367. باب كىــشىـــــنىڭ ئۆز ئاتىــــسىـــدىن باشـــقا كىـــشىنى ئاتام دەۋېلىشىنىڭ ۋە ئۆزىنى ئازاد قىلغان كىشىدىن باشقا كىشىنى مېنىڭ ئازاد قىلغۇچۇم دەۋىلىشىنىڭ ھاراملىقى توغرسىدا
1802. سەئد ئىبن ئەبۇ ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَن ادَّعَى إلى غَيْرِ أبِيهِ وَهُوَ يَعْلَمُ أنَّهُ غَيْرُ أبِيهِ فَالجَنَّةُ عَلَيهِ حَرامٌ » « كىمكى بىر كىشىنى ئۆز ئاتىسى ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆز ئاتام دەۋالسا جەننەت ئۇنىڭغا ھارام بولىدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1803. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا تَرْغَبُوا عَنْ آبَائِكُمْ، فَمَنْ رَغِبَ عَنْ أبيهِ فَهُوَ كُفْرٌ » « ئاتاڭلاردىن تانماڭلار، كىمكى ئاتىسىدىن تانىدىكەن، بۇ كۇفرىلىق بولىدۇ » .
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئۆز دادىسى بولمىغان كىشىنى بىلىپ تۇرۇپ دادام دەپ تۇرۇۋېلىش كۇفرىلىق بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ كىشى دادىسىنىڭ نامرات بولغانلىقى ئۈچۈن ياكى دادام دەۋالغان كىشىنىڭ ئابرۇيىنى كۆزلەپ ئۆز دادىسىدىن تانغان. ئەگەر كىشى ئۇ ئىشنىڭ ھاراملىقىنى ئېتىراپ قىلىپ تۇرۇپ بۇ ئىشنى قىلسا دوزاخقا لايىق چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولىدۇ.
2) ئىسلام دىنىنىڭ كىشىلەرنىڭ نەسەبلىرىنى قوغداشقا ۋە بالىلار ئۈستىدىكى ئاتىلىق ھوقۇقلىرىنى ھۆرمەت قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى.
1804. يەزىد ئىبن شەرىك ئىبن تارىق مۇنداق دەيدۇ: ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنبەر ئۈستىدە تۇرۇپ: «ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، قولىمىزدا بىز ئوقۇۋاتقان ئاللاھنىڭ كىتابىدىن ۋە مۇشۇ سەھىفىلەردىن (يەنى پارچە كىتاب ۋاراقلىرى) باشقا يېزىلغان نەرسە يوق»، دەپ سەھىفىلەرنى ئاچتى. ئۇنىڭدا تۆلەمگە بېرىلىدىغان تۆگىلەرنىڭ ياش سانى ۋە جاراھەتلەرنىڭ ھۆكۈملىرىگە ئالاقىدار مەسىلىلەر ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنۇ سۆزلىرى بار ئىكەن: « المدِينَةُ حَرَمٌ مَا بَيْنَ عَيْرٍ إلى ثَوْرٍ، فَمَنْ أحْدَثَ فيهَا حَدَثاً، أوْ آوَى مُحْدِثاً، فَعَلَيْهِ لَعْنَةُ اللَّهِ والمَلائِكَة وَالنَّاسِ أجْمَعِينَ، لا يَقْبَلُ اللَّه مِنْهُ يَوْمَ الْقِيَامَة صَرْفاً وَلا عَدْلاً، ذِمَّةُ المُسْلِمِينَ وَاحِدَةٌ، يَسْعَى بِهَا أدْنَاهُمْ، فَمَنْ أخْفَرَ مُسْلِماً، فَعلَيْهِ لَعْنَةُ اللَّه والمَلائِكَةِ وَالنَّاسِ أجْمَعِينَ، لا يَقْبَلُ اللَّه مِنْهُ يَوْم الْقِيامَةِ صَرفاً ولا عدْلاً . وَمَنِ ادَّعَى إلى غَيْرِ أبيهِ، أو انتَمَى إلى غَيْرِ مَوَاليهِ، فَعلَيْهِ لَعْنَةُ اللَّه وَالملائِكَةِ وًَالنَّاسِ أجْمَعِينَ، لا يقْبَلُ اللَّه مِنْهُ يَوْمَ الْقِيَامةِ صَرْفاً وَلا عَدْلاً » « مەدىنە ئەيردىن سەۋرگىچە ھۆرمىتى ساقلىنىدىغان جايدۇر. كىمكى بۇ مەدىنىدە بىدئەت پەيدا قىلسا ياكى بىدئەتچىگە ئورۇن بەرسە، ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ لەنىتى بولسۇن، ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ تەۋبىسىنى ۋە بەرگەن تۆلىمىنى قوبۇل قىلمايدۇ. بارلىق مۇسۇلمانلار ھامىلىقىغا ئېلىشتا باراۋەردۇر. ئەڭ ئاددىي مۇسۇلمانمۇ ھامىيلىقىغا ئالالايدۇ. كىمكى بىرەر مۇسۇلمانغا بەرگەن ھامىيلىقىنى بۇزسا، ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە بارلىق كىشىلەرنىڭ لەنىتى بولسۇن، ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ تەۋبىسىنى ۋە بەرگەن تۆلىمىنى قوبۇل قىلمايدۇ. كىمكى ئۆز ئاتىسىدىن باشقا بىر كىشىنى ئاتام دەۋالسا ۋە ئۆزىنى ئازاد قىلغان كىشىدىن باشقىسىنى ئازاد قىلغۇچۇم دەۋالسا، ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە بارلىق كىشىلەرنىڭ لەنىتى بولسۇن. ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ تەۋبىسىنى ۋە بەرگەن تۆلىمىنى قوبۇل قىلمايدۇ » .
