364. باب يېيىش-ئىچىش، تازىلىق ۋە باشقا بارلىق ئىشلاردا ئالتۇن- كۈمۈش قاچىلارنى ئىشلىتىشنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا
1795. ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « الَّذِي يَشْرَبُ في آنِيَةِ الْفِضَّةِ إنَّمَا يُجَرْجِرُ في بَطْنِهِ نَار جَهَنَّمَ » « كۈمۈش قاچىدا بىر نەرسە ئىچكەن ئادەم شۈبھىسىزكى قورسىقىغا جەھەننەمنىڭ ئوتىنى تولدۇرۇپ ياتقان بولىدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
يەنە بىر رىۋايەتتە: « إنَّ الَّذِي يَأكُلُ أوْ يَشْربُ في آنيةِ الْفِضَّةِ وَالذَّهَب » « ئالتۇن-كۈمۈش قاچىدا يېگەن ياكى ئىچكەن ئادەم شۈبھىسىزكى قورسىقىغا جەھەننەمنىڭ ئوتىنى تولدۇرۇپ يۇتقان بولىدۇ » .
1796. ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ بىزنى تاۋار-دۇردۇن يىپەك رەختنى كىيىشتىن، ئالتۇن-كۈمۈش قاچىلاردا ئىچىشتىن مەنئى قىلىپ: « هُنَّ لهُمْ في الدُّنْيَا وَهِيَ لَكُمْ في الآخِرةِ » « ئۇلار دۇنيادا كۇففارلار ئۈچۈن، ئاخىرەتتە سىلەر ئۈچۈندۇر »، د ېدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
يەنە بىر رىۋايەتتە: مەن رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: « لا تَلْبِسُوا الحَرِيرَ وَلا الدِّيبَاجَ، ولا تَشْرَبُوا في آنيَةِ الذَّهَبِ والْفِضَّةِ وَلا تَأْكُلُوا في صِحَافِهَا » « سىلەر يىپەك رەخت، تاۋار-دۇردۇن كىيمەڭلار، ئالتۇن-كۈمۈش قاچىلاردا ئىچمەڭلار ۋە ئالتۇن-كۈمۈش لېگەنلەردە يېمەڭلار » ، دېيىلگەن.
1797. ئەنەس ئىبن سىرىن مۇنداق دەيدۇ: « مەن ئەنەس ئىبن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن بىر جامەئە مەجۇسىيلارنىڭ قېشىدا ئولتۇراتتۇق، كۈمۈش قاچىدا ھالۋا كەلتۈرۈلىۋېدى، ئەنەس ئۇنى يېمىدى، تاماق كەلتۈرگۈچىگە ‹قاچىنى ئالماشتۇرۋەت›، دېيىلدى، كۈمۈش قاچا ياغاچ قاچىغا ئالماشتۇرۇلدى. ئاندىن ئەنەس ھالۋىنى يېدى » . ― بەيھەقى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى (1795~1797): 1) يېمەك-ئىچمەك ۋە باشقا ئىستېمالدا ئالتۇن-كۈمۈش قاچىلارنى ئىشلىتىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى، چۈنكى بۇ نەرسىلەرنى ئىشلىتىش تەكەببۇرلۇق ۋە ھاكاۋۇرلۇقنىڭ ئالامىتى ئىكەنلىكى. بۇ نەرسىلەرنى زىننەت ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىشكە بولمايدىغانلىقى. چۈنكى، ئىشلىتىش ھارام قىلىنغان نەرسىنى زىننەت ئۈچۈن ئىشلىتىشمۇ ھارام. يۇقىرىقى ھەدىسلەردىكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇشلارغا قارىغاندا، بۇ نەرسىلەرنى ئىشلىتىش چوڭ گۇناھ ھېسابلىنىدىغانلىقى. ئاياللار زىننەت ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئالتۇن-كۈمۈش بۇيۇملىرى ۋە ئەرلەرنىڭ كۈمۈش ئۈزۈك سېلىشى بۇنىڭغا كىرمەيدۇ.
2) ھەر خىل يېپەك كىيىملەرنى كىيىشنىڭ ئەرلەرگە ھارام ئىكەنلىكى. چۈنكى، يېپەكتە ئەرلەرنىڭ خاراكتېرىگە زىت بولغان ئەۋرىشىملىك بولىدىغانلىقى. ئەگەر كېسەل سەۋەبىدىن يېپەك كىيىم كىيسە بولۇۋېرىدىغانلىقى.
3) يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەكتە ھەشەمەتچىلىك قىلىشتىن ۋە كۇففارلارغا ئوخشاشلىقتىن يىراق بولۇش.
4) ئاللاھ تائالانىڭ يوقىلاڭ، ئۆتكۈنچى نەرسىلەر ئورنىغا مەڭگۈلۈك نەرسىلەرنى ئالماشتۇرۇپ بېرىدىغانلىقى.