رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

370. باب خىلمۇخىل مەزمۇندىكى ھەدىسلەر

1808. نەۋۋاس ئىبن سەمئان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ئەتىگىنى دەججال ئۈستىدە توختىلىپ ئاۋازىنى بىر پەسلىتىپ بىر كۆتۈرەتتى. بىز دەججالنى يېقىن جايدىكى خورمىزارلىقتىكەن، دەپ قالدۇق. بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھوزۇرىغا بارغىنىمىزدا، ئۇ بىزنىڭ ھالىمىزنى بىلىپ: « ما شأنكم؟ » « ئەھۋالىڭلار قانداق؟»، دېدى. بىز: « ئى رەسۇلۇللاھ، قايسى بىر ئەتىگىنى سەن ئاۋازىڭنى بىر پەسلىتىپ بىر كۆتۈرۈپ دەججال ئۈستىدە توختالدىڭ، ھەتتاكى بىز ئۇنى يېقىن جايدىكى خورمىزارلىقتىمىكىن دەپ قالدۇق »، د ېدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « غَيْرُ الدَّجَالِ أخْوفَني عَلَيْكُمْ، إنْ يخْرجْ وأنآ فِيكُمْ، فَأنَا حَجِيجُه دونَكُمْ، وَإنْ يَخْرجْ وَلَسْتُ فِيكُمْ، فكلُّ امريءٍ حَجيجُ نَفْسِهِ، واللَّه خَليفَتي عَلى كُلِّ مُسْلِمٍ . إنَّه شَابٌ قَطَطٌ عَيْنُهُ طَافِيَةٌ، كأَنَّي أشَبِّهُه بعَبْدِ الْعُزَّى بن قَطَنٍ، فَمَنْ أدْرَكَه مِنْكُمْ، فَلْيَقْرَأْ عَلَيْهِ فَوَاتِحَ سُورةِ الْكَهْفِ، إنَّه خَارِجٌ خَلَّةً بَينَ الشَّامِ وَالْعِرَاقِ، فَعَاثَ يمِيناً وَعاثَ شمالاً، يَا عبَادَ اللَّه فَاثْبُتُوا » « مېنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنىم سىلەرگە دەججالنىڭ پىتنىسىدىن باشقا بىر پىتنىنىڭ يېتىپ قېلىشىدۇر، ئەگەر دەججال چىققاندا مەن ئاراڭلاردا بولىدىغان بولسام ئۇنىڭ چارىسىنى قىلىمەن، ئەگەر ئۇ چىققان چاغدا مەن ئاراڭلاردا بولمىسام ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ ئىلاجىنى ئۆزى قىلسۇن. مەندىن كېيىن ئاللاھ تائالا ھەر بىر مۇسۇلماننى دەججالنىڭ پىتنىسىدىن ئۆزى ساقلايدۇ. دەججال قويۇق بۈدۈر چاچلىق، كۆزى پولتىيىپ چىقىپ تۇرغان بىر يىگىتتۇر، گويا ئۇنى مەن قەتەننىڭ ئوغلى ئابدۇل ئوززاغا ئوخشىتىمەن. كېيىنكى چاغلاردا سىلەردىن كىمكى ئۇنى كۆرسە ئۇنىڭغا سۈرە كەھفنىڭ بېشىدىكى ئايەتلەرنى ئوقۇسۇن. ئۇ شام بىلەن ئىراقنىڭ ئارىلىقىدىكى بىر يولدىن چىقىدۇ ۋە ئوڭدىمۇ، سولدىمۇ ھەممىلا يەردە پىتنە پاسات تېرىيدۇ. ھەي ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! دىنىڭلاردا مۇستەھكەم تۇرۇڭلار »، د ېدى. بىز: « ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۇ زېمىندا قانچە ۋاقىت تۇرىدۇ؟»، دېدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « أرْبَعُون يَوْماً: يَوْمٌ كَسَنَةٍ، وَيَوْمٌ كَشَهْرٍ، وَيوْمٌ كجُمُعَةٍ، وَسَائِرُ أيَّامِهِ كأَيَّامِكُم » « قىرىق كۈن تۇرىدۇ، ئۇ قىرىق كۈننىڭ بىرىنچى كۈنى بىر يىلدەك، ئىككىنچى كۈنى بىر ئايدەك، ئۈچىنىچى كۈنى بىر ھەپتىدەك بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا كۈنلەرنىڭ ھەممىسى سىلەرنىڭ مۇشۇ كۈنۈڭلەردەك بولىدۇ » ، دېدى. بىز: « ئى رەسۇلۇللاھ! بىر يىلدەك بولىدىغان ئۇزۇن كۈندە بىر كۈنلۈكنىڭ نامىزىنى ئوقۇسا بولامدۇ؟»، دەپ سورىدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « لا، اقْدُرُوا لَهُ قَدْرَهُ » « بولمايدۇ، سىلەر ئۇ كۈننى ئادەتتىكى كۈننىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئۆلچەپ، بۆلەكلەرگە بۆلۈپ، ھەربىر بۆلىكىدە بىر كۈنلۈك نامىزىڭلارنى ئوقۇڭلار »، د ېدى. بىز: « ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇنىڭ مېڭىش سۈرئىتى قانداق بولىدۇ؟»، دەپ سورىدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « كَالْغَيْث استَدبَرَتْه الرِّيحُ، فَيَأْتي على الْقَوْم، فَيَدْعُوهم، فَيؤْمنُونَ بِهِ، ويَسْتجيبون لَهُ فَيَأمُرُ السَّماءَ فَتُمْطِرُ، والأرْضَ فَتُنْبِتُ، فَتَرُوحُ عَلَيْهمْ سارِحتُهُم أطْوَلَ مَا كَانَتْ ذُرى، وَأسْبَغَه ضُرُوعاً، وأمَدَّهُ خَواصِرَ، ثُمَّ يَأْتي الْقَوْمَ فَيَدْعُوهم، فَيَرُدُّون عَلَيهِ قَوْلهُ، فَيَنْصَرف عَنْهُمْ، فَيُصْبحُون مُمْحِلينَ لَيْسَ بأيْدِيهم شَيءٌ منْ أمْوالِهم، وَيَمُرُّ بِالخَربَةٍِ فَيقول لَهَا: أخْرجِي كُنُوزَكِ، فَتَتْبَعُه، كُنُوزُهَا كَيَعَاسِيب النَّحْلِ، ثُّمَّ يدْعُو رَجُلاً مُمْتَلِئاً شَباباً فَيضْربُهُ بالسَّيْفِ، فَيَقْطَعهُ، جِزْلَتَيْن رَمْيَةَ الْغَرَضِ، ثُمَّ يَدْعُوهُ، فَيُقْبِلُ، وَيَتَهلَّلُ وجْهُهُ يَضْحَكُ . فَبَينَما هُو كَذلكَ إذْ بَعَثَ اللَّه تَعَالى المسِيحَ ابْنَ مَرْيم صَلّى اللهُ عَلَيْهِ وسَلَّم، فَيَنْزِلُ عِنْد المَنَارَةِ الْبَيْضـَآءِ شَرْقيَّ دِمَشْقَ بَيْنَ مَهْرُودتَيْنِ، وَاضعاً كَفَّيْهِ عَلى أجْنِحةِ مَلَكَيْنِ، إذا طَأْطَأَ رَأسهُ، قَطَرَ وإذا رَفَعَهُ تَحدَّر مِنْهُ جُمَانٌ كَاللُّؤلُؤ، فَلا يَحِلُّ لِكَافِر يَجِدُّ ريحَ نَفَسِه إلاَّ مات، ونَفَسُهُ يَنْتَهِي إلى حَيْثُ يَنْتَهِي طَرْفُهُ، فَيَطْلُبُه حَتَّى يُدْرِكَهُ بَباب لُدٍّ فَيَقْتُلُه . ثُمَّ يأتي عِيسَى صَلّى اللهُ عَلَيْهِ وسَلَّم قَوْماً قَدْ عَصَمَهُمُ اللَّه مِنْهُ، فَيَمْسَحُ عنْ وُجوهِهِمْ، ويحَدِّثُهُم بِدرَجاتِهم في الجنَّةِ . فَبَينَما هُوَ كَذلِكَ إذْ أوْحَى اللَّه تَعَالى إلى عِيسى صَلّى اللهُ عَلَيْهِ وسَلَّم أنِّي قَدْ أَخرَجتُ عِبَاداً لي لا يدانِ لأحَدٍ بقِتَالهمْ، فَحَرِّزْ عِبادي إلى الطُّورِ، وَيَبْعَثُ اللَّه يَأْجُوجَ ومَأجوجَ وَهُمْ مِنْ كُلِّ حَدِبٍ يَنْسلُون، فيَمُرُّ أوَائلُهُم عَلى بُحَيْرةِ طَبرِيَّةَ فَيَشْرَبون مَا فيهَا، وَيمُرُّ آخِرُهُمْ فيقولُونَ: لَقَدْ كَانَ بهَذِهِ مرَّةً ماءٌ . وَيُحْصَرُ نبي اللَّهِ عِيسَى صَلّى اللهُ عَلَيْهِ وسَلَّم وَأصْحَابُهُ حَتَّى يكُونَ رأْسُ الثَّوْرِ لأحدِهمْ خيْراً منْ مائَةِ دِينَارٍ لأحَدِكُمُ الْيَوْمَ، فَيرْغَبُ نبي اللَّه عِيسَى صَلّى اللهُ عَلَيْهِ وسَلَّم وأَصْحَابُه، رضي اللَّه عَنْهُمْ، إلى اللَّهِ تَعَالى، فَيُرْسِلُ اللَّه تَعَالى عَلَيْهِمْ النَّغَفَ في رِقَابِهِم، فَيُصبحُون فَرْسى كَموْتِ نَفْسٍ وَاحِدَةٍ، ثُمَّ يهْبِطُ نبي اللَّه عيسى صَلّى اللهُ عَلَيْهِ وسَلَّم وَأصْحابهُ رضي اللَّه عَنْهُمْ، إلى الأرْضِ، فَلاَ يَجِدُون في الأرْضِ مَوْضِعَ شِبْرٍ إلاَّ مَلأهُ زَهَمُهُمْ وَنَتَنُهُمْ، فَيَرْغَبُ نبي اللَّه عِيسَى صَلّى اللهُ عَلَيْهِ وسَلَّم وَأصْحابُهُ رضي اللَّه عَنْهُمْ إلى اللَّه تَعَالَى، فَيُرْسِلُ اللَّه تَعَالى طيْراً كَأعْنَاقِ الْبُخْتِ، فَتحْمِلُهُمْ، فَتَطرَحُهم حَيْتُ شَآءَ اللَّه، ثُمَّ يُرْسِلُ اللَّه عَزَّ وجَلَّ مـطَراً لا يَكِنُّ مِنْهُ بَيْتُ مَدَرٍ ولا وَبَرٍ، فَيَغْسِلُ الأرْضَ حَتَّى يَتْرُكَهَا كالزَّلَقَةِ . ثُمَّ يُقَالُ لِلأرْضِ: أنْبِتي ثَمرَتَكِ، ورُدِّي برَكَتَكِ، فَيَوْمئِذٍ تأكُلُ الْعِصَابَة مِن الرُّمَّانَةِ، وَيسْتظِلون بِقِحْفِهَا، وَيُبارَكُ في الرِّسْلِ حَتَّى إنَّ اللَّقْحَةَ مِنَ الإبِلِ لَتَكْفي الفئَامَ مِنَ النَّاس، وَاللَّقْحَةَ مِنَ الْبَقَرِ لَتَكْفي الْقَبِيلَةَ مِنَ النَّاس، وَاللَّقْحَةَ مِنَ الْغَنمِ لَتَكْفي الفَخِذَ مِنَ النَّاس .فَبَيْنَمَا هُمْ كَذَلِكَ إذْ بَعَثَ اللَّه تَعالَى رِيحاً طَيِّبَةً، فَتأْخُذُهم تَحْتَ آبَاطِهِمْ، فَتَقْبِضُ رُوحَ كُلِّ مُؤمِن وكُلِّ مُسْلِمٍ، وَيبْقَى شِرَارُ النَّاسِ يَتهَارجُون فِيهَا تَهَارُج الْحُمُرِ فَعَلَيْهِم تَقُومُ السَّاعَةُ » « ئۇنىڭ سۈرئىتى شامال ھەيدەپ كەلگەن بۇلۇتتەك بولىدۇ. ئۇ بىر قەۋمنىڭ قېشىغا كېلىدۇكى، ئۇلارنى ئۆز دىنىغا دەۋەت قىلىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرىدۇ. نېمە دېسە شۇنى قوبۇل قىلىدۇ، ئاندىن ئۇ ئاسماننى يامغۇر ياغدۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، ئاسماندىن يامغۇر ياغىدۇ. زېمىننى بۇيرۇپ، زېمىندىن ئۆسۈملۈكلەر ئۈنىدۇ. ئۇ قەۋمنىڭ ئوتلىغىلى كەتكەن چارۋىلىرى كەچقۇرۇنلىقى يوغىناپ، يىلىنلىرى سۈتكە تولغان، سەمرىگەن ھالدا قايتىپ كېلىدۇ. ئاندىن ئۇ باشقا بىر قەۋمنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇلارنى ئۆز دىنىغا دەۋەت قىلىدۇ. ئۇلار ئۇنىڭ سۆزىنى رەت قىلىدۇ، ئۇ ئۇلارنىڭ قېشىدىن قايتىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا قەھەتچىلىك يۈزلىنىپ قوللىرىدا ھېچقانداق مال-مۈلكى قالمايدۇ. ئۇ بىر خارابىلىكتىن ئۆتۈپ ئۇ يەرگە ئىچىڭدىكى نەرسىلەرنى چىقار دەيدۇ. خارابىلىك ئىچىدىكى بايلىقلار ھەسەل ھەرىسى ئۇۋىسىدىن چىققاندەك ئارقىمۇئارقا چىقىپ ئۇنىڭغا ئەگىشىدۇ. ئاندىن ئۇ يىگىتلىك قۇرامىغا يەتكەن بىر كىشىنى چاقىرىپ ئەكېلىپ ئۇنى قىلىچ بىلەن ئۇرۇپ ئىككى پارچە قىلىۋېتىپ، ئۇ كىشىنى قايتا چاقىرىدۇ، ئۇ تىرىلىپ خۇشال كۈلگەن قىياپەتتە دەججالنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ. مۇشۇنداق بىر پەيتتە ئاللاھ تائالا مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتىدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالام بىرجۈپ رەڭلىك كىيىم كىيگەن، ئىككى ئالىقىنىنى ئىككى پەرىشتىنىڭ قاناتلىرىغا قويغان ھالىتىدە دەمەشىقنىڭ شەرق تەرىپىدىكى ئاق مۇنارغا چۈشىدۇ. ئۇ بېشىنى تۆۋەن قىلسا بېشىدىن سۇ تامچىيدۇ، بېشىنى كۆتۈرسە مەرۋايىتتەك سۈزۈك سۇ تامچىلىرى تۆكۈلىدۇ، ئۇنىڭ ھىدىنى ئالغان ئىمانسىزلارنىڭ ھەممىسى ھايات قالمايدۇ. ئۇنىڭ ھىدى كۆزى يەتكەن يەرگىچە بارىدۇ، ئاندىن ئىيسا ئەلەيھىسسالام دەججالنى ئىزدەپ ئاخىر ئۇنى بەيتۇلمۇقەددەسكە يېقىن بابىلۇن دېگەن جايدا تېپىپ ئۆلتۈرىدۇ. ئاندىن ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا ئاللاھ تائالا دەججالنىڭ پىتنىسىدىن ساقلاپ قالغان قەۋم كېلىدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ يۈز كۆزلىرىنى سىلاپ قويىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ جەننەتتىكى مەرتىۋىلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. مانا شۇ چاغدا ئاللاھ تائالا ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا: « ھەقىقەتەن مەن ھېچ بىر كىشىنىڭ سوقۇشۇشقا كۈچى يەتمەيدىغان بىر جامائە بەندىلىرىمنى چىقاردىم، سەن مۇئمىن بەندىلىرىمنى تۇر تېغىغا ئېلىپ بارغىن » ، دەپ ۋەھىي قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا يەئجۇج-مەئجۇجنى ئەۋەتىدۇ. ئۇلار زېمىننىڭ ھەربىر تۆپىلىكلىرىدىن ئالدىراپ چىقىپ كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئالدىدا كەلگەنلىرى تەۋەرىييە كۆلىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ ئۇنىڭ سۇلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىچىپ بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاخىرقىلىرى ئۆتكەندە: « بىر چاغلاردا بۇ كۆلدە سۇ بولغان بولغىيمىدى » ، دېيىشىدۇ. ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىيسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى قامىلىپ قالىدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ بىرى ئۈچۈن ئۆكۈزنىڭ بىرتال بېشى سىلەرنىڭ بۈگۈنكى كۈنۈڭلاردىكى يۈز تىللادىن ئەلا بولۇپ قالىدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى ئاللاھقا دۇئا قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا يەئجۇج-مەئجۇجلەرگە قۇرت بالاسىنى ئەۋەتىش بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىردەك تەڭلا ھالاك بولىدۇ. ئاندىن ئىيسا ئەلەيھىسسام ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى (تۇر تېغىدىن) زېمىنغا چۈشىدۇ. زېمىننىڭ بىر غېرىچ يېرىمۇ يەئجۇج-مەئجۇجلارنىڭ بەد بۇي، سېسىق پۇرىقىدىن خالىي بولمايدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا تۆگىلەرنىڭ بويۇنلىرىدەك چوڭ قۇشلارنى ئەۋەتىدۇ. ئۇ قۇشلار ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىنى كۆتۈرۈپ ئاللاھ خالىغان يەرلەرگە ئاپىرىپ تاشلايدۇ. ئاندىن ئاللاھ تائالا شۇنداق بىر يامغۇر ياغدۇرىدۇكى، يامغۇر بىرەر ئۆي ۋە ياكى بىرەر چېدىرنىمۇ ساق قالدۇرمايدۇ. زېمىننى يۇيۇپ ئەينەكتەك قىلىپ قويىدۇ. ئاندىن كېيىن زېمىنغا: « مېۋىلىرىڭنى ئۆستۈرگىن، بەرىكەتلىرىڭنى ئەسلىگە كەلتۈرگىن » ، دېيىلىدۇ. شۇ كۈنلەردە بىر ئانارنى بىر جامائەت كىشىلەر يەپ تويىدۇ، شۈپەكلىرى بىلەن سايىدايدۇ، سۈتكە شۇنداق بەرىكەت بېرىلىدۇكى، ھەتتا بىر سۈتلۈك تۆگە ئادەملەرنىڭ بىر كاتتا جامائەسىگە كۇپايە قىلىدۇ، سىيرنىڭ سۈتى بىر قەبىلە كىشىلىرىگە يېتىدۇ. بىر ساغلىقنىڭ سۈتى بىر جەمەت كىشىلىرىگە يېتىدۇ. ئۇلار شۇنداق ياشاۋاتقان چاغدا ئاللاھ تائالا تۇيۇقسىزلا مەيىن بىر شامالنى ئەۋەتىدۇ، شامال ئۇلارنىڭ قولتۇقلىرىنىڭ ئاستىدىن ئۆتۈپ ھەربىر مۇئمىن مۇسۇلماننى قەبزى روھ قىلىدۇ. ئۇلاردىن كېيىن زېمىندا ئېشەكلەردەك ئاشكارا جىنسىي ئالاقە قىلىشىدىغان ئەڭ ئەسكى ئادەملەر قالىدۇ، مانا شۇلارنىڭ ۋاقتىدا قىيامەت قايىم بولىدۇ » ، دېدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

1809. رىبئى ئىبن ھىراش رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن ئەبۇ مەسئۇد ئەنسارىي بىلەن ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ يېنىغا باردىم. ئەبۇ مەسئۇد ھۇزەيفىگە: « ماڭا دەججال توغرۇلۇق ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدىن ئاڭلىغانلىرىڭنى سۆزلەپ بەرگىن »، د ېۋىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: « إنَّ الدَّجَّالَ يَخْرُجُ وَإنَّ مَعَهُ ماءً وَنَاراً، فَأَمَّا الَّذِي يَرَاهُ النَّاسُ ماءً فَنَارٌ تُحْرِقُ، وَأمَّا الَّذِي يَرَاهُ النَّاسُ نَاراً، فَمَاءٌ بَاردٌ عذْبٌ، فَمَنْ أدْرَكَهُ مِنْكُمْ، فَلْيَقَعْ في الذي يَراهُ نَاراً، فَإنَّهُ ماءٌ عَذْبٌ طَيِّبُ » « شۈبھىسىزكى، دەججال چىققاندا ئۇنىڭدا ئوت ۋە سۇ بولىدۇ. كىشىلەرنىڭ سۇ دەپ قارىغان نەرسىسى كۆيدۈرىدىغان ئوتتۇر. ئوت دەپ قارىغىنى مۇزدەك تاتلىق سۇدۇر. سىلەردىن كىمكى شۇ زاماندا بولۇپ قالسا كۆزىگە ئوت كۆرۈنگەنگە كىرسۇن، چۈنكى ئۇ تاتلىق، پاكىز سۇدىن ئىبارەتتۇر »، د ېدى. ئاندىن ئەبۇ مەسئۇد: « مەنمۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇشۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم » ، دېدى.

