365. باب ئەر كىشىنىڭ زەپە رەڭلىك كىيىم كىيىشىنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا
1798. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەر كىشىنىڭ زەپە رەڭلىك كىيىم كىيىشىنى مەنئى قىلغان.
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1799. ئابدۇللاھ ئىبن ئەمر ئىبن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنىڭ ئۈستۈمدىكى سېرىق رەڭلىك ئىككى كىيىمنى كۆرۈپ: « أمُّكَ أمَرَتْكَ بهذا؟ » « بۇلارنى كىيىشىڭگە ئاناڭ بۇيرۇدىمۇ »، د ېدى. مەن: « يۇيۇۋېتەيمۇ ؟»، د ېسەم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « بلْ أحْرقْهُما » « بەلكى ئۇلارنى كۆيدۈرۈۋەت »، د ېدى.
يەنە بىر رىۋايەتتە: « إنَّ هذا منْ ثيَابِ الكُفَّار فَلا تَلْبسْهَا » « كۇففارلارنىڭ كىيىمىدۇر. ئۇنى كىيمىگىن »، د ېدى، دېيىلگەن. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
366. باب بىر كۈن كەچكىچە گەپ قىلماي تۇرىۋېلىشتىن
چەكلەش توغرىسىدا
1800. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ ئەستە تۇتۇۋالغان ئىدىم: « لايُتْمَ بَعْدَ احْتِلامٍ، وَلا صُمَاتَ يَوْمٍ إلى اللَّيْلِ » « بالاغەتكە يەتكەن كىشى يېتىم ھېسابلانمايدۇ. ئەتىگەندىن كەچكىچە گەپ قىلماي يۈرۈشكە بولمايدۇ » . ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
خەتتاب بۇ ھەدىسنىڭ ئىزاھاتىدا مۇنداق دېگەن: « گەپ قىلماي يۈرۈش جاھىلىيەت دەۋرىدە ئىبادەت ھېسابلىناتتى. ئىسلامىيەتتىن كېيىن بۇنىڭدىن مەنئى قىلىنىپ ئونىڭ ئورنىغا زىكىر ئېيتىش ۋە ياخشى گەپ قىلىشقا بۇيرۇلغان » .
1801. قەيىس ئىبن ئەبۇ ھازىم مۇنداق دېگەن: ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەھمەس قەبىلىسىدىن زەينەب ئىسىملىك بىر ئايالنىڭ يېنىغا كىرىپ، ئۇنىڭ گەپ قىلمايدىغانلىقىنى كۆرگەن ۋە بۇ ئايالنىڭ نېمىشقا گەپ قىلمايدىغانلىقىنى سورىغان. ئۇلار: « بۇ ئايال مۇشۇنداق گەپ قىلماي ھەج قىلىپ كەلدى » ، دېدى. ئەبۇ بەكرى ئۇ ئايالغا: « گەپ قىلغىن، گەپ قىلماسلىق ھالال ئەمەس، بۇ جاھىلىيەتنىڭ قىلىقى » ، دېۋىدى، بۇ ئايال شۇ ھامان گەپ قىلدى. ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) يېتىم بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن يېتىم ھېسابلانمايدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن يېتىملىق ھۆكۈملىرى كۆتۈرۈلۈپ كېتىدىغانلىقى.
2) سۆز قىلماسلىق بىلەن ئىبادەت قىلىش ئىسلامدا مەۋجۇت ئەمەس، ھارام ئىش بولۇپ، مېھمان كۈتۈشتە ۋە ياخشىلىققا بۇيرۇلۇپ يامانلىقتىن توسۇشتا شۇنىڭدەك ئىلىم تەلەپ قىلىشقا ئوخشاش ياخشى ئىشلاردا سۆزلەش تەشەببۇس قىلىنغان. غەيۋەت ياكى سەت گەپ قىلىش بولسا ھارام قىلىنغان.
3) پەقەت سۆزلىمەسلىككە ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلغان كىشى شەرىئەت بۇيرۇقلىرىغا زىت ئىش قىلغانلىقى ئۈچۈن قەسىمىگە ۋاپا قىلىشى لازىم ئەمەس.