَوْتُ وَلَوْ كُنتُمْ فِي بُرُوجٍ مُّشَيَّدَةٍ﴾ قەيەردە بولماڭلار، (ئەجەل كەلگەندە) ئۆلۈم سىلەرنى تاپىدۇ، مۇستەھكەم قەلئەلەردە بولغان تەقدىردىمۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە نىسا 78-ئايەت)
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَلاَ تُلْقُواْ بِأَيْدِيكُمْ إِلَى التَّهْلُكَةِ﴾ ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار . («قۇرئان كەرىم» سۈرە بەقەرە 195- ئايەت)
1791. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇمەر شامغا قاراپ سەپەرگە چىقىپ سەرغ دېگەن جايغا كەلگەندە ئۇنىڭ ئالدىغا لەشكەر باشلىقلىرىدىن ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبن جەرراھ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى چىقىدۇ. ئۇلار ئۇمەرگە شامدا ۋابا كېسىلى پەيدا بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئىبن ئابباس مۇنداق دەيدۇ: ئۇمەر ماڭا: « ئىلگىرى ھىجرەت قىلغان مۇسۇلمانلارنى چاقىرىپ بەرگىن » ، دېدى. مەن ئۇلارنى چاقىرىپ كەلدىم. ئۇمەر ئۇلار بىلەن شامدا ۋابا كېسىلى پەيدا بولغانلىقىنى ئېيتىپ مەسلىھەتلەشتى، ئۇلارنىڭ پىكىرى بىردەك بولمىدى. بەزىلىرى: « سەن بىر ياخشى ئىش ئۈچۈن مەدىنىدىن چىقتىڭ، بىز سېنىڭ قايتىپ كەتمەسلىكىڭنى مۇۋاپىق دەپ قارايمىز » ، دېدى. بەزىلىرى: « سەن بىلەن نۇرغۇن ئادەم ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىلىرى بار، بىز سېنىڭ ئۇلارنى بۇ ۋاباغا ئىتتىرمەسلىكىڭنى توغرا دەپ قارايمىز » ، دېدى. ئۇمەر ئۇلارنى قايتىشقا بۇيرۇدى، ئاندىن مېنىڭ ئەنسارىيلارنى چاقىرىپ كىلىشىمنى ئېيتتى. مەن ئۇلارنى چاقىرىپ كەلدىم. ئۇمەر ئۇلاردىنمۇ مەسلىھەت سورىدى، ئۇلارنىڭ پىكىرىمۇ مۇھاجىرلارنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولدى. ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى قىلىشتى. ئۇمەر ئۇلارغىمۇ: « قايتىپ تۇرۇڭلار » ، دېدى. ئاندىن ماڭا: « مەككە فەتىھ بولغان يىلى ھىجرەت قىلغان قۇرەيشنىڭ چوڭلىرىنى چاقىرىپ كىرگىن » ، دېدى. ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشماي بىردەك: « بىز سېنىڭ كىشىلەرنى ۋاباغا ئىتتەرمەي ئۇلارنى ئېلىپ قايتىپ كېتىشىڭنى توغرا دەپ قارايمىز » ، دېيىشتى. ئۇمەر كىشىلەرگە: « تاڭ ئېتىشى بىلەن مەدىنىگە قايتىمەن، سىلەرمۇ قايتىڭلار » ، دېدى. ئەبۇ ئۇبەيدە: « ئاللاھنىڭ تەقدىرىدىن قېچىش يۈزىسىدىن قايتامسەن؟»، دېدى. ئۇمەر: « ئى ئەبۇ ئۇبەيدە، بۇ گەپنى سەندىن باشقىسى دېگەن بولسىچۇ؟ (ئۇمەر ئۇنىڭ بىلەن قارشىلىشىشنى ياقتۇرمايتتى) ھەئە، ئاللاھنىڭ تەقدىرىدىن ئاللاھنىڭ يەنە بىر تەقدىرىگە قاچماقچىمىز، ئېيتىپ باقە، ئەگەر سېنىڭ بىر پادا تۆگەڭ بولۇپ بۇلار بىر ۋادىغا چۈشسە، ئۇ ۋادىنىڭ ئىككى تەرىپىنىڭ بىر تەرىپى يېشىلچىلىق يەنە بىر تەرىپى قاقاسلىق بولسا، تۆگەڭنى يېشىلچىلىقتا باقساڭمۇ ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن باققان ۋە قاقاسچىلىقا باقساڭمۇ ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن باققان بولمامسەن؟»، دېدى. ئىبن ئابباس ئېيتتىكى: كېيىن ئابدۇراھمان ئىبن ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كەلدى. ئۇ بىرەر ئىش بىللە سىرتقا چىقىپ كەتكەنىدى. ئۇ: « مەن بۇ توغرۇلۇق مەلۇماتقا ئىگىمەن، رەسۇلۇللاھنىڭ: ‹ إذَا سَمِعْتُمْ بِهِ بِأرْضٍ، فلاَ تَقْدمُوا عَلَيْهِ، وإذَا وَقَعَ بِأَرْضٍ وَأَنْتُمْ بِهَا، فَلا تخْرُجُوا فِرَاراً مِنْهُ › ‹ بىرەر يەردە ۋابا بار دەپ ئاڭلىساڭلار ئۇ يەرگە كىرمەڭلار، ئەگەر سىلەر تۇرغان يەردە ۋابا بولسا ئۇيەردىن قېچىپ چىقماڭلار ›، د ېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم»، دېۋىدى، ئۇمەر ئاللاھقا ھەمد ئېيتتى ۋە قايتىپ كەتتى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1792. ئۇسامە ئىبن زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إذَا سمِعْتُمْ الطَّاعُونَ بِأَرْضٍ، فَلاَ تَدْخُلُوهَا، وَإذَا وقَعَ بِأَرْضٍ، وَأَنْتُمْ فِيهَا، فَلاَ تَخْرُجُوا مِنْهَا » « بىرەر جايدا ۋابا يۈز بەرگەنلىكىنى ئاڭلىساڭلار ئۇ جايغا كىرمەڭلار، سىلەر بار جايدا يۈز بەرگەن بولسا ئۇ يەردىن چىقىپ كەتمەڭلار » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى (1791~1792): 1) ھۆكۈمران بولغان ئادەمنىڭ پۇقرالىرى بىلەن كېڭىشىشىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، ۋابا بار جايغا كىرىشنىڭ ۋە ۋابا تارقالغان جايدىن قېچىپ چىقىشنىڭ يامان ئىش ئىكەنلىكى. مانا بۇ بۈگۈنكى كۈندە يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، كىشىلەرنى مۇئەييەن بىر جايدا قاتتىق قامال قىلىپ قويۇش دېيىلىدۇ. چۈنكى، سەۋەبكە يېپىشىش، خەتەرلىك جايلاردىن يىراق بولۇشنىڭ ئۆزى ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۇل قىلىشنىڭ نەتىجىسى ھېسابلىنىدۇ. كېسەلنىڭ يوقىلىشى، تارقىلىشى ئاللاھ تائالانىڭ ئىزنى بىلەن بولىدۇ. كىشىنىڭ تۇتقان، پۈتكەن ئىشىنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ تائالا بىلىپ تۇرىدۇ. ئىنسان خەتەرلىك ئىشلاردىن ساقلىنىشقا بۇيرۇلغان.
2) شەرىئەتنىڭ مەنبەلىرىدىن بىرى ھېسابلانغان قىياسنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكى.
3) ئاۋامنىڭ باشچىلىرى ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەكلىكى. ئۇلارنى خەتەرلىك ئىشلارغا ئىتتىرىۋەتمەسلىكى لازىملىقى.