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

1810. ئابدۇللاھ ئىبن ئەمر ئىبن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « يخْرُجُ الدَّجَّالُ في أمَّتي فَيَمْكُثُ أربَعِينَ، لا أدْري أرْبَعِينَ يَوْماً، أو أرْبَعِينَ شَهْراً، أوْ أرْبَعِينَ عَاماً، فَيبْعثُ اللَّه تَعالى عِيسَى ابْنَ مَرْيمَ صَلّى اللهُ عَلَيْهِ وسَلَّم فَيَطْلُبُهُ فَيُهْلِكُه، ثُّمَّ يَمْكُثُ النَّاسُ سبْعَ سِنِينَ لَيْسَ بَيْنَ اثْنْينِ عدَاوَةٌ ، ثمَّ يُرْسِلُ اللَّه، عزَّ وجَلَّ، ريحاً بارِدَةً مِنْ قِبلِ الشَّامِ، فَلا يبْقَى على وَجْهِ الأرْضِ أحَدٌ في قَلْبِهِ مِثْقَالُ ذَرَّةٍ مِنْ خَيْرٍ أوْ إيمَانٍ إلاَّ قَبَضَتْهُ، حتَّى لَوْ أنَّ أحَدَكُمْ دخَلَ في كَبِدِ جَبلٍ، لَدَخَلَتْهُ عَلَيْهِ حَتَّى تَقْبِضَهُ . فَيَبْقَى شِرَارُ النَّاسِ في خِفَّةِ الطَّيْرِ، وأحْلامِ السِّباعِ لا يَعْرِفُون مَعْرُوفاً، وَلا يُنْكِرُونَ مُنْكَراً، فَيَتَمَثَّلَ لهُمُ الشَّيْطَانُ، فَيقُولُ: ألا تسْتَجِيبُون؟ فَيَقُولُونَ: فَما تأمُرُنَا؟ فَيَأمرُهُم بِعِبَادةِ الأوْثَانِ، وهُمْ في ذلكَ دارٌّ رِزْقُهُمْ، حسنٌ عَيْشُهُمْ . ثُمَّ يُنْفَخُ في الصَّور، فَلا يَسْمعُهُ أحَدٌ إلاَّ أصْغى لِيتاً ورفع ليتاً، وَأوَّلُ منْ يسْمعُهُ رَجُلٌ يلُوطُ حَوْضَ إبِله، فَيُصْعقُ ويسعق النَّاسُ حوله، ثُمَّ يُرْسِلُ اللَّه أوْ قالَ: يُنْزِلُ اللَّه مَطَراً كأَنَّهُ الطَّلُّ أو الظِّلُّ، فَتَنْبُتُ مِنْهُ أجْسَادُ النَّاس ثُمَّ ينفخ فِيهِ أخْرَى فإذا هُمْ قِيامٌ يَنْظُرُون. ثمَّ يُقَالُ يا أيهَا النَّاسُ هَلُمَّ إلى رَبِّكُم، وَقِفُوهُمْ إنَّهُمْ مَسْؤولونَ، ثُمَّ يُقَالُ: أخْرجُوا بَعْثَ النَّارِ فَيُقَالُ: مِنْ كَمْ؟ فَيُقَالُ: مِنْ كُلِّ ألْفٍ تِسْعَمِائة وتِسْعةَ وتِسْعينَ، فذلكَ يْوم يجْعَلُ الْوِلْدانَ شِيباً، وذَلكَ يَوْمَ يُكْشَفُ عنْ ساقٍ » « دەججال مېنىڭ ئۈممىتىم ئىچىدە پەيدا بولىدۇ، دۇنيادا 40 تۇرىدۇ (رىۋايەت قىلغۇچى 40 كۈنمۇ، 40 ئايمۇ، 40 يىلمۇ بىلمىدىم دەيدۇ). ئاللاھ مەريەم ئوغلى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتىدۇ، ئۇ دەججالنى ئىزدەپ تېپىپ ئۆلتۈرىدۇ، ئاندىن كىشىلەر (ئىيسا ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن) يەتتە يىل ئادەم ئارىسىدا ئاداۋەتمۇ بولماي تىنچ ھايات كەچۈرىدۇ، ئاندىن ئاللاھ تائالا شام تەرەپتىن سوغۇق شامال چىقىرىدۇ، ئۇ شامال يەر يۈزىدە قەلبىدە زەررىچە ياخشىلىق ياكى ئىمان بولغان كىشىنى قالدۇرماي قەبزى روھ قىلىدۇ، ھەتتا بىرەرسىڭلار تاغنىڭ باغرىغا كىرىۋالغان تەقدىردىمۇ شامال شۇ يەرگە كىرىپ ئۇنىڭ جېنىنى ئالماي قويمايدۇ. يەر يۈزىدە يامان ئىشلارغا بېرىلىشتە قۇشنىڭ ئۇچقىنىدەك تېز، يىرتقۇچ ۋەھشىي ھايۋانلاردەك ھۆركىرەيدىغان كىشىلەر قالىدۇ، ئۇلار ياخشى ئىشنى بىلمەيدۇ، يامان ئىشنى ئىنكار قىلمايدۇ، ئاندىن شەيتان بىر ئادەمنىڭ سۈرىتىگە كىرىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ: « مېنىڭ سۆزۈمگە كىرمەمسىلەر »، د ەيدۇ، ئۇلار: « بىزنى نېمىگە بۇيرۇيسەن؟»، دەيدۇ. شەيتان ئۇلارنى بۇتقا چوقۇنۇشقا بۇيرۇيدۇ، ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ رىزقى كەڭ، تۇرمۇشى پاراۋان بولۇپ كېتىدۇ. ئاندىن سۈر چېلىنىدۇ. ئۇنى پەقەت بوينىنىڭ بىر تەرىپىنى پەس قىلىپ يەنە بىر تەرىپىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ قۇلاق سالغان ئادەملا ئاڭلايدۇ. ئۇنى ئالدى بىلەن تۆگىسىنى سۇغۇرىدىغان كۆلنى ئوڭلاۋاتقان كىشى ئاڭلايدۇ. ئالدى بىلەن بۇ ئادەم سۈر ئاۋازىدىن ئۆلىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئۆلۈشكە باشلايدۇ، ئاندىن ئاللاھ خۇددى شەبنەمدەك بىر يامغۇر ياغدۇرىدۇكى، ئۇنىڭدىن كىشىلەرنىڭ جەسەتلىرى ئۈنۈپ چىقىدۇ، ئاندىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم سۈر چېلىنغاندا ناگاھان ئۇلار تۇرۇپ (نېمىگە بۇيرۇلىدىغانلىقلىرىغا) قاراپ تۇرىدۇ. ئاندىن: « ئى خالايىق، پەرۋەردىگارىڭلار تەرەپكە كېلىڭلار » ، دېيىلىدۇ. پەرىشتىلەرگە: « ئۇلارنى توختىتىپ تۇرۇڭلار، ئۇلار (جىمىكى سۆزلىرى ۋە ئىشلىرىدىن) سوئال-سوراققا تارتىلىدۇ »، د ېيىلىدۇ. ئاندىن پەرىشتىلەرگە: « دوزاخقا يوللىنىدىغانلارنى چىقىرىڭلار »، د ېيىلسە، « قانچىلىكتىن قانچىنى؟»، دەپ سورىلىدۇ. « ھەر مىڭدىن 999نى » ، دەپ جاۋاب بېرىلىدۇ، ئۇ شۇنداق بىر كۈندۈركى دەھشىتىدىن بالىلارنىڭ بېشىنى ئاقارتىۋېتىدۇ. ئۇ شۇنداق بىر كۈندۈركى، ئىشلار قىيىنلىشىدۇ » .

― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

1811. ئەنەس ئىبن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لَيْسَ مِنْ بَلَدٍ إلاَّ سَيَطَؤُهُ الدَّجَّالُ إلاَّ مَكَّةَ والمَدينة، ولَيْسَ نَقْبٌ مِنْ أنْقَابِهما إلاَّ عَلَيْهِ المَلائِكَةُ صَافِّينَ تحْرُسُهُما، فَيَنْزِلُ بالسَّبَخَةِ، فَتَرْجُفُ المدينةُ ثلاثَ رَجَفَاتٍ، يُخْرِجُ اللَّه مِنْهَا كُلَّ كَافِرٍ وَمُنَافِقٍ » « مەككە بىلەن مەدىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، دەججالنىڭ قەدىمى يەتمىگەن شەھەر بولمايدۇ. مەدىنىنىڭ ھەربىر يوچۇقلىرىدا ئۇنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان سەپ-سەپ بولۇپ تۇرغان پەرىشتىلەر بولىدۇ. ئاندىن مەدىنە ئۆز ئاھالىسىنى ئۈچ قېتىم قاتتىق سىلكىيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ مەدىنىدىكى ھەربىر دىنسىز ۋە مۇناپىقنى چىقىرىۋېتىدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

1812. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « يَتْبعُ الدَّجَّال مِنْ يهُودِ أصْبهَانَ سَبْعُونَ ألْفاً علَيْهم الطَّيَالِسة » « دەججالغا ئىسفاھان يەھۇدىيلىرىدىن 70 مىڭ كىشى ئەگىشىدۇ، ئۇلار يېشىل تون كىيىۋالغان بولىدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

1813. ئۇممۇ شەرىك رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « ليَنْفِرَن النَّاسُ مِنَ الدَّجَّالِ في الجِبَالِ » « كىشىلەر دەججال پىتنىسىدىن قورقۇپ نەپرەتلىنىپ تاغقا قاچىدۇ » .

― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

1814. ئىمران ئىبن ھۈسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « مَا بَيْنَ خَلْقِ آدَم إلى قِيامِ السَّاعةِ أمْرٌ أكْبرُ مِنَ الدَّجَّالِ » « ئادەم ئەلەيھىسسالام يارىتىلغان كۈنىدىن قىيامەتكىچە بولغان ئارىلىقتا دەججال پىتنىسىدىنمۇ چوڭ پىتنە بولمايدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

1815. ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « يخْرُجُ الدَّجَّالُ فَيتَوَجَّه قِبَلَه رَجُلٌ منَ المُؤمِنين فَيَتَلَقَّاهُ المَسالح: مسالحُ الدَّجَّالِ، فَيقُولُونَ له: إلى أيْنَ تَعمِدُ؟ فيَقُول: أعْمِدُ إلى هذا الَّذي خَرَجَ، فيقولُون له: أو ما تُؤْمِن بِرَبِّنَا؟ فيقول: ما بِرَبنَا خَفَاء، فيقولُون: اقْتُلُوه، فيقُول بعْضهُمْ لبعضٍ: ألَيْس قَدْ نَهاكُمْ رَبُّكُمْ أنْ تقتلوا أحداً دونَه، فَينْطَلِقُونَ بِهِ إلى الدَّجَّالِ، فَإذا رآه المُوْمِنُ قال: يَا أيُّهَا النَّاسُ إنَّ هذا الدَّجَّالُ الَّذي ذَكَر رَسُولُ اللَّه صَلّى اللهُ عَلَيْهِ وسَلَّم فَيأمُرُ الدَّجَّالُ بِهِ فَيُشْبَحُ، فَيَقولُ: خُذُوهُ وَشُجُّوهُ، فَيُوسَعُ ظَهْرُهُ وبَطْنُهُ ضَرْباً، فيقولُ: أوما تُؤمِنُ بي؟ فَيَقُولُ: أنْتَ المَسِيحُ الْكَذَّابُ، فَيُؤمرُ بهِ، فَيؤْشَرُ بالمِنْشَارِ مِنْ مَفْرقِهِ حتَّى يُفْرقَ بَيْنَ رِجْلَيْهِ، ثُمَّ يَمْشِي الدَّجَّالُ بَيْنَ الْقِطْعتَيْنِ، ثُمَّ يقولُ لَهُ: قُمْ، فَيَسْتَوي قَائماً . ثُمَّ يقولُ لَهُ: أتُؤمِنُ بي؟ فيقولُ: مَا ازْددتُ فِيكَ إلاَّ بصِيرةً، ثُمًَّ يَقُولُ: يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنَّهُ لا يفْعَلُ بعْدِي بأَحَدٍ مِنَ النَّاسِ، فَيأخُذُهُ الدَّجَّالُ لِيَذْبَحَهُ، فَيَجْعَلُ اللَّه مَا بيْنَ رقَبَتِهِ إلى تَرْقُوَتِهِ نُحَاساً، فَلا يَسْتَطِيعُ إلَيْهِ سَبيلاً، فَيَأْخُذُ بيَدَيْهِ ورجْلَيْهِ فَيَقْذِفُ بِهِ، فَيحْسَبُ الناسُ أنَّما قَذَفَهُ إلى النَّار، وإنَّما ألْقِيَ في الجنَّةِ » « دەججال مەيدانغا كەلگەندە مۇئمىنلەردىن بىر كىشى دەججال تەرەپكە يۈزلىنىدۇ. ئۇنىڭغا دەججالنىڭ پايلاقچىلىرى يولۇقۇپ ‹نەگە بارماقچىسەن؟›، دەيدۇ. مۇئمىن: « دەججالنىڭ يېنىغا » ، دەيدۇ. ئۇلار: « بىزنىڭ رەببىمىزگە ئىمان كەلتۈرمەمسەن؟»، دەيدۇ. مۇئمىن: « رەببىمىز يوشۇرۇن ئەمەس » ، دەيدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار، دېسە ئۇلارنىڭ بەزىلىرى رەببىڭلار سىلەرنى ئۇنىڭ رۇخسىتىسىز بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈشىڭلارنى مەنئى قىلغان ئەمەسمۇ؟ دەيدۇ. ئۇلار ئۇ مۇئمىننى دەججالنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارىدۇ. مۇئمىن دەججالنى كۆرگەندە: « ئى، خالايىق! رەسۇلۇللاھ سۆزلەپ بەرگەن دەججال مانا مۇشۇ » ، دەيدۇ. دەججالنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۇ قوزۇقلارغا ئېسپ قويۇلىدۇ. يەنە: « ئۇنى تۇتۇپ باش كۆزلىرىنى يېرىڭلار » ، دەيدۇ. مۇئمىننىڭ قورساق-دۈمبىلىرىگە راسا ئۇرۇلىدۇ. دەججال: « ماڭا ئىمان ئېيتامسەن؟»، دەيدۇ. مۇئمىن: « سەن كاززاپ دەججال سەن » ، دەيدۇ. بۇيرۇق بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ھەرىدىلىپ ئىككى پارچە قىلىۋېتىلىدۇ. ئاندىن دەججال ھەرىدىلىپ ئىككىگە بۆلۈنگەن جەسەتنىڭ ئوتتۇرىسىدا مېڭىپ مۇئمىنگە: « تۇر » ، دەيدۇ، مۇئمىن ئورنىدىن ساپساق ھالەتتە تۇرىدۇ. دەججال مۇئمىنگە: « ماڭا ئىمان كەلتۈرەمسەن؟»، دەيدۇ. مۇئمىن: « مېنىڭ سېنىڭ دەججال ئىكەنلىكىڭگە بولغان چۈشەنچەم تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى، ئى خالايىق! ئۇ ماڭا قىلغانلىرىنى ئەمدى ھېچكىمگە قىلالمايدۇ » ، دەيدۇ. دەججال ئۇنى بۇغۇزلىماقچى بولغاندا ئاللاھ مۇئمىننىڭ بوينىدىن ئوقرەك سۆڭىكىگىچە بولغان يەرلەرنى تۇچتىن قىلىپ قويىدۇ. دەججال مۇئمىننى ئۆلتۈرەلمەيدۇ (ئاللاھ تائالا مۇئمىننى راستتىنلا شۇنداق قىلىپ قويغان بولۇشى مۇمكىن ياكى دەججالنىڭ مۇئمىننى ئۆلتۈرۈشىگە قادىر بولالمىغانلىقىدىن كىنايە بولۇشى مۇمكىن). ئۇنىڭ ئىككى قولى، ئىككى پۇتىدىن تۇتۇپ تاشلايدۇ، كىشىلەر دەججال ئۇنى دوزاخقا تاشلىدى، دەپ گۇمان قىلىدۇيۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ جەننەتكە تاشلانغان بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: « هذا أعْظَمُ النَّاسِ شَهَادَةً عِنْد رَبِّ الْعالَمِينَ » « ئۇ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ نەزىرىدە شەھىد بولغانلارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى ھېسابلىنىدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

1816. مۇغىرە ئىبن شۇئبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ھېچ بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن دەججال توغرىسىدا مەن سورىغاندەك كۆپ سورىغان ئەمەس. رەسۇلۇللاھ ماڭا: « ما يَضُرُّكَ؟ » « ئۇ ساڭا زىيان سالالمايدۇ »، د ېۋىدى. مەن: « ئادەملەر ئۇنىڭ بىلەن تاغدەك نان ۋە ئۆستەڭدەك سۇ بولىدىكەن دېيىشىۋاتىدۇ »، د ېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « هُوَ أهْوَنُ عَلى اللَّهِ مِنْ ذلِكَ » « ئۇ ئاللاھ نەزىرىدە مۇنداق بولۇشقا ھېچ ئەرزىمەيدۇ »، د ېدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

1817. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ: « مَا مِنْ نَبِيٍ إلاَّ وَقَدْ أنْذَرَ أمَّتَهُ الأعْوَرَ الْكَذَّاب، ألا إنَّهُ أعْوَرُ، وإنَّ ربَّكُمْ عَزَّ وجلَّ لَيْسَ بأعْورَ، مكْتُوبٌ بَيْنَ عَيْنَيْهِ ك ف ر » « پەيغەمبەر ئۆز ئۈممىتىنى يەكچەشمە كاززاپتىن ئاگاھلاندۇرغان. بىلىڭلاركى دەججال يەكچەشمىدۇر، سىلەرنىڭ ئولۇغ پەرۋەردىگارىڭلار يەكچەشمە ئەمەس. دەججالنىڭ ئىككى كۆزىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ك، ف، ر (كافىر) دەپ يېزىلغان » ، دېدى.

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

1818. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « ألا أُحَدِّثُكُمْ حَدِيثاً عنِ الدَّجَّالِ مَا حَدَّثَ بِهِ نَبيٌّ قَوْمَهُ، إنَّهُ أعْوَرُ وَإنَّهُ يجئُ مَعَهُ بِمثَالِ الجَنَّةِ والنًّار، فالتي يَقُولُ إنَّهَا الجنَّةُ هِيَ النَّارُ « مەن سىلەرگە دەججال توغرۇلۇق ھېچقانداق پەيغەمبەر ئۆز قەۋمىگە سۆزلەپ بەرمىگەن بىر سۆزنى سۆزلەپ بىرەي، ھەقىقەتەن دەججال يەكچەشمىدۇر، ئۇ جەننەت ۋە دوزاخنىڭ كۆرۈنۈشىنى ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇنىڭ جەننەت دەپ كۆرسەتكىنى دوزاختۇر » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

1819. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ كىشىلەرنىڭ ئالدىدا دەججالنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: « إنَّ اللَّه لَيْسَ بأَعْوَرَ، ألا إنَّ المَسِيحَ الدَّجَّالَ أعْوَرُ الْعيْنِ الْيُمْنى، كَأَنَّ عَيْنَهُ عِنَبةٌ طَافِيَةٌ » « ئاللاھ يەكچەشمە ئەمەس، ئاگاھ بولۇڭلار، دەججالنىڭ ئوڭ كۆزى قارىغۇ، ئۇنىڭ كۆزى خۇددى سۇدا لەيلەپ تۇرغان ئۈزۈمدەك پولتىيىپ چىقىپ تۇرىدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

دەججال توغرىسىدىكى يۇقىرىقى ھەدىسلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى : دەججالنىڭ مەيدانغا كېلىشى، ئۇنىڭ ئالامەتلىرى. ئۇنىڭ پىتنە-پاسات تېرىيدىغان مۇددىتى، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاسماندىن چۈشۈپ دەججالنى ئۆلتۈرىدىغانلىقى. بۇ ھەدىسلەر دەججالنىڭ چوقۇم مەيدانغا كېلىدىغانلىقى، بۇنىڭدا ھېچ شەك يوق ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئىپادىلەپ بېرىدۇ.

دوكتۇر مۇھەممەت سەئد رامزان بۇتى ئۆزىنىڭ «ئەڭ چوڭ ئىشەنچىلىك مەلۇمات»، دېگەن كىتابىدا بۇ ھەقتە تەپسىلىي توختالغان. تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى شۇ كىتابتىن ئېلىپ بەرمەكچىمىز:

دەججال بولسا ئەسلى يەھۇدىي بولۇپ، ئۇ ھىيلىگەرلىكى ۋە يالغانچىلىقى، باتىل بىلەن ھەقنى يېپىشتىكى يۇقىرى ماھارىتى تۈپەيلى دەججال دەپ ئاتالغان. ئۇ مەشرىق تەرەپتىن چىقىپ كىشىلەر ئارىسىدا ئۇلارنى توغرىلىققا، راۋۇرۇس بولۇشقا چاقىرىدۇ. ئاندىن ئۇ خۇدالىق داۋاسى قىلىدۇ. نۇرغۇن ئادەم ئۇنىڭغا ئەگىشىدۇ. ئەگەشكەنلەردىن تولىسى يەھۇدىيلاردىن بولىدۇ. ھەدىس كىتابلىرىدا بۇنىڭغا دائىر خەۋەرلەر ۋە ئۇنىڭ سۈپەتلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، شەكلىنىشكە ھېچقانداق ئورۇن يوق. ھەدىسشۇناس ئىبن ھەجەر «پەيغەمبەرلەرنىڭ مۆجىزىسى ھېسابلانغان ئۆلۈكنى تىرىلدۈرۈشتەك كارامەتلەرنى قانداقمۇ ئاللاھ تائالا دەججالنىڭ قولىغا مۇيەسسەر قىلىپ بېرىدۇ؟»، دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ بۇنداق ئىشلارنى دەججالغا مۇيەسسەر قىلىپ بېرىشى بەندىلىرىنى سىناش ئۈچۈندۈر. كىشىلەر بىلىدۇكى، دەججال بولسا دەۋاسىدا يالغانچى بولۇپ، ئۇنىڭ پېشانىسىگە كافىر ئىكەنلىكى يېزىلغان بولىدۇ. ئۇنىڭ بىر كۆزى كوردۇر. ئۇنىڭ كورلۇقى، كافىر دېگەن خەتنىڭ پېشانىسىگە يېزىلغانلىقى ئۇنىڭ يالغانچىلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئىسپاتتۇر، ‹ئەگەر ئۇ ئىلاھ بولىدىغان بولسا ئۆزىدىكى ئەيىبنى تۈزەلىگەن بولاتتى. ئۇ ئىلاھلىقنى دەۋا قىلىدۇ-يۇ، ئۆزىدىكى بەتبەشىرلىكىنى تۈزىيەلمەيدۇ›، دەپ ئەقىل ئىگىلىرى ئۇنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىۋالالايدۇ».

