369. باب ئاللاھ مەنئى قىلغان ئىشنى قىلىپ سالغان ئادەمنىڭ نېمە قىلىشى ۋە نېمە دېيىشى توغرىسىدا
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَإِمَّا يَنزَغَنَّكَ مِنَ الشَّيْطَانِ نَزْغٌ فَاسْتَعِذْ بِاللَّهِ﴾ . إِنَّ الَّذِينَ اتَّقَواْ إِذَا مَسَّهُمْ طَائِفٌ مِّنَ الشَّيْطَانِ تَذَكَّرُواْ فَإِذَا هُم مُّبْصِرُونَ ئەگەر شەيتان ساڭا ۋەسۋەسە قىلسا،(شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن) ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن(سۆزۈڭنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر (ئىشىڭنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئەگەر تەقۋادار كىشىلەر شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە ئۇچرىسا، ئاللاھنى ئەسلەيدۇ-دە، ھەقىقەتنى كۆرۈۋېلىپ، (شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن) خالاس تاپىدۇ («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئەئراف 200 ― 201- ئايەتلەر)
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿وَالَّذِينَ إِذَا فَعَلُواْ فَاحِشَةً أَوْ ظَلَمُواْ أَنْفُسَهُمْ ذَكَرُواْ اللّهَ فَاسْتَغْفَرُواْ لِذُنُوبِهِمْ وَمَن يَغْفِرُ الذُّنُوبَ إِلاَّ اللّهُ وَلَمْ يُصِرُّواْ عَلَى مَا فَعَلُواْ وَهُمْ يَعْلَمُونَ﴾ ﴿أُوْلَـئِكَ جَزَآؤُهُم مَّغْفِرَةٌ مِّن رَّبِّهِمْ وَجَنَّاتٌ تَجْرِي مِن تَحْتِهَا الأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا وَنِعْمَ أَجْرُ الْعَامِلِينَ﴾ تەقۋادارلار يامان بىر گۇناھ قىلىپ قالسا ياكى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلسا ئاللاھنى ياد ئېتىدۇ، گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، گۇناھىنى كەچۈرىدىغان ئاللاھتىن باشقا كىم بار؟ ئۇلار قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرمايدۇ. ئۇلارنىڭ (يەنى يۇقارقى خىسلەتلەرگە ئىگە كىشىلەرنىڭ) مۇكاپاتى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بولغان مەغفىرەت ۋە ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردۇر. بۇ يەرلەردە ئۇلار مەڭگۈ قالىدۇ. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئېرىشىدىغان ساۋابى نېمىدېگەن ياخشى! («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئال ئىمران 135-136- ئايەتلەر) .
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿وَتُوبُوا إِلَى اللَّهِ جَمِيعًا أَيُّهَا الْمُؤْمِنُونَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ﴾ ئى مۇئمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىڭلار . («قۇرئان كەرىم» سۈرە نۇر 31- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
1807. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَنْ حَلَف فَقَالَ في حلفِهِ: بِالَّلاتِ والْعُزَّى، فَلْيقُلْ: لا إلَهَ إلاَّ اللَّه ومَنْ قَالَ لِصَاحِبِهِ، تَعَالَ أُقَامِرْكَ فَليتَصَدَّق » « كىمكى لات ۋە ئۇززا بىلەن قەسەم قىلسا، ئارقىدىن لاَ إِلَهَ إِلاَّ الله دېسۇن، كىمكى ئۆزىنىڭ يېنىدىكى ئادەمگە كەل، قىمار ئوينايمىز دېسە، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ سەدىقە قىلسۇن » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) بۇتلار بىلەن قەسەم قىلىشنىڭ دىندىن چىقىرىۋېتىدىغان ئىش بولۇپ ھارام ئىكەنلىكى، ئەگەر بۇت بىلەن قەسەم قىلغان كىشى بولسا ئىمانىنى يېڭىلاش كېرەكلىكى.
2) قىمارغا چاقىرىشنىڭ ھاراملىقى. بۇنىڭ كەففارىتى بولسا تەۋبە قىلىش ۋە سەدىقە بېرىشكە ئالدىراش بولۇپ، ئاللاھ تائالا: شۈبھىسىزكى ياخشى ئىشلار ئارقىلىق يامان ئىشلار يۇيۇلىدۇ ، دېگەن.