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى باشقا ساھابىلەر بىلمەيدىغان ئىلىملەردىن خەۋەردار قىلدى ياكى ئۇنىڭغا خەلىفىلىكنى ۋەدە قىلدى دەپ دەۋا قىلغان كىشىنىڭ كاززاپلىقى.
2) مەدىنە شەھىرىنىڭ ئەير تېغىدىن سەۋر تېغىغىچىلىك بولغان ئارىلىقى مەككە مۇكەررىمەگە ئوخشاشلا قوغدىلىدىغان جاي بولۇپ، ھايۋانلارنى ئوۋلاشقا، دەرەخلەرنى كېسىشكە، مۇشرىك ۋە مۇسۇلمان بولمىغانلارنىڭ كىرىشىگە يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مەدىنىدە يۇقىرىقى ئىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ قويسا ھەرەمنىڭ قوغدىلىش دائىرىسىدە يۇقىرىقى ئىشلارنى قىلىپ قويغۇچىنىڭ ئەكسىچە فىدىيە بېرىش يوق.
3) مەدىنىدە گۇناھ ئۆتكۈزۈشنىڭ چوڭ گۇناھ ھېسابلىنىدىغانلىقى.
سەمھۇدى ئېيتىدۇ: مەدىنىدە سادىر قىلىنغان كىچىك گۇناھ چوڭ گۇناھ ھېسابلىنىدۇ.
4) چوڭ گۇناھ سادىر قىلغۇچىلارنى ئىسمىنى ئاشكارىلىماي قارغىسا بولىدىغانلىقى.
5) كىمكى يۇقىرىقى گۇناھلارنى سادىر قىلىپ تەۋبە قىلماستىن ئۆلۈپ كەتسە ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇ كىشىنىڭ پەرز ۋە نەفلى ئىبادەتلىرىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى.
6) باشقا كىشىنى دادا قىلىۋېلىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى، بۇنىڭ تۇزكۇرلۇق قىلىش ۋە مىراس ھەقلىرىنى زايە قىلىۋېتىش بولىدىغانلىقى.
1805. ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « لَيْسَ منْ رَجُلٍ ادَّعَى لِغَيْر أبيهِ وَهُوًَ يَعْلَمُهُ إلاَّ كَفَرَ، وَمَنِ ادَّعَى مَا لَيْسَ لهُ، فَلَيْسَ مِنَّا، وَليَتَبوَّأُ مَقْعَدَهُ مِنًَ النَّار، وَمَنْ دَعَا رَجُلاً بِالْكُفْرِ، أوْ قالَ: عدُوَّ اللَّه، وَلَيْسَ كَذلكَ إلاَّ حَارَ عَلَيْهِ » « كىمكى ئۆز ئاتىسى ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، بىرەر كىشىنى ئاتام دەۋالسا، ئۇ دىندىن چىققان بولىدۇ. كىمكى ئۆزىنىڭ بولمىغان نەرسىنى مېنىڭ دەۋالسا، ئۇ كىشى بىزدىن ئەمەس، ئۇ ئۆز جايىنى جەھەننەم دەپ بىلسۇن، كىمكى بىراۋنى كافىر دەپ ياكى ئاللاھنىڭ دۈشمىنى دەپ چاقىرسا، دېيىلگۈچى ئۇنداق بولمىسا، ئۇ گەپ دېگۈچىنىڭ ئۆزىگە قايتىپ قالىدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.