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بايان قىلغاندەك دەججالنىڭ كىشىلەرگە خەتەرلىك چوڭ پىتنە بولىدىغانلىقى ئېنىقتۇر. ئەگەر ئاللاھ تائالا دەججالغا نۇرغۇن ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلارنى قىلالايدىغان ئىقتىدارنى ئاتا قىلمىسا ھەم ئۇنىڭغا نۇرغۇن مەنپەئەتلىك ئىشلارنى مۇيەسسەر قىلىپ بەرمىسە ئۇ كىشىلەرگە پىتنە بولماي قالاتتى.

بۇنىڭدىن شۇ مەلۇمكى، دەججالنىڭ ئىشى ھېلىمۇ غەيب ئىشلار جۈملىسىدىندۇر. ھەدىسلەردە بايان قىلىنغاننىڭ سىرتىدا دەججالنى تەتقىق قىلىش ۋە بۇ توغرۇلۇق تەھلىل يۈرگۈزۈش ئەقىلنىڭ ئىشى ئەمەس. بۇ ھەقتىكى بىردىنبىر توغرا چۈشەنچە ھەدىستە بايان قىلىنغان مەزمۇندۇر. ھەدىستە مۇشۇنداق بايان قىلمىغان بولسا، دەججالنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئىشىنىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلمىغان بولاتتۇق. ئۇ مەيدانغا كەلگەن چاغدا، (ئۇنىڭ مەيدانغا كېلىدىغان ۋاقتى ئاللاھنىڭ ئىلمىگە خاس ئىش) ئۇنىڭ ئىشى نوقۇل غەيب ئىشتىن رېئال ئىشقا ئايلىنىدۇ. دېمەك دەججال توغرىسىدا سەھىھ ھەدىسلەردە بايان قىلىنغان ئىشلارغا ئىشىنىشىمىز كېرەك. بۇ ئەقىل بىلەن ئىسپاتلاشقا ھاجەت ئەمەس. ئەقىلغا ئائىت ھۆكۈملەر سەزگۈ ئەزالار ئارقىلىق بايقاشقا يۆلىنىدۇ، ئالىمى غەيبكە ئائىت ئىشلار ئۇنداق ئەمەس. غەيب ئالىمىدىكى ئىشلارنى بىلىشتە ئەقىلغا تايىنىپ بىلگىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا«قۇرئان كەرىم»دە: ﴿ذَلِكَ الْكِتَابُ لاَ رَيْبَ فِيهِ هُدًى لِّلْمُتَّقِينَ . الَّذِينَ يُؤْمِنُونَ بِالْغَيْبِ﴾ بۇ كىتابتا ( يەنى قۇرئاندا) ھېچ شەك يوق، (ئۇ) تەقۋادارلارغا يېتەكچىدۇر. ئۇلار غەيبكە ئىشىنىدۇ ، دېگەن. («قۇرئان كەرىم» سۈرە بەقەرە 3- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

1820. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا تَقُومُ الساعَةُ حَتَّى يُقَاتِلَ المُسْلِمُونَ الْيَهُودَ حتَّى يَخْتَبِيءَ الْيَهُوديُّ مِنْ وَراءِ الحَجَر والشَّجَرِ، فَيَقُولُ الحَجَرُ والشَّجَرُ: يَا مُسْلِمُ هذا يَهُودِيٌّ خَلْفي تَعَالَ فَاقْتُلْهُ، إلاَّ الْغَرْقَدَ فَإنَّهُ منْ شَجَرِ الْيَهُودِ » « تاكى مۇسۇلمانلار يەھۇدىيلار بىلەن ئۇرۇشقان، يەھۇدىيلار تاش ۋە دەرەخنىڭ كەينىگە ئۆتۈۋالغان، تاش ۋە دەرەخلەر: ئى مۇسۇلمان! بۇ يەھۇدىي مېنىڭ كەينىمگە ئۆتىۋالغان، ئۇنى ئۆلتۈر، دېمىگۈچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ. لېكىن، غەرقەد دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل دەرەخ بولۇپ ئۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا، چۈنكى ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ دەرىخىدۇر » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) مۇسۇلمانلارنىڭ يەھۇدىيلار بىلەن جەڭ قىلىپ غەلىبە قازىنىدىغانلىقى ئىشىنىش زۆرۈر بولغان غەيب خەۋەرلەرنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، بۇ جەڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەۋەر قىلغاندەك يۈز بېرىدۇ. لېكىن، بۇنىڭ ۋاقتىنى ئاللاھ بېلىدۇ.

2) دەرەخ ۋە تاشلارنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنۇۋالغان يەھۇدىيلارنى پاش قىلىدىغانلىقى ۋە بۇلارنىڭ خۇدانىڭ قۇدرىتى ئالدىدا مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ئەمەسلىكى.

1821. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « والذِي نَفْسِي بِيَدِه لا تَذْهَبُ الدُّنْيَا حَتَّى يَمُرَّ الرَّجُلُ بالْقَبْرِ، فيتمَرَّغَ عَلَيْهِ، ويقولُ: يَالَيْتَني مَكَانَ صَاحِبِ هذا الْقَبْرِ، وَلَيْس بِهِ الدِّين وما به إلاَّ الْبَلاَءُ » « جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، بىر ئادەم بىر قەبرە يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ قەبرە ئۈستىدە يۇمىلىنىپ كاشكى بۇ قەبرىدىكى كىشىنىڭ ئورنىدا مەن بولۇپ قالسامچۇ؟ دېمىگۈچە زامان ئاخىر بولمايدۇ، ئۇ كىشىنىڭ ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىشى دىنىي سەۋەبتىن ئەمەس، بەلكى بېشىغا كەلگەن دەرد-ئەلەم تۈپەيلىدىن » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: يامانلىق ۋە گۇناھ-مەئسىيەتلەر كۆپىيىپ كېتىدىغانلىقى، بالا-قازا، مۇسىبەتلەرنىڭ ئەۋج ئېلىپ كېتىدىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن كىشى ئۆلۈكلەر قاتارىدا بولسامچۇ دەپ ئارزۇ قىلىدىغان چاغلارنىڭ كېلىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاخىرقى زاماندا يۈز بېرىدىغان ئىشلاردىن بەرگەن خەۋەرلەرنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

1822. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا تَقُومُ السَّاعَةُ حَتَّى يَحْسِرَ الْفُرَاتُ عَنْ جبَلٍ منْ ذَهَبٍ يُقْتَتَلُ علَيْهِ، فيُقْتَلُ مِنْ كُلِّ مِائةٍ تِسْعَةٌ وتِسْعُونَ، فَيَقُولُ كُلُّ رَجُلٍ مِنْهُمْ: لَعَلِّي أنْ أكُونَ أنَا أنْجُو » « فۇرات دەرياسىنىڭ سۈيى تۈگەپ ئالتۇن تاغ ئېچىلىپ قېلىپ، بۇنى تالىشىپ كىشىلەر بىر-بىرىنى قىرمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ. (بۇ قىرغىنچىلىقتا) يۈز ئادەمدىن توقسان توققۇزى ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەربىرى مەن ساق قالسام ئىكەنمەن، دەيدۇ » .

يەنە بىر رىۋايەتتە: « يوُشِكُ أنْ يَحْسِرَ الْفُرَاتُ عَن كَنْزٍ مِنْ ذَهَبٍ، فَمَنّْ حَضَرَهُ فَلا يأخُذْ منْهُ شَيْئاً » « ئۇزۇنغا قالماي فۇرات دەرياسىدىن ئالتۇن كان چىقىدۇ، كىمكى شۇ زامانغا توغرا كېلىپ قالسا ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسە ئالمىسۇن »، د ېيىلگەن.

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) كەلگۈسى ئىشلار توغرىسىدىكى خەۋەرلەر پەقەت يۈز بەرگەن ۋاقىتتىلا بىلگىلى بولىدىغان غەيب ئىشلار قاتارىدىن بولۇپ، مۇسۇلمان كىشى بۇ خەۋەرلەرگە ئىشىنىپ يۈز بېرىشىنى كۈتۈشى كېرەك.

2) ئۇ ماللارغا ئۇرۇش ئارقىلىق ئىرىشكىلى بولىدىغانلىقى، شۇڭا ئۇ ماللاردىن يىراق تۇرۇشنىڭ لازىملىقى، يىراق تۇرغاندا كىشىگە خاتىرجەملىك بولىدىغانلىقى.

1823. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « يَتْرُكُونَ المَدينَةَ عَلى خَيْرٍ مَا كَانَتْ، لا يَغْشَاهَا إلاَّ الْعوَافي يُرِيدُ: عَوَافي السِّباعِ وَالطَّيْرِ وَآخِر مَنْ يُحْشَرُ رَاعِيانِ مِنْ مُزَيْنَةَ يُريدَانِ المَدينَةَ ينْعِقَانِ بِغَنَمها فَيَجدَانها وُحُوشاً . حتَّى إذا بَلَغَا ثنِيَّةَ الْودَاعِ خَرَّا على وَجوهِهمَا » « كىشىلەر مەدىنىنى مەدىنىنىڭ ئەڭ ياخشى چاغلىرىدا تاشلاپ كېتىدۇ، مەدىنىنى پەقەت يىرتقۇچ ۋە ئۇچار قاناتلار قاپلاپ كېتىدۇ، مەدىنىگە ئەڭ ئاخىرىدا توپلىنىدىغىنى مۇزەينە قەبىلىسىدىن بولغان ئىككى پادىچى بولۇپ ئۇلار پادىلىرىغا توۋلاپ كېلىپ مەدىنىنىڭ ياۋايى ھايۋانلار بىلەن تولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرىدۇ تاكى ئۇلار سەنىيەتۇلۋەدا دېگەن جايغا كەلگەندە دۈم چۈشۈپ جان ئۈزىدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان، پەيغەمبەرلەرگە بىلدۈرۈلگەن ئاللاھ تائالانىڭ غەيب ئىلمىدىكى بەزى ئىشلار خەۋەر قىلىنغان.

ئۇ ئىشلار: قىيامەت يېقىنلاشقاندا كىشىلەرنىڭ ئۆز خاھىشلىرىغا ئەگىشىپ ئەڭ ياخشى شەھەر بولغان مەدىنە شەھىرىنى تاشلاپ كېتىدىغانلىقى.

2) قازى ئىياز: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ مۆجىزىلىك خەۋەرلىرى بۇرۇنقى دەۋرلەردە يۈز بېرىپ بولغان. دەيدۇ. يەنى، ئىسلام سەلتەنىتى شام ۋە ئىراققا يۆتكەلگەن چاغدا مەدىنىنىڭ مەيلى دىنى-ئالىملارنىڭ كۆپلۈكى جەھەتتە بولسۇن ۋە ياكى پاراۋانلىق-مولچىلىق ۋە ئاھالىلىرىنىڭ كۆپىيىشى جەھەتلەردە بولسۇن ئەڭ ياخشى ئاۋات ۋاقتى ئىدى.

1824. ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « يَكُونُ خَلِيفَةٌ مِنْ خُلَفَائِكُمْ في آخِرِ الزًَّمَان يَحْثُو المَالَ وَلا يَعُدُّهُ » « زامان ئاخىرىدا (پۇل-مالنىڭ كۆپلۈكىدىن) مالنى سانىماي ئۇسۇپ بېرىۋېرىدىغان بىر خەلىفە مەيدانغا كېلىدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئاخىر زاماندا ماللارنىڭ كۆپىيىدىغانلىقى ۋە بىربۆلۈك خەلىفىلەرنىڭ ماللارنى ھەددى-ھېسابسىز بېرىدىغانلىقى.

بۇ ھەدىستىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەقسىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى پەقەت ئاللاھ تائالا ئوبدان بىلگۈچىدۇر. چۈنكى، قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېيىلگەن: (ئۇ) ئۆز نەپسى خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ، پەقەت ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان ۋەھىينىلا سۆزلەيدۇ («قۇرئان كەرىم» سۈرە نەجىم 3-، 4- ئايەتلەر) .

1825. ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « ليأتيَنَّ عَلى النَّاسِ زَمَانٌ يَطُوفُ الرَّجُلُ فِيهِ بِالصَّدَقَة مِنَ الذَّهَبِ، فَلا يَجِدُ أحَداً يَأْخُذُهَا مِنْهُ، وَيُرَى الرَّجُلُ الْوَاحِدُ يَتْبَعُهُ أرْبَعُونَ امْرأةً يَلُذْنَ بِهِ مِنْ قِلَّةِ الرِّجالِ وَكَثْرَةِ النِّسَاءِ » « ھەقىقەتەن كىشىلەرگە شۇنداق بىر زامان كېلىدۇكى، بىر ئادەم سەدىقە قىلىش ئۈچۈن ئالتۇننى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ، ئۇنى ئالىدىغان بىر ئادەم تاپالمايدۇ. ئەرلەرنىڭ سانى ئازىيىپ، ئاياللارنىڭ سانى كۆپىيىپ كەتكەنلىكتىن بىر ئەرگە 40 ئايال ئەگىشىپ ئۇنىڭغا تايىنىدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بۇ ھەدىس پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئالدىنئالا خەۋەر بەرگەن ئىشلاردىن بولۇپ، ماللار كۆپىيىپ مولچىلىق بولىدىغان بىر زامان كېلىپ كىشىلەر سەدىقىنى بېرىدىغان ئادەمنى تاپالمايدىغانلىقى، بۇ ۋاقىتتا ئەرلەر قىرىلىدىغان ئۇرۇشلارنىڭ كۆپ بولىدىغانلىقى ياكى قىزلارنىڭ كۆپ تۇغۇلغانلىقىدىن ئاياللار ئەرلەردىن كۆپ بولىدىغانلىقى.

1826. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « اشْتَرَى رَجُلٌ مِنْ رَجُلٍ عقَاراً، فَوَجَد الذي اشْتَرَى الْعَقَارَ في عَقَارِه جَرَّةً فِيهَا ذَهَبٌ، فقالَ لهُ الذي اشْتَرَى الْعَقَارُ: خُذْ ذَهَبَكَ، إنَّمَا اشْتَرَيْتُ مِنْكَ الأرْضَ، وَلَمْ أشْتَرِ الذَّهَبَ، وقالَ الَّذي لَهُ الأرْضُ: إنَّمَا بعْتُكَ الأرضَ وَمَا فِيهَا، فَتَحاكَما إلى رَجُلٍ، فقالَ الَّذي تَحَاكَمَا إلَيْهِ: أَلَكُمَا وَلَدٌ؟ قَالَ أحدُهُمَا: لي غُلامٌ . وقالَ الآخرُ: لي جَارِيةٌ، قالَ أنْكٍحَا الْغُلامَ الجَاريَةَ، وَأنْفِقَا عَلى أنْفُسهمَا مِنْهُ وتصَدَّقَا » « بىر ئادەم بىر ئادەمدىن قورو سېتىۋاپتۇ. قورو سېتىۋالغان ئادەم قورودىن بىر كۈپ ئالتۇن تېپىۋاپتۇ. بۇ ئادەم قورونى ساتقۇچىغا: ‹سەندىن مەن قورونى سېتىۋالدىم. ئالتۇن سېتىۋالغىنىم يوق. ئالتۇنۇڭنى مەندىن ئېلىۋالغىن›، دەپتۇ، قورونى ساتقان ئادەم: ‹ساڭا مەن قورونى ئۇنىڭدىكى نەرسىلەر بىلەن بىللە قوشۇپ ساتقان›، دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر كىشىنىڭ ئالدىغا دەۋالىشىپ بېرىپتۇ. ئۇ: ‹سىلەرنىڭ بالاڭلار بارمۇ؟›، دەپ سوراپتۇ. ئۇلارنىڭ بىرى ‹بىر ئوغلۇم بار›، دەپتۇ. يەنە بىرى ‹قىزىم بار›، دەپتۇ. ئۇ ئادەم: ‹ئوغۇلغا قىزنى ئېلىپ بېرىڭلار. ئۇلارنىڭ چىقىمىغا شۇ ئالتۇندىن خەجلەڭلار. قالغىنىنى سەدىقە قىلىڭلار›، دەپتۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) تەقۋادارلىقنىڭ ۋە شۈبھىلىك مالنى تەرك ئېتىشنىڭ پەزىلىتى.

2) بۇ ھەدىستە بىزدىن ئىلگىرىكى ئۇممەتلەرنىڭ شەرىئەت ھۆكمى بايان قىلىنغان. ئىسلام شەرىئىتىدە بولسا كوزا مال ساتقۇچىنىڭ كۆمۈپ قويغان نەرسىسى بولۇپ، سېتىلغان يەرنىڭ خىلىدىن بولمىغانلىقى ئۈچۈن، سېتىلغان نەرسىنىڭ ئىچىگە كىرمەيدۇ. ئەگەر بۇ مالنى كۆمۈپ قويغۇچى نامەلۇم بولسا، بۇنىڭ ھۆكمى تېپىۋالغان مالنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ. بۇنداق مالنى تېپىۋالغۇچى بىر يىل كۈتۈپ، ئىگىسى چىقمىسا مالغا ئۆزى ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ. شۇندىن كېيىنمۇ ئىگىسى چىقىپ قالسا قايتۇرۇپ بېرىدۇ. ناۋادا سەرپ قىلىپ بولغان بولسا تۆلەپ بېرىدۇ.

1827. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « كانَتْ امْرَأتَان مَعهُمَا ابْناهُما، جَاءَ الذِّئْبُ فَذَهَبَ بابنِ إحْداهُما، فقالت لصاحِبتهَا: إنَّمَا ذهَبَ بابنِكِ، وقالت الأخْرى: إنَّمَا ذَهَبَ بابنِك، فَتَحَاكما إلى داوُودَ صَلّى اللهُ عَلَيْهِ وسَلَّم، فَقَضِي بِهِ للْكُبْرَى، فَخَرَجتَا على سُلَيْمانَ بنِ داودَ صَلّى اللهُ عَلَيْهِ وسَلَّم، فأخبرتَاه، فقالَ: ائْتُوني بِالسِّكينَ أشَقُّهُ بَيْنَهُمَا . فقالت الصُّغْرى: لا تَفْعَلْ، رَحِمكَ اللَّه، هُو ابْنُهَا فَقَضَى بِهِ للصُّغْرَى » « ئىككى ئايالنىڭ بىردىن ئىككى ئوغلى بولۇپ، ئۇلار كېتىۋاتقاندا بۆرە كېلىپ ئۇ ئىككىسىدىن بىرىنىڭ ئوغلىنى ئېلىپ قېچىپتۇ، ئۇلارنىڭ بىرى سېنىڭ بالاڭنى ئەپقاچتى دېسە، يەنە بىرى ھەقىقەتەن سېنىڭ بالاڭنى ئەپقاچتى، دەپ دەۋالىشىپ داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەپتۇ. داۋۇد ئەلەيھىسسالام بالىنى يېشى چوڭراق ئايالغا بۇيرۇپ بېرىپتۇ. ئۇ ئىككىسى داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى سۇلايمان ئەلەيھىسسالامغا ئۇچرىشىپ قېلىپ، بولغان ئەھۋالنى ئۇنىڭغا دەپتۇ، سۇلايمان ئەلەيھىسسالام: ‹ماڭا پىچاق ئەكېلىپ بېرىڭلار، بۇ بالىنى پارچىلاپ ئىككىڭلارغا بۆلۈپ بېرەي›، دەپتىكەن، كىچىك ئايال: ‹ئۇنداق قىلمىغىن، ئاللاھ ساڭا رەھىم قىلسۇن، بولدى بۇ بالا ئۇنىڭ ئوغلى›، دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ئۇ بالىنى كىچىكىگە بۇيرۇپ بېرىپتۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) بۇ ھەدىس زېرەكلىك ۋە ھوشيارلىق ئاللاھ تائالانىڭ ئاتاسى بولۇپ، ياشنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە ئالاقىسى يوقلۇقىنىڭ دەلىلى.

2) پەيغەمبەرلەرگە گەرچە ۋەھيى ئارقىلىق ھۆكۈم قىلىش ئىمكانىيىتى بولسىمۇ، ئۆز ئىجتىھاتى بىلەن ھۆكۈم قىلىشنىڭ دۇرۇس بولىدىغانلىقى، بۇنداق بولغاندا خاتالىقتىن خالىي بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئەجرىنىڭ كۆپ بولىدىغانلىقى.

1828. مىرداس ئەسلەمى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « يَذْهَبُ الصَّالحُونَ الأوَّلُ فالأولُ، وتَبْقَى حُثَالَةٌ كحُثَالَةِ الشِّعِيرِ أوْ التَّمْرِ، لا يُبالِيهمُ اللَّه بالَةً » « ياخشىلار ئارقىمۇ ئارقا بىر-بىرلەپ كېتىپ قالىدۇ، ئارپىنىڭ ياكى خورمىنىڭ قالدۇقلىرىغا ئوخشاش ئاللاھ پەرۋامۇ قىلمايدىغان چۈپرەندە ئادەملەرلا قالىدۇ » . ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) سالىھ بەندىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى قىيامەتنىڭ ئالامىتىدىندۇر.

