363. باب «قۇرئان كەرىم»نىڭ دۈشمەن قولىغا چۈشۈپ خارلىنىپ قېلىشىدىن قورقسا ئۇنى كۇففار يۇرتىغا ئېلىپ بارماسلىق توغرىسىدا
1794. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۈشمەن زېمىنىغا سەپەر قىلغاندا قۇرئان ئېلىۋېلىشنى مەنئى قىلغان.
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: دۈشمەن دىيارلىرىغا «قۇرئان كەرىم»نى يېنىدا ئېلىپ سەپەر قىلىشقا بولمايدىغانلىقى. سەۋەبى، «قۇرئان كەرىم» ئۇلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىپ، ئۇلار «قۇرئان كەرىم»نى خارلاپ قويۇشى مۇمكىن. ئەگەر بۇنداق بولۇشتىن ئەنسىرىمىگەن تەقدىردىمۇ ئېھتىيات يۈزىسىدىن «قۇرئان كەرىم»نى يېنىدا ئېلىپ سەپەرگە چىقماسلىق ياخشى.