368. باب ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى مەنئى قىلغان ئىشنى قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇش توغرىسىدا
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿فَلْيَحْذَرِ الَّذِينَ يُخَالِفُونَ عَنْ أَمْرِهِ أَن تُصِيبَهُمْ فِتْنَةٌ أَوْ يُصِيبَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ﴾ پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار (دۇنيادا چوڭ بىر) پىتنىگە يولۇقۇشتىن، يا (ئاخىرەتتە) قاتتىق بىر ئازابقا دۇچار بولۇشتىن قورقسۇن . («قۇرئان كەرىم» سۈرە نۇر 63- ئايەت)
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَيُحَذِّرُكُمُ اللّهُ نَفْسَهُ﴾ ئاللاھ سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئازابىدىن قورقىتىدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئال ئىمران 30- ئايەت)
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿إِنَّ بَطْشَ رَبِّكَ لَشَدِيدٌ﴾ پەرۋەردىگارىڭنىڭ جازاسى شەك-شۈبھىسىز قاتتىقتۇر . («قۇرئان كەرىم» سۈرە بۇرۇج 12- ئايەت)
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَكَذَلِكَ أَخْذُ رَبِّكَ إِذَا أَخَذَ الْقُرَى وَهِيَ ظَالِمَةٌ إِنَّ أَخْذَهُ أَلِيمٌ شَدِيدٌ﴾ پەرۋەردىگارىڭ زالىم يۇرتلار (ئاھالىسى)نى ھالاك قىلسا، ئەنە شۇنداق ھالاك قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن تولىمۇ قاتتىقتۇر . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ھۇد 102- ئايەت)
1806. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إنَّ اللَّه تَعَالى يَغَارُ، وَغَيْرَةُ اللَّهِ أنْ يَأْتيَ المَرْءُ مَا حَرَّمَ اللَّه عَليهِ » « شۈبھىسىزكى ئاللاھ غەزەپ قىلىدۇ. ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشلارنى قىلغان كىشىگە ئاللاھنىڭ غەزىپى كېلىدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.