2) ياخشى كىشىلەرگە ئەگىشىش، ئۇلارغا خىلاپلىق قىلماسلىققا ئۈندەلگەن.

3) ئاخىر زاماندا ياخشى كىشىلەرنىڭ تۈگەپ، نادان كىشىلەر قالىدىغانلىقى، مۇشۇنداق كىشىلەر قالغاندىلا قىيامەتنىڭ قايىم بولىدىغانلىقى.

1829. رىفائە ئىبن رافىئۇززەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، جىبرىئىل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كېلىپ: « سىلەر ئاراڭلاردىكى بەدرى ئەھلىنى قانداق ھېسابلايسىلەر؟»، دېۋىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « مِنْ أفْضَلِ المُسْلِمِين » « ئۇلارنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەۋزىلى دەپ ھېسابلايمىز »، د ېۋىدى، جىبرىئىل: بىزمۇ بەدرى ئۇرۇشىغا قاتناشقان پەرىشتىلەرنى شۇنداق ھېسابلايمىز، دېدى. ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) بەدرى غازىتىغا قاتناشقان ساھابىلەرنىڭ ئورنى.

2) بەدرىگە قاتناشقان پەرىشتىلەرنىڭمۇ پەزىلىتى. قۇرئاندا بەدرىگە پەرىشتىلەرنىڭمۇ قاتناشقانلىقى سۆزلەنگەن، لېكىن، ئۇلارنىڭ ئۇرۇش قىلغانلىقى ھەققىدە ھەرخىل قاراشلار بولۇپ ئەڭ ئىشەنچىلىك قاراش: ئۇلار بەدرىدە مۇسۇلمانلار بىلەن بىللە تۇرۇپ ئۇرۇش قىلغان، باشقا غازاتلاردا ئۇرۇش قىلمىغان دېگەن قاراش.

1830. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إذا أنْزل اللَّه تَعالى بِقَوْمٍ عَذَاباً أَصَابَ الْعَذَابُ مَنْ كَانَ فِيهمْ . ثُمَّ بُعِثُوا على أعمَالِهمْ » « ئاللاھ بىرەر قەۋمگە ئازاب-ئوقۇبەت كەلتۈرسە، ئازاب-ئۇقۇبەت ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە كېلىدۇ. ئاندىن قىيامەت كۈنى ئۇلار ياخشى-يامانلىقىغا قاراپ ئايرىلىدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئازابنىڭ ياخشى ۋە يامان كىشىلەرگە ئورتاق چۈشىدىغانلىقى، قىيامەتتە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نىيەت ۋە ئەمەللىرىگە يارىشا تىرىلىپ قوپىدىغانلىقى.

2) گۇناھكارلار بىلەن ھەمسورۇن بولۇشتىن ۋە ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا سۈكۈت قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇش.

1831. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ خۇتبە ئوقۇغاندا ئۈستىگە چىقىپ تۇرىدىغان بىر خورما دەرىخىنىڭ كۆتىكى بار ئىدى. رەسۇلۇللاھقا يېڭى مۇنبەر قويۇپ بېرىلگەندە، بىز خورما كۆتىكىنىڭ ئون ئايلىق بالىسى بار تۆگىنىڭ ئاۋازىغا ئوخشاش ئاۋاز چىقارغىنىنى ئاڭلىدۇق، تاكى رەسۇلۇللاھ مۇنبەردىن چۈشۈپ قولىنى ئۇنىڭغا قويۇۋىدى ئۇ جىم بولدى.

يەنە بىر رىۋايەتتە: رەسۇلۇللاھ جۈمە كۈنى مۇنبەردە ئولتۇرۇۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۈستىدە تۇرۇپ خۇتبە ئوقۇيدىغان خورما دەرىخىنىڭ غولى ئاۋاز چىقىرىپ يېرىلىپ كەتكىلى تاس قالدى، دېيىلگەن.

يەنە بىر رىۋايەتتە: خورما دەرىخىنىڭ غولى كىچىك بالىنىڭ ئاۋازىدەك ئاۋاز قىلدى. رەسۇلۇللاھ مۇنبەردىن چۈشۈپ ئۇنى تۇتۇپ باغرىغا باسقانىدى، ئۇ كىچىك بالا ئىڭرىغاندەك ئىڭراپ ئاخىر توختاپ قالدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « بكت عَلى ما كَانَتْ تسمعُ مِنَ الذِّكْرِ » « ئۇ ئاڭلاپ تۇرىدىغان زىكىردىن مەھرۇم بولغىنىغا تارتىشىپ يىغلايدۇ » ، دېدى، دېيىلگەن. ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئىبن ھەجەر ئېيتىدۇ: بۇ ھەدىس جانسىز نەرسىلەرنىڭمۇ ھايۋانلارغا ئوخشاش ئىدراكلىق يارىتىلغانلىقىنىڭ دەلىلى ھەمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىسىنىڭ دەلىلى.

2) ئىمام بەيھەقى ئېيتىدۇ: خورما كۆتىكىنىڭ قىسسىسى سەلەفى سالىھلار كېيىنكىلەرگە يەتكۈزگەن ئېنىق ۋەقەلەر جۈملىسىدىندۇر.

1832. ئەبۇ سەئلەب خۇشەنى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إن اللَّه تعالى فَرَضَ فَرائِضَ فلا تُضَيِّعُوهَا، وحدَّ حُدُوداً فَلا تَعْتَدُوهَا، وحَرَّم أشْياءَ فَلا تَنْتَهِكُوها، وَسكَتَ عَنْ أشْياءَ رَحْمةً لَكُمْ غَيْرَ نِسْيانٍ فَلا تَبْحثُوا عنها » « ئاللاھ بىرمۇنچە پەرزلەرنى پەرز قىلىپ بېكىتتى. ئۇلارنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويماڭلار، ئاللاھ نۇرغۇنلىغان چەك-چېگرىلارنى بېكىتتى، ئۇلاردىن ھالقىپ كەتمەڭلار، ئاللاھ بىرمۇنچە نەرسىلەرنى ھارام قىلدى، ئۇلارغا يېقىن يولىماڭلار، ئاللاھ بىرمۇنچە نەرسىلەر ئۈستىدە سۈكۈت قىلدى، مۇنداق قىلىشى ئۇنتۇپ قالغانلىقتىن ئەمەس، بەلكى سىلەرگە رەھمەت قىلىش يۈزىسىدىندۇر، بۇ توغرىسىدا تولا ئىزدىنىپ كەتمەڭلار » .

― دارى قۇتنى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئاللاھ تائالا بەندىلەرگە بەلگىلىگەن ئىشلارنى شۇ بويىچە ئورۇنداش.

2) يۈز بەرمىگەن ۋە ئاللاھ تائالا سۈكۈت قىلغان ئىشلارنى تۈجۈپىلەپ كېتىشنىڭ ۋە زىغىرلاپ سوراشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى. چۈنكى بۇ قىيىن ۋەزىپىلەرنىڭ يۈكلىنىپ قېلىشىغا سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەنلىكى، بۇنداق سوئال سوراشلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىسىدا بولغان.

1833. ئابدۇللاھ ئىبن ئەبۇ ئەۋفا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن يەتتە قېتىم غازاتتا بىللە بولدۇق، ھەممىسىدە يېمىكىمىز چېكەتكە ئىدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: چېكەتكىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنى يېيىشنىڭ ھالال ئىكەنلىكى.

1834. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا يُلْدغُ المُؤمِنُ مِنْ جُحْرٍ مرَّتَيْنِ » « مۇئمىن ئادەم يىلان چېقىۋالغان تۆشۈككە قايتا قولىنى سالمايدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: نەپسىگە ئەگىشىپ كەتمەسلىك، دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن ئالدىنىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ھەممە ئىشلاردا ئېھتىياتچان ۋە سەگەك بولۇش كېرەكلىكى.

1835. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « ثَلاثَةٌ لاَ يُكَلِّمُهُمُ اللَّه يَوْمَ الْقِيَامةِ وَلاَ ينْظُرُ إلَيْهِمْ وَلا يُزَكِّيهِمْ ولَهُمْ عذابٌ ألِيمٌ: رجُلٌ علَى فَضْلِ ماءٍ بِالْفَلاةِ يمْنَعُهُ مِن ابْنِ السَّبِيلِ، ورَجُلٌ بَايَع رجُلاً سِلْعَةً بعْد الْعَضْرِ، فَحَلَفَ بِاللَّهِ لأخَذَهَا بكَذَا وَكَذا، فَصَدَّقَهُ وَهُوَ عَلى غيْرِ ذَلِكَ، ورَجُلٌ بَايع إمَاماً لا يُبايِعُهُ إلاَّ لِدُنيَا، فَإنْ أعْطَاهُ مِنْهَا وفي، وإنْ لَم يُعْطِهِ مِنْهَا لَمْ يَفِ » « ئۈچ تۈرلۈك ئادەم بولۇپ ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇلارغا گەپ قىلمايدۇ، ئۇلارغا قارىمايدۇ ۋە ئۇلارنى پاكلىمايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ. بىرى: باياۋاندا ئوشۇق سۈيى بار تۇرۇقلۇق ئۇنى سۇسىز قالغان يولۇچىغا بەرمىگەن. يەنە بىرى: ناماز ئەسىردىن كېيىن بىر ئادەمگە مەن بۇ مالنى مۇنچىگە ئالغان دەپ، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچىپ ئۇنى ئىشەندۈرۈپ مېلىنى ساتقان ئادەم. يەنە بىرى: بىرەر خەلىفىگە دۇنيانى دەپ بەيئەت قىلىپ ئەگەر خەلىفە ئۇ ئادەمگە مال-دۇنياسىدىن بەرسە سادىق بولىدىغان، بەرمىسە سادىق بولمايدىغان ئادەم » .

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: يۇقىرىقى ئىشلارنىڭ ھارام ۋە چوڭ گۇناھ ئىكەنلىكى، چۈنكى بۇ كىشىلەرنى قىينچىلىقتا قالدۇرۇش، ئاللاھ تائالانىڭ نامىنى سەل چاغلاش، ھارام مالنى يېيىش ۋە بەيئەت قىلغان خەلىفىگە خىيانەت قىلىش ھېسابلىنىدۇ.

1836. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « بَيْنَ النَّفْخَتَيْنِ أرْبعُونَ » « (قىيامەت بولغاندا چېلىنىدىغان) ئىككى سۈرنىڭ ئوتتۇرىسىدا 40 بار » ، دېگەن، دېۋىدى. كىشىلەر: « ئى ئەبۇ ھۇرەيرە، 40 كۈنمۇ؟»، دېۋىدى. بۇ: « بىلەلمىدىم »، د ېدى. كىشىلەر: « 40 يىلمۇ؟»، دېۋىدى. ئۇ: « بىلەلمىدىم »، د ېدى. ئۇلار: « 40 ئايمۇ؟»، دېۋىدى. ئۇ: « بىلەلمىدىم »، د ېدى ۋە رەسۇلۇللاھ: « وَيَبْلَى كُلُّ شَيءٍ مِنَ الإنْسَانِ إلاَّ عَجْبَ الذَّنَبِ ، فِيهِ يُرَكَّبُ الْخَلْقُ، ثُمَّ يُنَزِّلُ اللَّه مِنَ السَّمَآءِ مَاءً ، فَيَنْبُتُونَ كَمَا يَنْبُتُ الْبَقْلُ » « ئىنساننىڭ تۇغۇر سۆڭىكىدىن باشقا ھەممە يېرى چىرىپ كېتىدۇ، ئىنسان شۇ تۇغۇر سۆڭىكىدىن قايتا بارلىققا كەلتۈرۈلىدۇ، ئاندىن ئاللاھ ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرىدۇ، ئۇلار خۇددى ئوت-چۆپ ئۈنگەندەك ئۈنۈپ چىقىدۇ » ، دېگەنىدى دېدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئىككى سۈرنىڭ ئارىسىدا 40 يىل ۋاقىت ئۆتىدىغانلىقى، كىشىلەرنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن تۇغۇر سۈڭىكىدىن باشقا ھەممە يېرى چىرىپ تۈگەيدىغانلىقى، پەيغەمبەر ۋە شەھىدلەرنىڭ جەسىتىنىڭ چىرىپ كەتمەيدىغانلىقى.

2) بۇ ھەدىستە ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشتىن ئىبارەت غەيب ئىش بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ بىلىدىغانلىقى.

1837. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ئولتۇرۇشتا خەلققە سۆز قىلىۋاتاتتى. بىر ئەئرابى كېلىپ: « قىيامەت قاچان بولىدۇ؟»، دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمەي سۆزلەۋەردى. بەزىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەئرابىنىڭ سوئالىنى ئاڭلىدىيۇ، ئۇنى ياقتۇرمىدى، دېسە بەزىلەر ئۇنى ئاڭلىمىدى، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن: « أيْنَ السَّائِلُ عَنِ السَّاعَةِ؟ » « قىيامەت توغرۇلۇق سورىغۇچى قېنى؟»، دېدى. ئەئرابى: « مانا مەن، ئى رەسۇلۇللاھ »، د ېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « إذَا ضُيِّعَتِ الأَمَانةُ فانْتَظِرِ السَّاعةَ » « ئىشەنچ يوقالغان چاغدا قىيامەتنى كۈتسەڭ بولىدۇ »، د ېدى. ئەئرابى: « ئىشەنچنىڭ يوقالغىنى قانداق بولىدۇ؟»، دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: إذَا وُسِّد الأمْرُ إلى غَيْرِ أهْلِهِ فَانْتَظِرِ السَّاعة » « ئىش شۇ ئىشنىڭ ئەھلى بولمىغان ئادەملەرگە تاپشۇرۇلغان چاغدا قىيامەتنى كۈتسەڭ بولىدۇ »، د ېدى.

― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئامانەتلەرنىڭ زايە قىلىنىشى ئىش، ۋەزىپىلەرنىڭ نالايىق كىشىلەرگە تاپشۇرۇلغانلىقىدىن بولۇپ، بۇ ھەقلەرنىڭ زايە بولۇشىغا ۋە پىتنىلەرنىڭ تېرىلىشىغا سەۋەب بولۇپ قالىدىغانلىقى.

1838. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « يُصَلُّونَ لَكُمْ، فَإنْ أصَابُوا فَلَكُمْ، وإنْ أخْطئُوا فَلَكُمْ وَعَلَيْهِمْ » « ئىماملار سىلەرگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بېرىدۇ. ئەگەر ئۇلار دۇرۇس ئوقۇغان بولسا سىلەرگىمۇ ۋە ئۆزلىرىگىمۇ ئەجىر بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار خاتا ئوقۇسا سىلەرگە ساۋاب بولىۋېرىدۇ. ئۇلارغا بولسا گۇناھ بولىدۇ » . ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ناماز ۋە باشقا تۇرمۇش ئىشلىرىدا نادانلارنىڭ باشچىلىق قىلىشى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن بولۇپ، ئەگەر ئۇلار ئىبادەتلەرنى توغرا ئورۇندىسا ئۆزلىرى ۋە ئەگەشكۈچىلىرىگە ئەجىرلەر بولىدىغانلىقى، ئەگەر توغرا ئورۇندىيالمىسا خاتالىقنىڭ گۇناھى ئۆزىگە بولىدىغانلىقى.

1839. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ ﴿كُنْتُمْ خَيْرَ أُمَّةٍ أخْرِجَتْ لِلنَّاس﴾ سىلەر كىشىلەر مەنپەئىتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ئەڭ ياخشى ئۈممەت («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئال ئىمران 110- ئايەت) دېگەن ئايەتنىڭ تەفسىرىدە: كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ ئەڭ پايدا يەتكۈزىدىغانلىرى بولسا، كىشىلەرنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا تاقاقلار سېلىپ ئەسىر ھالەتلىرى بىلەن ئۇلارنى ئېلىپ كەلگەنلەردۇر » ، دېگەن. ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

1840. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « عَجبَ اللَّه عَزَّ وَجَلَّ مِنْ قَوْمٍ يَدْخُلُونَ الْجَنَّةَ في السَّلاسِلِ » « ئاللاھ تائالا ئەسىر ئېلىنىپ بويۇنلىرىغا تاقاق سېلىنغان، ئاندىن مۇسۇلمان بولۇپ، جەننەتكە كىرگەن كىشىلەردىن مەمنۇن بولىدۇ » . ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى (1839-1840): پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىنىڭ باشقا كىشىلەردىن ئەۋزەللىكى ۋە ياخشىلىق تەرىپى.

1841. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « أَحَبُّ الْبِلاَدِ إلى اللَّه مَساجِدُهَا، وأبَغضُ الْبِلاَدِ إلى اللَّه أسواقُهَا » « ئاللاھ شەھەرلەردىكى جايلار ئىچىدە مەسجىدلەرنى ئەڭ ياقتۇرىدۇ، بازارلارنى بولسا ئەڭ ياقتۇرمايدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: مەسجىدلەرنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئورنىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى، چۈنكى بۇ ئورۇن ئاللاھ تائالانىڭ نامى كۆپ زىكىر قىلىنىدىغان، ناماز ئادا قىلىنىدىغان ۋە قۇرئان تىلاۋەت قىلىنىدىغان جايدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ بازارلارنى يامان كۆرىدىغانلىقى، چۈنكى بازار ئاللاھ تائالادىن غەپلەتتە قالىدىغان، ئالدامچىلىق، ساختىلىق ۋە يالغان قەسەمنىڭ جايى بولۇپ بۇلاردىن ئاسان ساقلانغىلى بولمايدۇ.

بۇ ھەدىستىكى بازارنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى دېگەنلىك شۇ ئورۇننىڭ ئۆزىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىگە ئەمەس، بەلكى شۇ ئورۇندا قىلىنىدىغان ئىشلارنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىگە قارىتا ئېيتىلغان.

1842. سەلمان فارىسى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دېگەن: « لاَ تَكُونَنَّ إن اسْتَطعْتَ أوَّلَ مَنْ يَدْخُلُ السُّوقَ، وَلا آخِرَ مَنْ يَخْرُجُ مِنْهَا، فَإنَّهَا مَعْرَكَةُ الشَّيْطَانِ، وَبهَا ينْصُبُ رَايَتَهُ « قولۇڭدىن كەلسىلا بازارغا كىرىدىغانلارنىڭ ئاۋۋالقىسى ۋە ئۇنىڭدىن چىقىدىغانلارنىڭ ئاخىرقىسى بولمىغىن، چۈنكى بازار شەيتاننىڭ ئۇرۇش مەيدانى بولۇپ، ئۇ يەرگە شەيتان تۇغىنى قادايدۇ »

بەرقانى ئۆزىنىڭ سەھىھىدە مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام « لا تَكُنْ أوَّلَ مَنْ يَدْخُلُ السُّوقَ، وَلا آخِرَ منْ يخْرُجُ مِنْهَا، فِيهَا بَاضَ الشَّيْطَانُ وَفَرَّخَ » بازارغا كېرىدىغان كىشىلەرنىڭ ئاۋۋالقىسى ۋە ئۇنىڭدىن چىقىدىغان كىشىلەرنىڭ ئاخىرقىسى بولمىغىن، شەيتان بازاردا تۇخۇم تۇغۇپ، بازاردا چۆجە چىقىرىدۇ »، د ېگەن.

― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بازارغا كۆپ بېرىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى، چۈنكى بازارغا بارغۇچى تولا چاغلاردا گۇناھلارغا شېرىك بولۇشتىن ياكى گۇناھ ئۆتكۈزۈشتىن خالىي بولالماسلىقى مۇمكىن.

1843. ئابدۇللاھ ئبىنى سەرجىسە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئابدۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھقا: « ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، ئاللاھ ساڭا مەغفىرەت قىلسۇن »، د ېسەم، رەسۇلۇللاھ: « وَلَكَ » « ساڭىمۇ قىلسۇن »، د ېدى. ئاسىم ئابدۇللاھقا: « رەسۇلۇللاھ ساڭا مەغفىرەت تىلىدىمۇ؟»، دېۋىدى، ئۇ: « ھەئە، ساڭىمۇ تىلىدى، دەپ ئاندىن بۇ ئايەتنى ئوقۇدى. ﴿واستغفِرْ لِذَنْبِكَ ولِلْمُؤمِنِينَ والمُؤْمِناتِ﴾ گۇناھىڭ ئۈچۈن ئەر ۋە ئايال مۇئمىنلەر ئۈچۈن مەغفىرەت تەلەپ قىلغىن . («قۇرئان كەرىم» سۈرە مۇھەممەد 19- ئايەت) ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مەغفىرەت تىلەپ دۇئا قىلسا بولىدىغانلىقى. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۇلۇغلىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام گۇناھسىز، مەسۇم زاتتۇر. شۇنداقلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ياخشىلىقنى ياخشىلىق بىلەن قايتۇرۇشىدەك ئىسىل ئەخلاقى بايان قىلىنغان.

1844. ئەبۇ مەسئۇد ئەنسارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إنَّ مِمَّا أدْرَكَ النَّاسُ مِنْ كَلامِ النُّبُوَّةِ الأولَى: إذَا لَمْ تَسْتَحِ فَاصْنعْ مَا شِئْتَ » « ئەگەر ئۇيالمايدىغان بولساڭ، نېمىنى خالىساڭ شۇنى قىلغىن دېگەن سۆز ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ كىشىلەرگە ئېيتىپ قالدۇرغان سۆزلىرىدىندۇر » .

― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ھايا كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن كىشى ھايادىن ئىبارەت چەكلىگۈچىدىن ئايرىلغاچقا، ھالال-ھارامنى ئايرىماي ھەممە ئىشنى قىلىۋېرىدىغانلىقى.

1845. ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « أوَّلُ مَا يُقْضَى بَيْنَ النَّاسِ يوْمَ الْقِيَامةِ في الدِّمَاءِ » « قىيامەت كۈنى كىشىلەر ئارىسىدا تۇنجى چىقىرىلىدىغان ھۆكۈم ناھەق قان تۆكۈش توغرىسىدا بولىدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) جاننىڭ ھۆرمەتلىك ۋە دەخلىسىزلىكى. قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا بەندىلەردىن قان تۆكۈش ۋە ناھەق جانغا زامىن بولۇش ئۈستىدە دەسلەپ ھىساب ئالىدىغانلىقى.

2) « أَوَّلُ مَايُحَاسَبُ بِهِ الْعَبْدُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ الصَّلاَة » «قىيامەت كۈنى بەندىدىن ئەڭ ئاۋۋال ناماز توغرۇلۇق ھېساب ئېلىنىدۇ»، دېگەن ھەدىستە ئاللاھ تائالانىڭ ھەقلىرىگە ئالاقىدار ھېساب، يۇقىرىقى ھەدىستە بولسا بەندىلەرنىڭ ھەقلىرىگە ئالاقىدار ھېساب كۆزدە تۇتۇلغان.

1846. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « خُلِقَتِ المَلائِكَةُ مِنْ نُورٍ، وَخلِقَ الجَانُّ مِنْ مَارِجٍ منْ نَارً، وخُلِق آدمُ ممَّا وُصِفَ لَكُمْ » « پەرىشتىلەر نۇردىن، جىنلار ئوتنىڭ يالقۇنىدىن، ئادەم سىلەرگە بايان قىلىپ بېرىلگەن نەرسىدىن (لايدىن) يارىتىلدى » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) پەرىشتە، جىن ۋە ئىنسانلاردىن ئىبارەت مەخلۇقلارنىڭ يارىتىلىشى بايان قىلىنغان.

2) ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتلىرىنى يارىتىشتىكى قۇدرىتى، خاھىشى بويىچە نېمىنى يارىتىشنى ئىرادە قىلسا شۇنى يارىتىشقا قادىر ئىكەنلىكى، ئۇلۇغلىقى بايان قىلىنغان بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قانداق خەۋەر بەرگەن بولسا، شۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشنىڭ لازىملىقى.

1847. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پۈتۈن ئەخلاقى قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنغان ئەخلاقتۇر.

― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى كامالىتى شۇ ئىدىكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىش-ھەرىكىتى قۇرئان كەرىمنىڭ تىرىك ئۈلگىسى ئىدى. قۇرئان ھارام قىلغاننى ھارام، ھالال قىلغاننى ھالال سانايتتى. قۇرئاندىكى ئەدەپ-ئەخلاقنى مۇكەممەل ئۆزلەشتۈرگەنىدى.

1848. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَنْ أحَبَّ لِقاءَ اللَّهِ أحبَّ اللَّه لِقَاءَهُ، وَمنْ كَرِهَ لِقاءَ اللَّه كَرِهَ اللَّه لِقَاءَهُ » « كىمكى ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى ياقتۇرىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا مۇلاقات بولۇشنى ياقتۇرىدۇ. كىمكى ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى يامان كۆرىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا مۇلاقات بولۇشنى يامان كۆرىدۇ » . ئائىشە: « بىز ئۆلۈمنى ھېچ ياقتۇرمايمىز » ، دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: « لَيْس كَذَلِكَ، وَلَكِنَّ المُؤمِنَ إذَا بُشِّر بِرَحْمَةِ اللَّه وَرِضْوانِهِ وَجنَّتِهِ أحَبَّ لِقَاءَ اللَّه، فَأَحَبَّ اللَّه لِقَاءَهُ وإنَّ الْكَافِرَ إذَا بُشِّرَ بعَذابِ اللَّه وَسَخَطِهِ، كَرِهَ لِقَاءَ اللَّه، وَكَرِهَ اللَّه لِقَاءَهُ » « مېنىڭ دېگىنىم ئۇ ئەمەس. مۇئمىن ئادەمگە ئۆلۈم كەلگەندە، ئۇنىڭغا ئۇلۇغ ئاللاھ تەرىپىدىن بولغان رازىلىق ۋە ئىززەت-ھۆرمەت بىلەن بېشارەت بېرىلىدۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭغا ئۆلۈمدىن سۆيۈملۈك نەرسە بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى ياقتۇرىدۇ. ئاللاھمۇ ئۇنىڭغا مۇلاقات بولۇشنى ياقتۇرىدۇ. كافىرغا ئۆلۈم كەلگەندە، ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ ئازابى ۋە ئوقۇبىتى بىلەن بېشارەت بېرىلىدۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭغا ئۆلۈمدىن يامان نەرسە بولمايدۇ. ئۇ ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى ياقتۇرمايدۇ. ئاللاھمۇ ئۇنىڭغا مۇلاقات بولۇشنى ياقتۇرمايدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: تائەت-ئىبادەتلەرگە ئادەتلىنىشكە ۋە ئىخلاس بىلەن ئورۇنلاشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن. شۇنىڭدەك مۇئمىن كىشىنىڭ جان ئۈزۈش ۋاقتىدا ئاخىرەت نېئمەتلىرىدىن ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا قىلىدىغان ئىززەت-ھۆرمەتلىرىدىن خۇش بېشارەت ئالىدىغانلىقى.

1849. مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى سەفىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېتىكاپتا ئولتۇرغانىدى. مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى يوقلاپ كەلدىم، ئۇنىڭ بىلەن بىردەم پاراڭلاشقاندىن كېيىن قايتماقچى بولۇپ ئورنۇمدىن تۇردۇم. رەسۇلۇللاھ مېنى ئۇزىتىپ قويۇش ئۈچۈن تۇردى. شۇچاغدا، ئەنسارىيلاردىن بولغان ئىككى ساھابە بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۆرۈپ قېلىپ ئالدىراپ مېڭىشتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « عَلَى رِسْلُكُمَا إنَّهَا صَفِيَّةُ بنتُ حُيَيٍّ » « ئالدىرىماڭلار، بۇ ھۈيەينىڭ قىزى (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى) سەفىييە بولىدۇ »، د ېدى. بۇ ئىككىسى: « ئى رەسۇلۇللاھ، سەندىنمۇ گۇمان قىلارمىزمۇ؟»، دېۋىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « إنَّ الشَّيْطَانَ يَجْرِي مِنْ ابْنِ آدَمَ مَجْرَى الدَّمِ، وَإنِّي خَشِيتُ أنْ يَقذِفَ في قُلُوبِكُمَا شَرا » « شەيتان ئادەم بالىسىنىڭ قان تومۇرلىرىدا ماڭىدۇ، مەن شەيتاننىڭ سىلەرنىڭ قەلبىڭلارغا يامان ئويلارنى سېلىشىدىن ئەنسىرىدىم »، د ېدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: «فەتھۇل بارى» كىتابىنىڭ مۇئەللىپى ئىبن ھەجەر بۇ ھەدىسنى شەرھىلەپ مۇنداق دېگەن: «بۇ ھەدىستىكى ئاساسلىق مەقسەت يامان ئويغا كېلىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ۋە شەيتاننىڭ ھىيلە-مىكرىدىن ساقلىنىشتىن ئىبارەت».

ئىبن دەقىق مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ھەدىس ئۆلىمالارنىڭ ھەققىگىمۇ تاقىلىدۇ، كىشىلەر گەرچە ئۆلىمالارغا ئىخلاسمەن بولسىمۇ، ئۆلىمالار كىشىلەرنى ئۇلار ئۈستىدە يامان ئويغا كەلتۈرۈپ قويىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىق كېرەك. چۈنكى، بۇنداق قىلىش كىشىلەرنىڭ ئۇلار توغرىسىدا يامان ئويدا بولۇپ قېلىشىغا ۋە ئۇلارنىڭ ئىلىمدىن پايدىلىنالماسلىقىغا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ».

ھافىز مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ئىككى ساھابىنىڭ ئىمانىنىڭ كۈچلۈكلىكىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارنى ئۆزى ئۈستىدە بىرەر گۇماندا بولىدۇ دەپ ئويلىمىغان. لېكىن، شەيتاننىڭ ئۇلارغا ۋەسۋەسە قىلىشىدىن ئەنسىرىگەن، چۈنكى ئۇ ئىككىسى گۇناھلاردىن پاك، يەنى مەسۇم بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشى مۇمكىن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېيىنكىلەرگە مۇشۇنداق ئىشقا دۇچ كېلىپ قالسا قانداق قىلىشنى تەلىم بېرىش ئۈچۈن، ئەھۋالىنى دەرھال مەلۇم قىلىش بىلەن مەسىلىنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلغان.

1850. ئابباس ئىبن ئابدۇل مۇتتەلىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دېگەن: « مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ھۇنەين غازىتىغا قاتناشقانىدىم. ئەبۇ سۇفيان ئىككىمىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئايرىلمىدۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ئاق قېچىرىغا مىنىگلىك ئىدى. مۇشرىكلار بىلەن ئۇچراشقاندا مۇسۇلمانلار ئارقىغا ئۆرۈلۈپ قاچتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بولسا قېچىرنى دۈشمەن تەرەپكە قاراپ دىۋىتىۋاتاتتى. مەن بولسام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئەپقاچمىسۇن دەپ قېچىرنىڭ يۈگىنىنى تۇتۇۋالغانىدىم، ئەبۇ سۇفيان قېچىرنىڭ ئۈزەڭگىسىنى تۇتۇۋالغانىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « أيْ عبَّاسُ نادِ أصْحَابَ السَّمُرةِ » « ئى ئابباس، سەمۇرە دەرىخىنىڭ ئاستىدا بەيئەت قىلغانلارنى چاقىرغىن »، د ېدى. (ئابباسنىڭ ئاۋازى جاراڭلىق ئىدى) مەن جاراڭلىق ئاۋازىم بىلەن: « سەمۇرە دەرىخى ئاستىدا بەيئەت قىلغانلار قېنى سىلەر؟! »، د ەپ توۋلىدىم. ئاللا بىلەن قەسەمكى، ئۇلار مېنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلاپ موزاينىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ يۈگۈرۈپ كەلگەن كالىلاردەك تېزقايتىپ كەلدى. ئۇلار: « مانا بىز ھازىر بولدۇق، مانا بىز ھازىر بولدۇق »، د ېيىشكىنىچە كېلىپ كۇففارلار بىلەن ئېلىشىپ كەتتى. ئەنسارىيلار ئۆزئارا: « ھەي ئەنسارىيلار جامەسى، ھەي ئەنسارىيلار جامەسى » ، دەپ چاقىرىشاتتى. ئۆزئارا چاقىرىشىپ ئاخىر ھارىس ئىبن خەزرەج جەمەتىدىكىلەر بىلەن توختىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قېچىرىنىڭ ئۈستىدە، بوينىنى سوزۇپ ئۇرۇش بولۇۋاتقان تەرەپكە قاراپ: « هَذَا حِينَ حَمِيَ الْوَطِيسُ » « مانا ئۇرۇش ئەمدى تازا قىزىپتۇ » ، دەپ ئاندىن شېغىلدىن بىر سىقىم ئېلىپ ئۇنى كۇففارلارغا قارىتىپ ئاتتى. ئاندىن: « انْهَزَمُوا وَرَبِّ مُحَمَّدٍ » « مۇھەممەدنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن قەسەمكى ئۇلار مەغلۇپ بولدى » ، دېدى. مەن قارىسام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارغا تاش ئېتىشى بىلەن ئۇلارنىڭ كۈچى ئاجىزلاپ ئىشلىرىنىڭ ئوڭغا تارتمىغانلىقىنى كۆردۈم. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جەڭلەردىكى باتۇر-قەھرىمانلىقى، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ ئاتقان بىر سىقىم شېغىل تاش ئارقىلىق دۈشمەنلىرىنى مەغلۇپ قىلىشتىن ئىبارەت مۆجىزە بىلەن ئۇنى ھۆرمەتلىگەنلىكى.

2) ساھابىلەرنىڭ ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ۋاقىتتىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چاقىرىقىغا ناھايىتى تېز ئاۋاز قوشقانلىقى.

3) كۆپ ساھابىلەرنىڭ قېچىشى دۈشمەننىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغىنىدىن بولغان بولۇپ، ساھابىلەر ئۆزىنىڭ كۆپلۈكىدىن مەغرۇرلانغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ساۋاق بېرىپ، ئۇلارنى تەربىيىلەپ قويغان. شۇ ۋاقىتتىكى ئۇلارنىڭ سانى 12 مىڭ ئىدى.

4) جىھاتتىكى ھەقىقىي كۈچنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىش، نۇسرەت ۋە ياردەم تىلەش بىلەن بولىدىغانلىقى.

5) قوماندانلارنىڭ جەڭچىلىرىگە باتۇرلۇق ۋە قەھرىمانلىقتا ئۈلگە بولۇش كېرەكلىكى.

1851. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « أيُّهَا النَّاسُ إنَّ اللَّه طيِّبٌ لا يقْبلُ إلاَّ طيِّباً، وَإنَّ اللَّه أمَر المُؤمِنِينَ بِمَا أمَر بِهِ المُرْسلِينَ، فَقَال تَعَالى:)يَا أيُّها الرُّسْلُ كُلُوا مِنَ الطَّيِّباتِ واعملوا صَالحاً(وَقَال تَعالَى:)يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمنُوا كُلُوا مِنَ طَيِّبَات مَا رزَقْنَاكُمْ(ثُمَّ ذَكَرَ الرَّجُلَ يُطِيلُ السَّفَر أشْعَثَ أغْبر يمُدُّ يدَيْهِ إلَى السَّمَاءِ: يَاربِّ يَارَبِّ، وَمَطْعَمُهُ حَرامٌ، ومَشْرَبُه حرَامٌ، ومَلْبسُهُ حرامٌ، وغُذِيَ بِالْحَرامِ، فَأَنَّى يُسْتَجابُ لِذَلِكَ،؟ » « ئى كىشىلەر! ئاللاھ پاكتۇر، پاك نەرسىنىلا (ھالالنى) قوبۇل قىلىدۇ، ئاللاھ پەيغەمبەرلەرگە نېمىنى بۇيرۇغان بولسا، مۇئمىنلەرگىمۇ شۇنى بۇيرۇدى. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلەرگە: ‹ئى پەيغەمبەرلەر، پاك نەرسىلەردىن يەڭلار ۋە ياخشى ئەمەلنى قىلىڭلار›، دېگەن بولسا، مۇئمىنلەرگە: ‹ئى ئىمان ئېيتقان كىشىلەر! بىز سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن پاك نەرسىلەردىن يەڭلار›، دېدى، دېگەندىن كېيىن ئۇزۇن سەپەر قىلىپ (ھەج سەپىرىگە ئوخشاش) چاچلىرى چۇۋۇلغان، يۈزلىرىنى توپا-چاڭ باسقان بىر ئادەمنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. ئۇ ئادەم ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ: ‹ئى رەببىم! ئى رەببىم!›، دەيدۇ. ھالبۇكى ئۇنىڭ يېمىكى ھارامدۇر، ئىچىملىكى ھارامدۇر، كېيىم-كىچىكى ھارامدۇر ۋە ئوزۇقلىنىشى ھارامدۇر، بۇنداق ئادەمنىڭ دۇئاسى قانداقمۇ قوبۇل بولىدۇ؟»، دېدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئاللاھ تائالانىڭ كامالى سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىنىدىغانلىقى، ھارامدىن تاپقان ماللارنىڭ سەدىقىسىنى ئاللاھنىڭ قوبۇل قىلمايدىغانلىقى.

2) پەيغەمبەر ئۆزىنىڭ ئالاھىدە خۇسۇسىيەتلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا باشقا دىن ئەھكاملىرىدا مۇئمىنلەر بىلەن ئوخشاشتۇر.

3) ھالالدىن تاپقان پاك رىزىقلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

4) ھارام مال يېيىش دۇئانىڭ ئىجابەت بولماسلىقىدىكى سەۋەب، ھالالدىن يېيىش بولسا دۇئا ئىجابەت بولۇشنىڭ سەۋەبى، شۇڭا «دۇئانىڭ ئىككى قانىتى بار؛ بىرى ھالالدىن يېيىش، يەنە بىرى راست سۆزلەش»، دېگەن گەپ بار.

1852. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « ثَلاثَةٌ لاَ يُكَلِّمُهُمْ اللَّه يوْمَ الْقِيَامةِ، وَلاَ يُزَكِّيهِمْ، وَلا ينْظُرُ إلَيْهِمْ، ولَهُمْ عذَابٌ أليمٌ: شَيْخٌ زَانٍ، ومَلِكٌ كَذَّابٌ، وَعَائِل مُسْتَكْبِرٌ » « قىيامەت كۈنى ئاللاھ سۆز قىلمايدىغان، قارىمايدىغان ۋە قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلىدىغان ئۈچ تۈرلۈك كىشى بار بولۇپ، ئۇلار زىنا قىلغۇچى بوۋاي، يالغانچى پادىشاھ ۋە تەكەببۇر كەمبەغەل » .

― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئاللاھ تائالانىڭ يۇقىرىقى خىلدىكى كىشىلەرنى ياقتۇرمايدىغانلىقى.

2) قازى ئىياز ئېيتىدۇ: «يۇقىرىقى ئۈچ خىل كىشىلەرنىڭ ئازابقا خاس قىلىنىشى شۇنىڭ ئۈچۈنكى ئۇلار ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى بولمىغان ئەھۋالدا گۇناھغا دۇچار قىلغۇچى سەۋەبلەرنى سادىر قىلغان ۋە ئاجىز تۇرۇپ گۇناھ ئۆتكۈزگەن، ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق ئەھۋالدا گۇناھقا جۈرئەت قىلىشى ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىنى كۆزگە ئىلماي بۇيۇنتاۋلىق قىلغانلىقىدىن بولغان.

1853. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « سيْحَانُ وجَيْحَانُ وَالْفُراتُ والنِّيلُ كُلٌّ مِنْ أنْهَارِ الْجنَّةِ » « سەيھۇن، جەيھۇن، فۇرات ۋە نىل دەريالىرى بولسا جەننەتنىڭ دەريالىرىدىندۇر » .

― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بۇ دەريالارنىڭ پەزىلىتى-ئۇلارنىڭ سۈيىنىڭ ساپلىقى ۋە ئەتراپىغا ئىسلامنىڭ كۆپ تارقالغانلىقىدىندۇر. بۇ دەريانىڭ سۇلىرى جەننەت سۇلىرىغا ئوخشىتىلغان بولۇپ، ئىمام سۇيۇتى: «ئىشنىڭ ھەققىتىنى ئاللاھ تائالا ئوبدان بىلىدۇ، ئىشنىڭ ماھىيىتىنى شۇكەنكى، ئۇ دەريالاردا جەننەتنىڭ ئىلمىنتى بولۇشى مۇمكىن»، دېگەن.

1854. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنىڭ قولۇمنى تۇتۇپ مۇنداق دېدى: « خَلَقَ اللَّه التُّرْبَةَ يوْمَ السَّبْتِ، وخَلَقَ فِيهَا الْجِبَالَ يَوْمَ الأحَد، وخَلَقَ الشَّجَرَ يَوْمَ الإثْنَيْنِ، وَخَلَقَ المَكْرُوهَ يَوْمَ الثُّلاثَاءِ، وَخَلَقَ النُّورَ يَوْمَ الأرْبَعَاءِ، وَبَثَّ فِيهَا الدَّوَابَّ يَوْمَ الخَمِيسِ، وخَلَقَ آدَمَ صَلّى اللهُ عَلَيْهِ وسَلَّم بَعْدَ الْعَصْرِ مِنْ يَوم الجُمُعَةِ في آخِرِ الْخَلْقِ في آخِرِ سَاعَةٍ مِنَ النَّهَارِ فِيمَا بَيْنَ الْعَصْرِ إلى الَّليلِ » « ئاللاھ شەنبە كۈنىدە تۇپراقنى ياراتتى ۋە تۇپراقتا يەكشەنبە كۈنى تاغلارنى ياراتتى، دۈشەنبە كۈنى دەل-دەرەخلەرنى ياراتتى، سەيشەنبە كۈنىدە يامان سانىلىدىغان نەرسىلەرنى ياراتتى، چارشەنبە كۈنى نۇرلارنى ياراتتى ۋە پەيشەنبە كۈنى يەر يۈزىدە ھايۋاناتلارنى ياراتتى، ھەممىسىنىڭ ئاخىرىدا جۈمە كۈنى ئەسىر بىلەن كېچىنىڭ ئارىسىدا ئادەمنى ياراتتى » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ھەدىسنىڭ مەنىسىدىن قارىغاندا، بىر قىسىم مەخلۇقاتلارنىڭ يارىتىلىش تەرتىپى بايان قىلىنغان. لېكىن، كۈنلەرنىڭ ماھىيىتى ئۈستىدە توختالماسلىق ئەڭ ئاقىلانىلىكتۇر.

1855. ئەبۇ سۇلايمان خالىد ئىبن ۋەلىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دېگەن: « لَقَدِ انْقَطَعَتْ في يَدِي يوْمَ مُؤتَةَ تِسْعَةُ أسْيافٍِ، فَمَا بقِيَ في يدِي إلا صَفِيحةٌ يَمَانِيَّةٌ » « مۇئتە ئۇرۇشى بولغان كۈنى مېنىڭ قولۇمدا توققۇز دانە قىلىچ سۇنۇپ تۈگەپ قولۇمدا پەقەتلا يەمەندە سوقۇلغان بىر دانە قىلىچ قالغان » .

― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: خالىد ئىبن ۋەلىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەزىلىتى، جەڭلەردىكى باتۇر-قەھرىمانلىقى بايان قىلىنغان.

1856. ئەمر ئىبن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « إذَا حَكَمَ الْحَاكِمُ، فَاجْتَهَدَ، ثُمَّ أصاب، فَلَهُ أجْرانِ وإنْ حَكَم وَاجْتَهَدَ، فَأَخْطَأَ، فَلَهُ أجْرٌ » « ئەگەر ھۆكۈم قىلغۇچى ھۆكۈم چىقارغان چاغدا تىرىشىپ ئىزدىنىپ توغرا ھۆكۈم چىقارغان بولسا ئۇنىڭغا ئىككى ئەجىر بېرىلىدۇ. ئەگەر تىرىشىپ ئىزدىنىپ خاتا ھۆكۈم چىقىرىپ قالسا، ئۇنىڭغا بىر ئەجىر بېرىلىدۇ » .

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئەگەر دىندا ئىجتىھاد دەرىجىسىگە يەتكەن كىشى بولسا ئىجتىھات قىلسا بولىدىغان ئەھكاملاردا ئىجتىھاد قىلسا بولىدىغانلىقى، ئۇ ئىجتىھادىغا ساۋاب بېرىلىدىغانلىقى. ئىجتىھادى توغرا بولسا ئىجتىھاد ۋە توغرۇلۇقىغا ساۋاب بېرىلىدىغانلىقى (بىرى ئىجتىھادى ئۈچۈن بېرىلگەن ساۋاب، ئىككىنچىسى توغرا قىلغانلىقى ئۈچۈن بېرىلگەن ساۋاب)، ئەگەر خاتا بولسا ئىجتىھات قىلغانلىقى ئۈچۈن بىر ساۋاب بېرىلىدىغانلىقى.

1857. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « الْحُمَّى مِنْ فيْحِ جَهَنَّم فأبْرِدُوهَا بِالماَءِ » « قىزىتما بولسا جەھەننەمنىڭ ھارارىتىدۇر، ئۇنى سۇ بىلەن سوۋۇتۇڭلار (سۇنى ئىچىش ۋە سۇ بىلەن بەدەننى يۇيۇش كۆزدە تۇتۇلىدۇ). ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: قىزىتمىسى ئۆرلەپ كەتكەن كىشىنىڭ يۈزىگە سۇغۇق سۇ چېچىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تېبابەت ھەققىدە قىلغان سۆزلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى. سوغۇق سۇنىڭ قىزىتما بىلەن ئاغرىغان بىر قىسىم كېسەللەرنىڭ قىزىتمىسىنى پەسەيتىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان.

1858. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَنْ مَاتَ وَعَلَيْهِ صَوْمٌ، صَامَ عَنْهُ وَلِيُّهُ » « كىمكى گەدىنىدە قازا روزىسى قېلىپ ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن ۋارىسى تۇتۇپ قويسۇن » .

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ۋاپات بولغان تۇغقانلىرى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قېپقالغان پەرز روزىسىنى ۋارىسنىڭ تۇتۇپ قويسا بولىدىغانلىقى.

1859. ئەۋف ئىبن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا ئابدۇللاھ ئىبن زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ بىرەر نەرسىنى ساتقانلىق سودىسىدىن ياكى قىلغان سەدىقىسىدىن نارازى بولۇپ: « ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى ئائىشە (قىلىۋاتقان ئىشىدىن) يېنىشى كېرەك ياكى ئۇنى چوقۇم ئۆزۈم چەكلىشىم كېرەك » ، دېگەن گېپى يەتكۈزىلىدۇ. ئائىشە: « ئابدۇللاھ بۇ گەپنى راس قىلدىمۇ؟»، دەپ يەتكۈزگۈچىلەردىن سورايدۇ. ئۇلار: «ھەئە»، دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئائىشە: « ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى ئابدۇللاھ ئىبن زۇبەيرىگە مەن ھەرگىز گەپ قىلمايمەن » ، دەيدۇ. ئائىشە بىلەن ئابدۇللاھنىڭ ئارىسىدىكى ئارازلىق ئۇزۇنغا سوزۇلغانلىقتىن ئابدۇللاھ ئىبن زۇبەير ئائىشىىدىن كەچۈرۈم سوراپ ئارىغا ئادەم قويىدۇ. ئائىشە: « ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مەن ھېچكىمنىڭ سالامىنى قوبۇل قىلمايمەن ۋە ئىچكەن قەسىمىمنى ھەرگىز بۇزمايمەن » ، دەيدۇ. ئابدۇللاھ ئىبن زۇبەير بىتاقەت بولۇپ مىسۋەرە ئىبن مەخرەمە بىلەن ئابدۇراھمان ئىبن ئەسۋەدگە گەپ قىلىپ: « خۇدا ھەققى سىلەردىن ئۆتۈنۈپ قالاي، مېنى ئائىشەنىڭ قېشىغا ئېلىپ كىرىڭلار، ئۇنىڭ ماڭا گەپ قىلماي تۇغقانچىلىقىمىزنى ئۈزۈشى ئۈچۈن قەسەم ئىچىشى توغرا ئەمەس »، د ەيدۇ (ئائىشە ئابدۇللاھ ئىبن زۇبەيرنىڭ ھاممىسى ئىدى). ئۇلار ئابدۇللاھ ئىبن زۇبەيرىنى ئائىشەنىڭ ئالدىغا باشلاپ كېلىدۇ، ھەم ئائىشەگە: « ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەراكاتۇھۇ »، د ەپ سالام بېرىپ: « كىرىشىمىزگە رۇخسەتمۇ؟»، دەپ ئىجازەت سورايدۇ. ئائىشە: « كىرىڭلار »، د ەيدۇ. ئۇلار: « ھەممىمىزمۇ؟»، دەيدۇ. ئائىشە: « ھەئە، ھەممىڭلار كىرىڭلار »، د ەيدۇ. ئائىشە ئۇلار بىلەن بىللە ئابدۇللاھ ئىبن زۇبەيرنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدۇ. ئۇلار ئۆيگە كىرىشى بىلەن ئابدۇللاھ ئائىشەنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ يىغلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن ئۆزىنى ئەپۇ قىلىشنى ئۆتۈنىدۇ. مىسۋەرە بىلەن ئابدۇراھمانمۇ ئائىشەدىن ئۇنى كەچۈرۈپ ئۇنىڭغا گەپ قىلىشىنى ئۆتۈنىدۇ ۋە ئائىشەگە: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاداۋەت تۇتۇپ گەپ قىلماسلىقنى توسقانلىقىنى سەنمۇ بىلىسەن، بىر مۇسۇلماننىڭ ئۆز قېرىندىشىغا ئۈچ كۈندىن ئارتۇق گەپ قىلماي تاشلىۋېتىشى دۇرۇس ئەمەسقۇ » ، دەيدۇ. ئۇلار ئائىشەگە بۇ ھەقتە كۆپ نەسىھەت قىلىدۇ. ئائىشە يىغلاپ تۇرۇپ مىسۋەرە بىلەن ئابدۇراھمانغا ئۆزىنىڭ قەسەم ئىچكەنلىكىنى، قەسەمنى بۇزۇشنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئۇلار ئائىشەگە نەسىھەت قىلېۋىرىپ ئاخىر ئائىشە ئابدۇللاھ ئىبن زۇبەيرگە گەپ قىلىدۇ. ئائىشە قەسىمىنى بۇزغانلىقى ئۈچۈن قىرىق قۇل ئازاد قىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئائىشە قەسىمىنى ئەسلەپ يىغلاۋېرىپ ئاققان ياشلىرى بىلەن ياغلىقى ھۆل بولۇپ كېتىدۇ. ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئاللاھ تائالا ئۈچۈن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشكە بولىدىغانلىقى، لېكىن دۇنيا ئىشى ئۈچۈن ئۈچ كۈندىن ئارتۇق مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى.

2) بىرەر ئىشنى قىلماقچى بولۇپ ئاللاھ تائالاغا قەسەم بەرمەكچى بولسا، يامان ئىش توغرۇلۇق ئاللاھ تائالاغا قەسەم قىلىشقا بولمايدۇ. بىرەر ئىشنى قىلىمەن دەپ ئاللاھ تائالاغا ۋەدە بىرىپ ئۇنى قىلالمىسا ئۇنىڭ كاففارىتى قەسەمنىڭ كەففارىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. يەنى قەسەمنىڭ كەففارىتى بىر قۇل ئازاد قىلىش، ئون مىسكىن تويغۇدەك تاماق بېرىش، ياكى كىيىم-كېچەك بېرىش، يۇقىرىقىلارغا تاقىتى يەتمىسە ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش.

1860. ئۇقبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئۇھۇد غازىتىدىن سەككىز يىل كېيىن ئۇھۇدقا باردى، ئۇ ئۇھۇد شەھىدلىرىگە ئۆلگەنلەر ۋە تىرىكلەر بىلەن ۋىدالىشىۋاتقاندەك دۇئا قىلدى، ئاندىن مەسجىدتىكى مۇنبەرگە چىقىپ: « إنِّي بيْنَ أيْدِيكُمْ فَرَطٌ وأنَا شهيد علَيْكُمْ وإنَّ موْعِدَكُمُ الْحوْضُ، وَإنِّي لأنْظُرُ إليه مِنْ مَقامِي هَذَا، وإنِّي لَسْتُ أخْشَى عَلَيْكُمْ أنْ تُشْركُوا، ولَكِنْ أخْشَى عَلَيْكُمْ الدُّنيا أنْ تَنَافَسُوهَا » « مەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا بېرىپ تۇرغۇچىمەن، مەن سىلەرنىڭ گۇۋاھچىڭلاردۇرمەن، (يەنى گۇناھى بارلارغا شاپائەت قىلىش، ياخشى مۇئمىنلەرگە گۇۋاھلىق بېرىش بىلەن ئۈممىتىم ئالدىدا ھازىرمەن) سىلەرنىڭ چۈشىدىغان جايىڭلار ھەۋزى كەۋسەرنى ۋەدە قىلىمەن، مەن مۇشۇ جايىمدا تۇرۇپ ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمەن. مەن سىلەرنىڭ مەندىن كېيىن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشۈڭلاردىن ئەنسىرىمەيمەن، سىلەرنىڭ دۇنياغا بېرىلىپ، دۇنيانى قوغلىشىپ كېتىشىڭلاردىن ئەنسىرەيمەن »، د ېگەن. ئۇقبە: « بۇ مېنىڭ رەسۇلۇللاھنى ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشۈم بولۇپ قالدى »، د ېگەن.

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

يەنە بىر رىۋايەتتە: « وَلَكِنِّي أخْشَى علَيْكُمْ الدُّنيَا أنْ تَنَافَسُوا فِيهَا، وتَقْتَتِلُوا فَتَهْلِكُوا كَما هَلَكًَ منْ كَان قَبْلكُمْ » « لېكىن مەن سىلەرنىڭ دۇنياپەرەس بولۇپ، دۇنياغا بېرىلىپ بىر-بىرىڭلارنى ئۆلتۈرۈشۈپ، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەر ھالاك بولغاندەك ھالاك بولۇپ كېتىشىڭلاردىن ئەنسىرەيمەن »، د ېگەن. ئۇقبە: « بۇ مېنىڭ رەسۇلۇللاھنى مۇنبەر ئۈستىدە ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشۈم بولۇپ قالدى »، دېگەن، دېيىلگەن.

يەنە بىر رىۋايەتتە: « إنِّي فَرطٌ لَكُمْ وأنَا شَهِيدٌ علَيْكُمْ، وَإنِّي واللَّه لأنْظُرُ إلَى حَوْضِي الآنَ، وإنِّي أُعْطِيتُ مَفَاتِيحَ خَزَائِن الأرضِ، أوْ مَفَاتِيحَ الأرْضِ، وَإنَّي واللَّهِ مَا أَخَافُ علَيْكُمْ أنْ تُشْرِكُوا بعْدِي ولَكِنْ أخَافُ علَيْكُمْ أنْ تَنَافَسُوا فِيهَا » « مەن سىلەردىن ئىلگىرى بېرىپ تۇرغۇچىمەن ۋە سىلەرگە گۇۋاھچىدۇرمەن، ئاللاھقا قەسەمكى، مەن ھازىر ھەۋزىمنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمەن، ماڭا زېمىندىكى خەزىنىلەرنىڭ ياكى زېمىننىڭ ئاچقۇچلىرى بېرىلدى. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن سىلەرنىڭ مەندىن كېيىن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشۈڭلاردىن ئەنسىرىمەيمەن. لېكىن سىلەرنىڭ دۇنياغا بېرىلىپ كېتىشىڭلاردىن ئەنسىرەيمەن » ، دېدى، دېيىلگەن.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇنيادىكى ئورنىدا تۇرۇپ جەننەتتىكى ھەۋزى كەۋسەر كۆرسىتىلگەنلىكى.

2) ھەۋزى كەۋسەرنىڭ راستلىقى.

3) ئىسلامنىڭ داۋاملىشىشى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ دىندا مۇستەھكەم تۇرۇشىدىن بېشارەت بېرىلگەن.

4) دۇنيانى دەپ بەسلىشىشتىن نەھيى قىلىنغان.

5) قەبرىلەرنى زىيارەت قىلپ تۇرۇش ۋە قەبرىدىكىلەرگە دۇئا قىلىش كېرەكلىكى.

6) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ ئۇنىڭغا دۇنيا بايلىق ئىشىكلىرىنى ئېچىپ بەرگەن تۇرۇقلۇق دۇنياغا بېرىلمەي ئاخىرەتنى تاللىغانلىقى.

1861. ئەبۇ زەيىد ئەمر ئىبن ئەختەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ بىزگە بامداتنى ئوقۇپ بېرىپ بولۇپ مۇنبەرگە چىقىپ پېشىن نامىزىغىچە سۆزلىدى، بىز بىلەن پېشىننى ئوقۇپ بولۇپ يەنە مۇنبەرگە چىقىپ ئەسىرگىچە سۆزلىدى، ئەسىرنى ئوقۇپ بولۇپ يەنە مۇنبەرگە چىقىپ كۈن پاتقۇچە سۆزلىدى، بىزگە بولۇپ ئۆتكەن ۋە بولىدىغان ئىشلاردىن خەۋەر بەردى. رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزلىرىنى ئەڭ كۆپ ئېسىدە ساقلىغۇچىلار ئارىمىزدىكى ئەڭ ئالىملىرىمىزدۇر.

― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممەتلىرىگە ئېھتىياجلىق بولغان دىنىي ئىشلارنى تەلىم بېرىشكە، ئۇلارغا ئىلگىرىكىلەردىن ئىبرەت ئېلىپ، كېيىنكى ئىشلارنىڭ يامانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرۇشقا ھېرىس ئىكەنلىكى.

2) ئەڭ ئالىم كىشى كۆپ ئىلىم ئۆگەنگەن ۋە ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنى بىلىدىغان كىشىدۇر.

1862. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَنْ نَذَرَ أن يُطِيع اللَّه فَلْيُطِعْهُ، ومَنْ نَذَرَ أنْ يعْصِيَ اللَّه، فلا يعْصِهِ » « كىمكى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشقا ۋەدە قىلغان بولسا، ئاللاھقا ئىتائەت قىلسۇن، كىمكى ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىشقا ۋەدە قىلغان بولسا، ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلمىسۇن » . ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىش توغرۇلۇق ۋەدە قىلغان بولسا، ۋەدىسىنى ئورۇنلاشنىڭ زۆرۈرلۈكى. گۇناھ ئىشلارنى قىلىشقا ۋەدە قىلغان بولسا، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلماسلىقنىڭ لازىملىقى.

1863. ئۇممۇ شەرىك رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ پاتمىچۇقلارنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇغان ۋە مۇنداق دېگەن: « كَانَ ينْفُخُ علَى إبْراهيمَ » « پاتمىچۇق ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى كۆيدۈرۈش ئۈچۈن يېقىلغان ئوتنى پۈۋلىگەن » .

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

1864. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « منْ قَتَلَ وزَغَةً في أوَّلِ ضَرْبةٍ، فَلَهُ كَذَا وَكَذَا حسنَةً، وَمَنْ قَتَلَهَا في الضَّرْبَةِ الثَّانِية، فَلَهُ كَذَا وكَذَا حَسنَةً دُونَ الأولَى، وإنَّ قَتَلَهَا في الضَّرْبةِ الثَّالِثَةِ، فَلَهُ كَذاَ وَكَذَا حَسَنَةً » « كىمكى پاتمىچۇقنى بىر ئۇرۇپ ئۆلتۈرسە، ئۇنىڭغا مۇنداق-مۇنداق ساۋاب بېرىلىدۇ، كىمكى پاتمىچۇقنى ئىككى ئۇرۇپ ئۆلتۈرسە ئۇنىڭغا ئاۋۋالقىدىن كەمرەك مۇنداق-مۇنداق ساۋاب بېرىلىدۇ، كىمكى ئۇنى ئۈچىنچى قېتىم ئۇرۇپ ئۆلتۈرسە مۇنداق-مۇنداق ساۋاب بېرىلىدۇ » .

يەنە بىر رىۋايەتتە: « مَنْ قَتَلَ وزَغاً في أوَّلِ ضَرْبةِ، كُتِبَ لَهُ مائةُ حسَنَةٍ، وَفي الثَّانِيَةِ دُونَ ذَلِكَ، وفي الثَّالِثَةِ دُونَ ذَلِكَ » « كىمكى پاتمىچۇقنى بىر ئۇرۇپ ئۆلتۈرسە 100 ساۋاب، ئىككى ئۇرۇپ ئۆلتۈرسە ئۇنىڭدىن ئازراق، ئۈچ ئۇرۇپ ئۆلتۈرسە ئۇنىڭدىن ئازراق ساۋاب بېرىلىدۇ »، دېدى، دېيىلگەن . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى (1863~1864): 1) پاتمىچۇقنى ئۆلتۈرۈشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى. ئۆلتۈرگەندە بىرلا قېتىمدا ئۆلۈشى ئۈچۈن، قاتتىق ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈش كېرەكلىكى. شۇنىڭدەك چايان، يىلانغا ئوخشاش زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋېتىش كېرەكلىكى.

2) پاتمىچۇقنىڭ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى تاشلىغان ئوتنى پۈۋلىگەنلىكى، ئوتنىڭ يالقۇنلىشىغا كۆپ تەسىرى بولمىسىمۇ، بۇ ھەقىقەت بولۇشى مۇمكىن ياكى پاتمىچۇقنىڭ ئىنسانلارغا زىيان يەتكۈزۈشىدىن كىنايە بولۇشى مۇمكىن.

1865. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « قَال رَجُلٌ لأتَصدقَنَّ بِصَدقَةِ، فَخَرجَ بِصَدقَته، فَوَضَعَهَا في يَدِ سَارِقٍ، فَأصْبحُوا يتَحدَّثُونَ: تَصَدِّقَ الليلة علَى سارِقٍ، فَقَالَ: اللَّهُمَّ لَكَ الْحَمْدُ لأتَصَدَّقَنَّ بِصَدَقَةٍ، فَخَرَجَ بِصَدقَتِهِ، فَوَضَعَهَا في يدِ زانيةٍ، فَأصْبَحُوا يتَحدَّثُونَ تُصُدِّق اللَّيْلَةَ عَلَى زَانِيَةٍ، فَقَالَ: اللَّهُمَّ لَكَ الْحَمْدُ عَلَى زانِيَةٍ؟ لأتَصَدَّقَنَّ بِصدقة، فَخَرَجَ بِصَدقَتِهٍِ، فَوَضَعهَا في يد غَنِي، فأصْبَحُوا يتَحدَّثونَ: تُصٌُدِّقَ علَى غَنِيٍّ، فَقَالَ اللَّهُمَّ لَكَ الْحَمْدُ علَى سارِقٍ، وعَلَى زَانِيةٍ، وعلَى غَنِي، فَأتِي فَقِيل لَهُ: أمَّا صدَقَتُكَ علَى سَارِقٍ فَلَعَلَّهُ أنْ يَسْتِعفَّ عنْ سرِقَتِهِ، وأمَّا الزَّانِيةُ فَلَعلَّهَا تَسْتَعِفَّ عَنْ زِنَاهَا، وأمًا الْغنِيُّ فَلَعلَّهُ أنْ يعْتَبِر، فَيُنْفِقَ مِمَّا آتَاهُ اللَّهُ » « بىر ئادەم چوقۇم سەدىقە بېرىمەن دەپ چىقىپ، سەدىقىنى بىر ئوغرىغا بەردى. كىشىلەر ئۇنىڭغا سەدىقەڭنى ئوغرىغا بەردىڭ، دەپ سۆز-چۆچەك قىلىشتى. سەدىقە بەرگۈچى: ‹ئى ئاللاھ، ئوغرىغا سەدىقە بەرگەنلىكىم ئۈچۈن ساڭا شۈكۈر قىلىمەن›، دېدى. يەنە بىر قېتىم چوقۇم سەدىقە بېرىمەن دەپ چىقىپ سەدىقىسىنى پاھىشە ئايالغا بەردى. كىشىلەر ئۇنىڭغا سەدىقەڭنى پاھىشە ئايالغا بەردىڭ، دەپ سۆز-چۆچەك قىلىشتى. ئۇ: ‹ئى ئاللاھ، پاھىشە ئايالغا سەدىقە بەرگەنلىكىم ئۈچۈن ساڭا شۈكۈر قىلىمەن›، دېدى. ئاندىن چوقۇم سەدىقە بېرىمەن دەپ چىقىپ سەدىقىسىنى بىر بايغا بەردى. كىشىلەر ئۇنىڭغا سەدىقەڭنى بايغا بەردىڭ دەپ سۆز-چۆچەك قىلىشتى. ئۇ: ‹ئى ئاللاھ، ئوغرىغا، پاھىشە ئايالغا، بايغا سەدىقە بەرگەنلىكىم ئۈچۈن ساڭا شۈكۈر قىلىمەن›، دېدى. سەدىقە بەرگۈچىنىڭ چۈشىدە ئۇنىڭغا مۇنداق دېيىلگەن: ‹ئوغرىغا بەرگەن سەدىقەڭگە كەلسەك ئوغرى شۇ ئارقىلىق ئوغرىلىقتىن باش تارتىشى مۇمكىن. پاھىشە ئايالغا بەرگەن سەدىقەڭگە كەلسەڭ ئۇ شۇ ئارقىلىق پاھىشىدىن يېنىشى مۇمكىن. بايغا بەرگەن سەدىقەڭگە كەلسەك ئۇ بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىپ ئاللاھ ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان بايلىقنى ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىشى مۇمكىن›». ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئەھۋالنى ئۇقمىغانلىقتىن تېگىشلىك بولمىغانلارغا بېرىلىپ قالغان سەدىقىنىڭ سەدىقە بەرگۈچىنىڭ نىيىتىگە قاراپ ئۇنىڭغا ساۋابى بولىدىغانلىقى. شۈبھىسىزكى، سەدىقىنى خىش-ئەقرىبالاردىن ياخشى ئادەملەرگە ۋە ھاجەتمەنلەرگە بېرىشنىڭ باشقىلارغا بېرىشتىن ئەۋزەل بولىدىغانلىقى. بۇ ھەدىستە دىققەت قىلىدىغان يەنە بىر نۇقتا: بۇ سەدىقە بەرگۈچى كىشى سەدىقىنى رىيا قىلماستىن، ھېچكىمگە بىلىندۈرمەي بېرىش مەقسىتىدە كىچىدە بەرگەن، دېگەن قاراشمۇ بار.

1866. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن چاقىرىلغان بىر جايدا بىللە بولۇپ قالدۇق. رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا قوينىڭ ئالدى پۇتى كەلتۈرۈلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قوينىڭ ئالدى پۇت گۆشىگە ئامراق ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر چىشلەپ يېگەندىن كېيىن، مۇنداق دېدى: « أنا سيد الناس يوم الْقِيَامَةِ، هَلْ تَدْرُونَ مِمَّ ذَاكَ؟ يَجْمعُ اللَّه الأوَّلِينَ والآخِرِينَ في صعِيدٍ وَاحِد، فَيَنْظُرُهمُ النَّاظِرُ، وَيُسمِعُهُمُ الدَّاعِي، وتَدْنُو مِنْهُمُ الشَّمْسُ، فَيَبْلُغُ النَّاسُ مِنَ الْغَمِّ والْكَرْبِ مَالاَ يُطيقُونَ وَلاَ يحْتَمِلُونَ، فَيَقُولُ النَّاسُ: أَلاَ تَروْنَ إِلى مَا أَنْتُمْ فِيهِ، إِلَى ما بَلَغَكُمْ؟ أَلاَ تَنْظُرُونَ مَنْ يشْفَعُ لَكُمْ إِلى رَبَّكُمْ؟ فيَقُولُ بعْضُ النَّاسِ لِبَعْضٍ: أبُوكُمْ آدَمُ، ويأتُونَهُ فَيَقُولُونَ: يَا أَدمُ أَنْتَ أَبُو الْبَشرِ، خَلَقَك اللَّه بيِدِهِ، ونَفخَ فِيكَ مِنْ رُوحِهِ، وأَمَرَ المَلائِكَةَ فَسَجَدُوا لَكَ وَأَسْكَنَكَ الْجَنَّةَ، أَلا تَشْفعُ لَنَا إِلَى ربِّكَ؟ أَلاَ تَرى مَا نَحْنُ فِيهِ، ومَا بَلَغَنَا؟ فَقَالَ: إِنَّ رَبِّي غَضِبَ غضَباً لَمْ يغْضَبْ قَبْلَهُ مِثْلَهُ. وَلاَ يَغْضَبُ بَعْدَهُ مِثْلَهُ، وَإِنَّهُ نَهَاني عنِ الشَّجَرةِ، فَعَصَيْتُ. نَفْسِي نَفْسِي نَفْسي. اذهَبُوا إِلَى غَيْرِي، اذْهَبُوا إِلَى نُوحٍ. فَيَأْتُونَ نُوحاً فَيقُولُونَ: يَا نُوحُ، أَنْتَ أَوَّلُ الرُّسُل إِلى أَهْلِ الأرْضِ، وَقَدْ سَمَّاك اللَّه عَبْداً شَكُوراً، أَلا تَرَى إِلَى مَا نَحْنُ فِيهِ، أَلاَ تَرَى إِلَى مَا بَلَغَنَا، أَلاَ تَشْفَعُ لَنَا إِلَى رَبِّكَ؟ فَيَقُولُ: إِنَّ ربِّي غَضِبَ الْيوْمَ غَضَباً لمْ يَغْضَبْ قَبْلَهُ مِثْلَهُ، وَلَنْ يَغْضَبَ بَعْدَهُ مِثْلَهُ، وَأَنَّهُ قدْ كانَتْ لِي دَعْوةٌ دَعَوْتُ بِهَا عَلَى قَوْمِي، نَفْسِي نَفْسِي نَفْسِي، اذْهَبُوا إِلَى غَيْرِي اذْهَبُوا إِلَى إِبْرَاهِيمَ. فَيْأْتُونَ إِبْرَاهِيمَ فَيَقُولُونَ: يَا إِبْرَاهِيمُ أَنْتَ نَبِيُّ اللَّهِ وَخَلِيلُهُ مِنْ أَهْلِ الأرْضِ، اشْفَعْ لَنَا إِلَى رَبِّكَ، أَلاَ تَرَى إِلَى مَا نَحْنُ فِيهِ؟ فَيَقُولُ لَهُمْ: إِنَّ ربِّي قَدْ غَضِبَ الْيَوْمَ غَضَباً لَمْ يَغْضَبْ قَبْلَهُ مِثْلَهُ، وَلَنْ يَغْضَبَ بَعْدَهُ مِثْلَهُ وَإِنِّي كُنْتُ كَذَبْتُ ثَلاَثَ كَذْبَاتٍ نَفْسِي نَفْسِي نَفْسِي، اذْهَبُوا إِلَى غَيْرِي، اذْهَبُوا إِلَى مُوسَى . فَيأْتُونَ مُوسَى، فَيقُولُون: يا مُوسَى أَنْت رسُولُ اللَّه، فَضَّلَكَ اللَّه بِرِسالاَتِهِ وبكَلاَمِهِ على النَّاسِ، اشْفعْ لَنَا إِلَى رَبِّكَ، أَلاَ تَرَى إِلى مَا نَحْنُ فِيهِ؟ فَيَقول إِنَّ ربِّي قَدْ غَضِبَ الْيَوْمَ غَضَباً لَمْ يَغْضَبْ قَبْلَهُ مِثْلَهُ، وَلَنْ يَغْضَبَ بَعْدَهُ مِثْلَهُ وَإِنِّي قَدْ قتَلْتُ نَفْساً لَمْ أُومرْ بِقْتلِهَا. نَفْسِي نَفْسِي نَفْسِي، اذْهَبُوا إِلَى غَيْرِي، اذْهَبُوا إِلَى عِيسى. فَيَأْتُونَ عِيسَى. فَيقُولُونَ: يا عِيسى أَنْتَ رَسُولُ اللَّهِ وَكلمتُهُ أَلْقَاهَا إِلَى مَريم ورُوحٌ مِنْهُ وَكَلَّمْتَ النَّاسَ في المَهْدِ. اشْفَعْ لَنَا إِلَى رَبِّكَ. أَلاَ تَرَى مَا نَحْنُ فِيهِ، فيَقولُ: إِنَّ ربِّي قَدْ غَضِبَ الْيَوْمَ غَضَباً لَمْ يَغْضَبْ قَبْلَهُ مِثْلَهُ، وَلَنْ يَغْضَبَ بَعْدَهُ مِثْلَهُ، وَلمْ يَذْكُرْ ذنْباً، نَفْسِي نَفْسِي نَفْسِي، اذْهَبُوا إِلَى غَيْرِي، اذْهَبُوا إِلَى مُحمَّد صَلّى اللهُ عَلَيْهِ وسَلَّم. فيأْتون محَمداً صَلّى اللهُ عَلَيْهِ وسَلَّم » « قىيامەت كۈنى، مەن ئىنسانلارنىڭ سەردارىمەن. بۇنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ ئاللاھ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى بولۇپ ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى بىر جايغا يىغىدۇ، ئۇلار بىر-بىرىنى كۆرەلەيدۇ، (توۋلىغۇچىنىڭ ئاۋازىنى) ئاڭلىيالايدۇ، قۇياش بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىلىقى ناھايىتى يېقىن بولىدۇ، ئىنسانلارنىڭ بېشىغا كۈن كېلىپ غەم-قايغۇغا چۆمىدۇ. ئۇلار ئۆزئارا: ‹كۈلپەتتىن قايسى ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىڭلارغا قارىمامسىلەر، ئاللاھنىڭ ئالدىدا كىم سىلەرگە شاپائەت قىلار›، دېيىشىپ كېتىدۇ. كىشىلەرنىڭ بەزىسى بەزىسىگە: ‹ئادەم ئاتاڭلار قانداق بولار؟›، دېيىشىپ ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ‹سەن بولساڭ ئىنسانلارنىڭ ئاتىسى، ئاللاھ سېنى ئۆز قولى بىلەن ياراتقان، ساڭا ئۆزى جان كىرگۈزگەن، پەرىشتىلەرنى ساڭا سەجدە قىلىشقا ئەمىر قىلغان ۋە ساڭا جەننەتتىن ئورۇن بەرگەن، پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئالدىدا بىزگە شاپائەتچى بولساڭ ئىكەن، بېشىمىزغا كەلگەن ئېغىرچىلىقنى كۆرمەمسەن؟›، دەيدۇ، ئادەم ئەلەيھىسسالام: ‹ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىم بۈگۈن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ۋە كېيىنمۇ ھېچ غەزەپلىنىپ باقمىغان ۋە غەزەپلەنمەيدىغان دەرىجىدە غەزەپلەندى، ئاللاھ مېنى (جەننەتتىن) بىر مېۋىنى يېيىشتىن مەنئى قىلغانىدى، مەن ئۇنى يەپ سېلىپ ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلدىم. مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ ھالى بىلەن›، دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلاپ: ‹سىلەر مەندىن باشقىسىنىڭ ئالدىغا بېرىڭلار، نۇھنىڭ قېشىغا بېرىڭلار›، دەيدۇ. ئۇلار نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ‹ئى نۇھ، سەن زېمىنغا ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ تۇنجىسى سەن، شۈبھىسىزكى ئاللاھ سېنى شۈكۈر قىلغۇچى بەندە دەپ ئاتىدى. بىزنىڭ ھالىمىزنى كۆرمەيۋاتامسەن، بېشىمىزغا كەلگەن ئېغىرچىلىقنى كۆرمەيۋاتامسەن؟ پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئالدىدا بىزگە شاپائەتچى بولساڭ ئىكەن›، دەيدۇ. نۇھ ئەلەيھىسسالام: ‹ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىم بۈگۈن ئىلگىرى ھېچ غەزەپلىنىپ باقمىغان ۋە كېيىنمۇ غەزەپلەنمەيدىغان دەرىجىدە غەزەپلەندى. مەن قىلىدىغان دۇئايىمنى قەۋمىمنىڭ ھالاك بولۇشىغا قىلىۋەتتىم. مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ ھالى بىلەن›، دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلاپ: ‹سىلەر مەندىن باشقىسىنىڭ ئالدىغا بېرىڭلار، ئىبراھىمنىڭ قېشىغا بېرىڭلار›، دەيدۇ. ئۇلار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ ۋە: ‹ئى ئىبراھىم، سەن بولساڭ يەر يۈزى بويىچە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە ئاللاھنىڭ دوستىدۇرسەن. پەرۋەردىگارىڭ ئالدىدا بىزگە شاپائەتچى بولساڭ ئىكەن›، دەيدۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام: ‹ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىم بۈگۈن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھېچ غەزەپلىنىپ باقمىغان ۋە كېيىنمۇ غەزەپلەنمەيدىغان دەرىجىدە غەزەپلەندى، ھاياتىمدا ئۈچ قېتىم يالغان سۆز قىلغانلىقىم ئۈچۈن قاتتىق خىجىلمەن، مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ ھالى بىلەن›، دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلاپ: ‹سىلەر مەندىن باشقىسىنىڭ ئالدىغا بېرىڭلار، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا بېرىڭلار›، دەيدۇ. ئۇلار مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ ۋە: ‹ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇسا، سەن بولساڭ ئاللاھ تەۋرات نازىل قىلغان ۋە بىۋاسىتە سۆزلەشكەن پەيغەمبەردۇرسەن، پەرۋەردىگارىڭ ئالدىدا بىزگە شاپائەتچى بولساڭ ئىكەن، بىزنىڭ ھالىمىزنى كۆرمەيۋاتامسەن؟›، دەيدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالام: ‹ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىم بۈگۈن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھېچ غەزەپلىنىپ باقمىغان ۋە كېيىنمۇ غەزەپلەنمەيدىغان دەرىجىدە غەزەپلەندى، مەن ئۇقۇشماسلىقتىن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانمەن، مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ ھالى بىلەن›، دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلاپ: ‹سىلەر مەندىن باشقىسىنىڭ ئالدىغا بېرىڭلار، ئىيسانىڭ ئالدىغا بېرىڭلار›، دەيدۇ. ئۇلار ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ ۋە: ‹ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىيسا، سەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىسەن ۋە ئاللاھنىڭ ھەزرىتى مەريەمگە ئىلقا قىلغان كەلىمىسى سەن ۋە ئاللاھ تەرىپىدىن بولغان روھ سەن، بۆشۈكتە سۆزلىگەن پەيغەمبەرسەن، پەرۋەردىگارىڭ ئالدىدا بىزگە شاپائەتچى بولساڭ ئىكەن، بىزنىڭ ھالىمىزنى كۆرمەيۋاتامسەن؟›، دەيدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالام: ‹ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىم بۈگۈن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھېچ غەزەپلىنىپ باقمىغان ۋە كېيىنمۇ غەزەپلەنمەيدىغان دەرىجىدە غەزەپلەندى›، دەپ ئۆزىنىڭ سەۋەنلىكىنى تىلغا ئالماي ‹مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ ھالى بىلەن›، دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلاپ ‹سىلەر مەندىن باشقىسىنىڭ ئالدىغا بېرىڭلار، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا بېرىڭلار›، دەيدۇ » .

يەنە بىر رىۋايەتتە دېيىلىشىچە: « فَيَأْتُوني فيَقُولُونَ: يَا مُحَمَّدُ أَنْتَ رسُولُ اللَّهِ، وَخاتَمُ الأَنْبِياءَ، وقَدْ غَفَرَ اللَّه لَكَ ما تَقَدَّمَ مِنْ ذَنْبِكَ وَما تَأخَّر، اشْفَعْ لَنَا إِلَى ربِّكَ، أَلاَ تَرَى إِلَى ما نَحْنُ فِيهِ؟ فَأَنْطَلِقُ، فَآتي تَحْتَ الْعَرْشِ، فأَقَعُ سَاجِداً لِربِّي » ثُمَّ يَفْتَحُ اللَّه عَلَيَّ مِنْ مَحَامِدِهِ، وحُسْن الثَّنَاءِ عَلَيْهِ شَيْئاً لِمْ يَفْتَحْهُ عَلَى أَحَدٍ قَبْلِي ثُمَّ يُقَالُ: يَا مُحَمَّدُ ارفَع رأْسكَ، سَلْ تُعْطَهُ، وَاشْفَعْ تُشَفَّعْ، فَأَرفَعُ رَأْسِي، فَأَقُولُ أُمَّتِي يَارَبِّ، أُمَّتِي يَارَبِّ، فَيُقَالُ: يامُحمَّدُ أَدْخِلْ مِنْ أُمَّتك مَنْ لاَ حِسَابَ عَلَيْهِمْ مِنَ الْباب الأَيْمَنِ مِنْ أَبْوَابِ الْجَنَّةِ وهُمْ شُركَاءُ النَّاسِ فِيمَا سِويَ ذَلِكَ مِنَ الأَبْوَابِ » « ئۇلار مېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ: ‹ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، سەن بولساڭ پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى سەن، سېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىڭنى ئاللاھ كەچۈرگەن، پەرۋەردىگارىڭ ئالدىدا بىزگە شاپائەتچى بولساڭ ئىكەن، بىزنىڭ ھالىمىزنى كۆرمەيۋاتامسەن؟›، دەيدۇ. مەن بېرىپ ئەرشنىڭ ئاستىغا يەتكەندە پەرۋەردىگارىمغا سەجدە قىلىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا مېنىڭ قەلبىمگە بۇرۇن ھېچكىمنىڭ قەلبىگە سالمىغان ھەمدۇسانالارنى سالىدۇ. ئاندىن كېيىن ئاللاھ تەرىپىدىن: ‹ئى مۇھەممەد، سورىغىنىڭنى بېرىمەن، شاپائەت قىلغىن، شاپائىتىڭنى قوبۇل قىلىمەن›، دېگەن ئاۋاز كېلىدۇ. بېشىمنى سەجدىدىن كۆتۈرىمەن، ئاندىن: ‹ئى ئاللاھ! ئۇممىتىمگە مەغفىرەت قىلغىن، ئى ئاللاھ! ئۇممىتىمنى كەچۈرگىن دەيمەن›. ئاللاھ تائالا: ‹ئى مۇھەممەد، سەن ئۈممىتىڭ ئىچىدىن ھېساب ئېلىنمايدىغانلارنى جەننەتنىڭ ئوڭ ئىشىكىدىن كىرگۈزگىن، ئۇممىتىڭنىڭ قالغانلىرى باشقا ئىشىكلەردىن كىرىشتە باشقا ئۈممەتلەر بىلەن ئوخشاشتۇر›، دەيدۇ » .

ئاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « وَالَّذِي نَفْسِي بِيدِهِ إِنَّ مَا بَيْنَ المصراعَيْنِ مِنْ مَصَارِيعِ الْجَنَّةِ كَمَا بَيْن مَكَّةَ وَهَجَر، أَوْ كَمَا بَيْنَ مَكَّةَ وَبُصْرَى » « جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، جەننەتنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئىككى قانىتىنىڭ ئارىلىقىنىڭ كەڭلىكى مەككە بىلەن ھەجەرنىڭ ئارىلىقىچىلىك ياكى مەككە بىلەن بۇسرانىڭ ئارىلىقىچىلىك كېلىدۇ »، د ېدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەزىلىتى، ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدىكى ئورنىنىڭ يۇقىرىلىقى ۋە قىيامەت كۈنى مەھشەردە بەندىلەرگە شاپائەت قىلىدىغانلىقى، مەھشەرگاھتا بەندىلەرنىڭ ئەھۋالىنىڭ قىيىن بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

2) پەيغەمبەرلەرنى ۋاسىتە قىلىش ۋە ئۇلار ئارقىلىق قىيامەت كۈنى شاپائەت تىلەشنىڭ جائىز ئىكەنلىكى.

1867. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام ئانىسى ھاجەرنى ئېمىۋاتقان مەزگىلدە، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ھاجەر بىلەن ئوغلى ئىسمائىلنى ئېلىپ مەككە مۇكەررەمدىكى بەيتۇللاھنىڭ يېنىدىكى زەمزەم قۇدۇقىنىڭ ئۈستىدىكى مەسجىدنىڭ يۇقىرىسىدىكى بىر چوڭ دەرەخنىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلدى، بۇ چاغدا مەككىدە ئادەمزاتمۇ، سۇمۇ يوق ئىدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئانا-بالىنى مۇشۇ جايغا قويۇپ بىر خالتا خورما ۋە بىر تۇلۇم سۇ قالدۇرۇپ قايتىپ كەتمەكچى بولدى، لېكىن، ھاجەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىپ: « ئى ئىبراھىم! سەن بىزنى ئىنس-جىن يوق بۇ جىلغىغا تاشلاپ قەيەرگە بارىسەن؟»، دېدى. ھاجەر بۇ سۆزنى بىرقانچە قېتىم تەكرارلىدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ سۆزىگە قارىماي كېتىۋەردى. ئاندىن ھاجەر: « ئى ئىبراھىم، سېنى ئاللاھ تائالا مۇشۇنداق قىلىشقا بۇيرۇدىمۇ؟»، دېدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام: « ھەئە، مۇشۇنداق قىلىشقا ئاللاھ بۇيرۇدى » ، دېدى. ھاجەر: « ئۇنداق بولسا ئاللاھ بىزنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيدۇ » ، دەپ ئارقىسىغا قايتتى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئۇلاردىن ئۇزاپ ئۇلارنىڭ كۆزى يەتمەيدىغان تۆپىلىككە يېتىپ بارغاندا، بەيتۇللاھغا يۈز كەلتۈرۈپ، ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ بۇ دۇئالار ئوقۇدى: ﴿رَّبَّنَا إِنِّي أَسْكَنْتُ مِنْ ذُرِّيَّتي بِوادٍ غَيْرِ ذِي زَرْعٍعِندَ بَيْتِكَ الْمُحَرَّمِ رَبَّنَا لِيُقِيمُواْ الصَّلاَةَ فَاجْعَلْ أَفْئِدَةً مِّنَ النَّاسِ تَهْوِي إِلَيْهِمْ وَارْزُقْهُم مِّنَ الثَّمَرَاتِ لَعَلَّهُمْ يَشْكُرُونَ﴾ ئى پەرۋەردىگارىمىز، ئەۋلادىمنىڭ بىر قىسمىنى (يەنى بالام ئىسمائىل بىلەن ئايالىم ھاجەرنى) ناماز ئوقۇسۇن (يەنى ساڭا ئىبادەت قىلسۇن دەپ) سېنىڭ ھۆرمەتلىك ئۆيۈڭنىڭ قېشىدىكى ئېكىنسىز بىر ۋادىغا (يەنى مەككىگە) ئورۇنلاشتۇردۇم، پەرۋەردىگارىمىز! بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ دىللىرىنى ئۇلارغا مايىل قىلغىن، ئۇلارنى شۇكۈر قىلسۇن دەپ تۈرلۈك مېۋىلەرنى ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگىن («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئىبراھىم 37- ئايەت) دېدى. ھاجەر ئوغلى ئىسمائىلنى ئېمىتەتتى، تۇلۇمدىكى سۇنى ئىچەتتى. تۇلۇمدىكى سۇ تۈگەپ ھاجەر بىلەن ئوغلى ئۇسساپ كەتتى، ھاجەر بالىسىنىڭ تەشنالىقتىن يۇمىلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ چىداپ تۇرالماي ئالدىغا ماڭدى، مەككىدىكى تاغلار ئىچىدە ئۆزىگە ئەڭ يېقىن كۆرۈنگەن سەفا تېغىغا چىقىپ بىرەر ئادەمزات بارمىكىن دەپ ئەتراپىغا قاراپ، ھېچ ئادەمنى كۆرمىدى. ھاجەر سەفا تېغىدىن چۈشۈپ ۋادىغا يەتكەندە، كىيىمىنىڭ بىر تەرىپىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، چارچىغان ئادەم يۈگۈرگەندەك ۋادىدىن يۈگۈرۈپ ئۆتۈپ كەتتى. ئاندىن مەرۋىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئۆرە تۇرۇپ ئادەمزات بارمىكىن، دەپ ئەتراپىغا قارىدى، لېكىن ھېچكىمنى كۆرمىدى. مۇشۇ يوسۇندا سەفا بىلەن مەرۋە ئارىسىدا يەتتە قېتىم چېپىپ يۈردى. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « ھەجدە سەفا بىلەن مەرۋە ئارىسىدا يەتتە قېتىم سەئيى قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىشى مانا مۇشۇنىڭدىن »، د ېگەن. ھاجەر مەرۋىگە قايتىپ كېلىپ تۇرۇشىغا غايىپتىن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. ھاجەر ئىچىدە ئۆز-ئۆزىگە: « زەن قويۇپ ئاڭلا » ، دەپ قۇلاق سېلىۋىدى، يەنە شۇ ئاۋاز ئاڭلاندى. ئۇ: « ئاۋازىڭنى ئاڭلىدىم. سۈيۈڭ بولسا ئۇسسۇزلۇقۇمنى قاندۇرساڭ »، د ېدى. قارىسا زەمزەم قۇدۇقى چىققان جاينىڭ يېنىدا بىر پەرىشتە پەيدا بولۇپ، تاپىنى يا قانىتى بىلەن يەرنى ئۇرۇۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن سۇ پەيدا بولغانلىقىنى كۆردى. شۇنداق قىلىپ ھاجەر سۇنىڭ تۆت تەرىپىنى قولى بىلەن توسۇپ كۆلچەكتەك قىلىپ قويدى ۋە سۇنى تۇلۇمغا قاچىلاشقا باشلىدى، سۇ ئېتىلىپ چىقىۋەردى.

ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « ئىسمائىلنىڭ ئانىسىغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇنكى ئۇ سۇنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتكەن ياكى تۇلۇمغا قاچىلىمىغان بولسا زەمزەم بىر ئېقىن بۇلاققا ئايلانغان بولاتتى » .

ئاندىن ھاجەر سۇدىن ئىچتى ۋە بالىسىنى ئەمگۈزدى. پەرىشتە ھاجەرگە: « ھالاك بولۇپ كېتەرمىزمىكىن، دەپ قورقماڭلار، بۇ يەردە ئاللاھنىڭ ئۆيى (كەئبە) بولىدۇكى ئۇنى بۇ بالا ۋە ئۇنىڭ دادىسى بىنا قىلىدۇ، ئاللاھ بەيتۇللاھنىڭ ئەھلىنى تاشلىۋەتمەيدۇ » ، دېدى. بۇ چاغدا بەيتۇللاھنىڭ ئورنى زېمىندىن كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان بىر تۆپىلىك ئىدى، قىيان كەلسە ئۇنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرەپلىرىنى يالاپ ئۆتۈپ كېتەتتى. شۇ تەرىقىدە بىرقانچە ۋاقىت ئۆتتى. كېيىن جۇرھۇم قەبىلىسىدىن بىر توپ ئادەم كەدا يولى بىلەن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ مەككىنىڭ تۆۋەن تەرىپىگە چۈشتى، ئۇلار بىر قۇشنىڭ ئايلىنىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ: « بۇ قۇش چوقۇم سۇ بار يەردە ئايلىنىدۇ. كۆپ ۋاقىتتىن بېرى بۇ يەردىن ئۆتۈپ تۇراتتۇق، سۇ كۆرمەيتتۇق »، د ېيىشىپ بىر ئىككى كىشىنى ئۇ يەرگە ئەۋەتتى، ئۇلار بۇ يەردە سۇ بارلىقىنى دەپ كەلدى، ئۇلار سۇ بار يەرگە كەلگەندە سۇنىڭ يېنىدا ئىسمائىلنىڭ ئانىسى تۇراتتى. ئۇلار ھاجەرگە: « بىزنىڭ يېنىڭدا تۇرۇپ ساڭا قوشنا بولۇشىمىزغا رۇخسەت قىلامسەن »، د ېدى. ھاجەر: « رۇخسەت قىلىمەن، لېكىن سىلەرنىڭ سۇغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقۇڭلار بولمايدۇ »، د ېدى. ئۇلار بولىدۇ دەپ قوشۇلدى، ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئېيتىشىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « فَأَلفي ذلكَ أُمَّ إِسماعِيلَ، وَهِي تُحِبُّ الأُنْسَ . فَنزَلُوا، فَأَرْسلُوا إِلى أَهْلِيهِم فنَزَلُوا معهُم، حتَّى إِذا كَانُوا بِهَا أَهْل أَبياتٍ، وشبَّ الغُلامُ وتَعلَّم العربِيَّةَ مِنهُمْ وأَنْفَسَهُم وأَعجَبهُمْ حِينَ شَبَّ، فَلَمَّا أَدْركَ، زَوَّجُوهُ امرأَةً منهُمْ، ومَاتَتْ أُمُّ إِسمَاعِيل » « جۇرھۇملۇقلارنىڭ كېلىشى ئىسمائىلنىڭ ئانىسىنىڭ يالغۇزلۇقتا يېتىمسىراپ تۇرغان چاغلىرىغا توغرا كەلگەنىدى. ئۇلار بۇ يەرگە جايلاشقاندىن كېيىن ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى ئېلىپ كېلىپ بۇ يەرگە جايلاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەردە بىرمۇنچە ئائىلە پەيدا بولدى. ئىسمائىل ئۇلارنىڭ ئارىسىدا چوڭ بولدى ۋە ئۇلاردىن ئەرەبچە ئۆگەندى، ئۇلارنىڭ ھۆرمەتلىشىگە ۋە ياخشى كۆرۈشىگە سازاۋەر بولدى. ئۇلار ئىسمائىلنى ئۆيلۈك ئوچاقلىق قىلىپ قويدى. ئىسمائىلنىڭ ئانىسى ۋاپات بولدى. ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولغاندىن كېيىن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن ئۇنى يوقلاپ كەلدى. ئىسمائىل ئۆيدە بولمىغانلىقى ئۈچۈن كېلىنىدىن ئىسمائىلنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى، ئىسمائىلنىڭ خوتۇنى: ‹تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن (يەنە بىر رىۋايەتتە دېيىلىشىچە ئوۋ ئوۋلاش ئۈچۈن) سىرتقا چىقىپ كەتتى›، دېدى. ئاندىن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ۋە باشقا ئەھۋاللىرىنى سورىدى، ئىسمائىلنىڭ خوتۇنى: ‹ئەھۋالىمىز يامان، قىيىنچىلىق، كۈلپەت ئىچىدە ياشاۋاتىمىز›، دەپ شىكايەت قىلدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام: ‹ئېرىڭ كەلگەندە مەندىن سالام ئېيتقىن ۋە ئېيتىپ قويغىنكى ئىشىكنىڭ بوسۇغىسىنى يەڭگۈشلىۋەتسۇن›، دېدى. ئىسمائىل ئائىلىسىگە قايتىپ كېلىپ ئالدىن بىر نەرسە سەزگەندەك خوتۇنىدىن: ‹ئۆيگە بىرەرسى كەلدىمۇ؟›، دەپ سورىدى. خوتۇنى: ‹ھەئە، مۇنداق سۈپەتلىك بىر بوۋاي كېلىپ كەتتى، سەن توغرۇلۇق سورىدى. ئەھۋالىڭنى دېدىم، يەنە تېخى بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنى سورىدى، ئۇنىڭغا قىيىنچىلىقتا ياشاۋاتقانلىقىمىزنى دېدىم›، دېدى. ئىسمائىل: ‹بوۋاي ساڭا بىرەر ئىشنى تاپىلىدىمۇ؟›، دېدى. خوتۇنى: ‹ساڭا سالام ئېيتتى ھەمدە ساڭا ئىشىكىمىزنىڭ بوسۇغۇسىنى يەڭگۈشلىشىۋېتىمىزنى ئېيتتى›، دېدى. ئىسمائىل: ‹ئەنە شۇ مېنىڭ ئاتام بولىدۇ، مېنىڭ سېنى قويۇۋېتىشىمنى بۇيرۇپتۇ، ئۆيۈڭدىكىلەرنىڭ يېنىغا بار›، دەپ ئۇنى قويۇۋەتتى ۋە جۇرھۇملۇقلاردىن باشقا بىر قىزنى ئالدى. كېيىن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام يەنە ئوغلىنى يوقلاپ كەلدى. ئوغلىنىڭ يېڭى ئالغان خوتۇنى بىلەن كۆرۈشۈپ ئىسمائىلنى سورىدى. خوتۇنى: ‹ئۇنى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن چىقىپ كەتتى›، دېدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ تىرىكچىلىك ئەھۋالىىنى سورىۋىدى، ئىسمائىلنىڭ ئايالى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا تۇرمۇشتا ناھايىتى ياخشى كېتىپ بارغانلىقىنى ۋە ئاللاھقا شۈكۈر قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن نېمە يەپ، نېمە ئىچىۋاتقانلىقىنى سورىۋىدى، يېڭى كېلىن: ‹گۆش يەۋاتىمىز، سۇ ئىچىۋاتىمىز›، دېدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ گۆش، سۇلىرىغا بەرىكەت بەرگىن دەپ دۇئا قىلدى » . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « وَلَمْ يكنْ لهُمْ يوْمَئِذٍ حبٌّ وَلَوْ كَانَ لهُمْ دَعَا لَهُمْ فيهِ » « بۇ چاغدا ئۇلاردا ئاشلىق يوق ئىدى، ئاشلىق بولغان بولسا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلاتتى » . « فَهُما لاَ يخْلُو علَيْهِما أَحدٌ بغَيْرِ مكَّةَ إِلاَّ لَمْ يُوافِقاهُ » « مەككىدىن باشقا جايدا يالغۇز گۆش، سۇ بىلەنلا ئوزۇقلىنىدىغان بولسا سالامەتلىككە زىيانلىق » .

يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق دېيىلىدۇ: ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كېلىپ كېلىنىدىن: « ئىسمائىل قېنى؟»، دەپ سورىدى، كېلىن: « ئىسمائىل ئوۋغا چىقىپ كەتتى » ، دېدى. كېلىن: « چۈشۈپ تاماق يېمەمسەن، ئۇسسۇلۇق ئىچمەمسەن؟»، دېدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام: « نېمە يەپ نېمە ئىچىۋاتىسىلەر؟»، دەپ سورىدى، كېلىن: « گۆش بىلەن سۇ » ، دەپ جاۋاب بەردى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام: « ئۇلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكىگە بەرىكەت ئاتا قىلغىن » ، دەپ دۇئا قىلدى.

ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « بركَةُ دعْوةِ إِبراهِيم صَلّى اللهُ عَلَيْهِ وسَلَّم » « بۇ بەرىكەتلەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنىڭ بەرىكىتىدۇر » ، دېگەن. ― ئاندىن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كېلىنىگە: « ئېرىڭ كەلگەندە مەندىن سالام دېگىن، ئۇ ۋە دەرۋازىسىنىڭ بوسۇغىسىنى پۇختىلاشقا بۇيرۇغىنىمنى ئېرىڭگە ئېيتقىن » ، دېدى. ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام كېلىپ خوتۇنىدىن: « بىرەرسى كەلدىمۇ؟»، دەپ سورىدى. خوتۇنى: « ھەئە چىرايلىق، سۈرلۈك بىر بوۋاي كەلدى » ، دەپ ئۇنىڭ تەرىپىنى قىلدى. « سەن توغرۇلۇق ۋە تۇرمۇشىمىز توغرۇلۇق سورىدى، سېنىڭ تەرىپىڭنى قىلدىم، تۇرمۇشىمىزنىڭ ياخشىلىقىنى ئېيتتىم » ، دېدى. ئىسمائىل: « ساڭا بىرەر سۆز قالدۇردىمۇ؟»، دەپ سورىدى. كېلىن: « ھەئە، ساڭا سالام ئېيتتى ۋە دەرۋازاڭنىڭ بوسۇغىسىنى پۇختىلاشنى تاپىلىدى » ، دېدى. ئسمائىل: « ئۇ مېنىڭ ئاتام بولىدۇ. بوسۇغامنى پۇختىلاشنى تاپىلىغىنى مېنىڭ سەن بىلەن ياخشى ئۆتۈشۈمنى تاپىلىغىنىدۇر » ، دېدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئوغلى ئىسمائىلنى يوقلاپ كەلدى. ئۇنىڭ زەمزەم قۇدۇغى يېنىدا ئوقيا ياساۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئىسمائىل دادىسىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ قېشىغا باردى. بىر-بىرىنى سېغىنغان ئاتا-بالا قانداق كۆرۈشسە ئۇلار مۇشۇنداق كۆرۈشتى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئىسمائىلغا: « ئاللاھ مېنى بۇ يەرگە بىر ئىش بىلەن بۇيرۇدى، ئى ئىسمائىل، ئاللاھنىڭ بۇيرۇغىنىنى قىلغىن » ، دېدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئوغلىغا: « ماڭا ياردەملىشەمسەن؟»، دېدى. ئىسمائىل: « ياردەملىشىمەن » ، دېدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام: « ئاللاھ مېنى بۇ يەرگە بىر ئۆي بىنا قىلىشقا بۇيرۇدى » ، دېدى ۋە ئەتراپىدىكى بىر ئېگىزلىكنى كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن بەيتۇللاھنىڭ ئاساسىنى بەرپا قىلىدۇ، ئىسمائىل تاش توشۇپ بېرىشكە، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام تام قوپۇرۇشقا كىرىشىدۇ، تام ئىگىزلەپ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ بويى يەتمىگەندە ئىسمائىل بىر چوڭ قارا تاشنى ئېلىپ كېلىپ ھازىرقى ماقامى ئىبراھىم بار يەرگە ئەكېلىپ قويۇپ بېرىدۇ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام تاشنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئىسمائىل ئۇنىڭغا تاش سۇنۇپ بېرىدۇ. ئولارنىڭ ھەر ئىككىسى: ﴿ربَّنَا تَقَبَّلْ مِنَّا إِنَّكَ أَنْتَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ﴾ « پەرۋەردىگارىمىز بىزنىڭ (خىزمىتىمىزنى) قوبۇل قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن (دۇئايىمىزنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، (نىيىتىمىزنى) بىلىپ تۇرغۇچىسەن » ، دەيدۇ.

يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق دېيىلگەن: ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئۇنىڭ ئانىسىنى ئېلىپ سەپەرگە ئاتلاندى. يېنىدا بىر تۇلۇم سۇ بولۇپ، ھاجەر ئۇنىڭدىن ئىچەتتى. ئۇنىڭ بالىسىنى ئىمىتىدىغان سۈتى جىق چىقاتتى. ئۇلار شۇ يوسۇندا مېڭىپ مەككىگە يېتىپ كەلدى. ئىبراھىم ئۇلارنى بىر چوڭ دەرەخ ئاستىغا قويۇپ قايتماقچى بولدى. ھاجەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەدا دېگەن جايغا يېتىپ كەلگەندە: « ئى ئىبراھىم، بىزنى كىمگە تاشلاپ كېتىسەن؟»، دەپ توۋلىدى. ئىبراھىم: « ئاللاھقا تاشلاپ كېتىمەن »، د ېدى. ھاجەر: « ئۇنداق بولسا مەن ئاللاھتىن مەمنۇن » ، دېدى-دە، ئارقىسىغا قايتتى. ئۇ تۇلۇمدىكى سۇنى ئىچەتتى. بالىسى ئۈچۈن سۈتى جىق چىقاتتى. ئاخىر ئۇلارنىڭ سۈيى تۈگەپ كەتتى. ھاجەر: « بىر ئاز مېڭىپ باقسام بىرەر ئادەمنى ئۇچرىتارمەنمۇ » ، دەپ مېڭىپ سەفا تېغىغا چىقتى. ئۇ « بىرەر ئادەمنى كۆرەرمەنمۇ؟»، دەپ ئەتراپقا قارايتتى. لېكىن، ھېچ ئادەمنى كۆرمىدى، ئۇ يەردىن چۈشۈپ، ۋادىغا يېتىپ بېرىپ يۈگۈرۈپ مەرۋىگە چىقتى. شۇ يوسۇندا مەرۋىگە نەچچە قېتىم بېرىپ كەلدى. ئاندىن كېيىن: « جايىمغا بېرىپ قاراپ باقاي، بالام نېمە قىلىۋاتىدىغاندۇ؟»، دەپ ئۇ يەرگە بېرىپ قارىۋېدى، ئۇنىڭ ئەھۋالى ئاۋۋالقىدەكلا بولۇپ، بىر يۇقىرى، بىر تۆۋەن تىنىپ ياتقانلىقىنى كۆردى. ھاجەر تاقەتسىزلىنىپ: « يەنە بىرىپ قاراپ باقاي، بىرەر ئادەمزات ئۇچراپ قالار » ، دەپ بېرىپ سەفا تېغىغا چىقتى. قارا-قارا ھېچ ئادەمنى كۆرمىدى. شۇ يوسۇندا يەتتە قېتىم بېرىپ كېلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن: « بېرىپ قاراپ باقاي، بالا نېمە بولغاندۇ؟»، دەپ تۇرغاندا بىر ئاۋازنى ئاڭلىدى، ئۇ ئاۋاز قىلغۇچىغا قارىتا: « سەندە بىر ياخشىلىقتىن دېرەك بولسا، قۇتقۇزغىن » ، دېدى، قارىسا جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام تۇرۇپتۇ. جبىرىئىل ئەلەيھىسسالام ئىككى تاپىنىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ يەرگە تاپىنىنى ئۇرىۋېدى، سۇ ئېتىلىپ چىقتى. ھاجەر ھاڭ-تاڭ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككى چاڭگىلىنى سۇ بىلەن تولدۇردى.

رىۋايەت قىلغۇچى بۇ ھەدىسنى تولۇق رىۋايەت قىلغان. ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىشى بىلمەيدىغان ۋەقەلەردىن خەۋەر بېرىشى پەقەت ۋەھىي ئارقىلىقلا بولغان بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ راستلىقىنىڭ ئىسپاتلىنىشىدۇر.

2) پەيغەمبەرلەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىتائەت قىلىش ۋە رازىلىقىغا ئېرىشىشتە بالا-چاقىلىرىنىمۇ قۇربان قىلىدىغانلىقى.

3) دۇئا قىلغاندا قىبلە تەرەپكە قاراشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، مەككىنىڭ ۋە بەيتۇللاھنىڭ پەزىلىتى.

4) ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ بەيتۇللاھنى بىنا قىلغانلىقى.

5) تۇرمۇشىدىن نارازى بولۇشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى، ھەممە ئەھۋالدا سەۋر قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

6) گۇناھ ئىشلاردا بولمىسىلا، ئاتىغا ئىتائەت قىلىش ۋە رازىلىقىغا ئېرىشىشنىڭ لازىملىقى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كېلىنىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىرىگە نارازى بولغانلىقىنى كۆرگەن ۋاقىتتا بۇ ئىللەتنىڭ ئوغلىغا تەسىر قىلىشىدىن ئەنسىرەپ قويۇۋېتىشكە بۇيرۇغانلىقى.

7) سەفا-مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قىلىشنىڭ ھېكمىتى.

8) تائەت-ئىبادەتلەردە ياخشىلارغا ئەگىشىش ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى دۇنيا ۋە ئۇنىڭ زىبۇزىننەتلىرىدىن ئەلا بىلىش لازىملىقى.

1868. ئىبن زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « الْكَمأَةُ مِنَ المنِّ، وماؤُهَا شِفَاءٌ للْعَينِ » « ئاللاھ تائالانىڭ مەرھەمىتىدىندۇركى، يەر مەدىكى (موگو)نىڭ سۈيى كۆزگە شىپا بولىدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: كېسەل بولغاندا داۋالاشنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكى، ئاللاھ تائالانىڭ ئىزنى بىلەن يەر مەدىكى سۈيىنىڭ كۆز ۋە باشقا كېسەللىكلەرگە شىپا قىلىدىغانلىقى. بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامى تېبابەتكە دائىر ھەدىسلىرى جۈملىسىدىندۇر.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