371. باب ئىستىغفار ئېيتىش توغرىسىدا
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَاسْتَغْفِرْ لِذَنبِكَ﴾ گۇناھىڭ ئۈچۈن مەغفىرەت تىلىگىن . («قۇرئان كەرىم» سۈرە مۇھەممەد 30- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَاسْتَغْفِرِ اللّهِ إِنَّ اللّهَ كَانَ غَفُورًا رَّحِيمًا﴾ ئاللاھتىن مەغفىرەت تىلىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر . («قۇرئان كەرىم» سۈرە نىسا 106- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿فَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ وَاسْتَغْفِرْهُ إِنَّهُ كَانَ تَوَّابًا﴾ رەببىڭگە تەسبىھ ئېيتقىن، ھەمد ئېيتقىن ۋە ئۇنىڭدىن مەغفىرەت تىلىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبىنى بەك قوبۇل قىلغۇچىدۇر . («قۇرئان كەرىم» سۈرە نەسىر 3- ئايەت)
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿لِلَّذِينَ اتَّقَوْا عِندَ رَبِّهِمْ جَنَّاتٌ تَجْرِي مِن تَحْتِهَا الأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا وَأَزْوَاجٌ مُّطَهَّرَةٌ وَرِضْوَانٌ مِّنَ اللّهِ وَاللّهُ بَصِيرٌ بِالْعِبَادِ﴾ ﴿الَّذِينَ يَقُولُونَ رَبَّنَا إِنَّنَا آمَنَّا فَاغْفِرْ لَنَا ذُنُوبَنَا وَقِنَا عَذَابَ النَّارِ﴾ ﴿الصَّابِرِينَ وَالصَّادِقِينَ وَالْقَانِتِينَ وَالْمُنفِقِينَ وَالْمُسْتَغْفِرِينَ بِالأَسْحَارِ﴾ تەقۋادارلار ئۈچۈن پەرۋەردىگارى ھوزۇرىدا ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بولۇپ، (ئۇلار) جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. (جەننەتلەردە) پاك جۈپتىلەر بار. (تەقۋادارلار ئۈچۈن) يەنە ئاللاھنىڭ رەزاسى بار » ئاللاھ بەندىلىرىنى (يەنى ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. ئۇلار (يەنى تەقۋادارلار): « پەرۋەردىگارىمىز! بىز شۈبھىسىز ئىمان ئېيتتۇق، بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى مەغفىرەت قىلغىن. بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن) دەيدۇ. ئۇلار (يەنى تەقۋادارلار) سەۋر قىلغۇچىلاردۇر. راستىچىللاردۇر (ئاللاھقا) ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر. (ياخشىلىق يوللىرىغا پۇل-ماللىرىنى) سەرپ قىلغۇچىلاردۇر ۋە سەھەرلەردە ئىستىغفار ئېيتقۇچىلاردۇر . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئال ئىمران 15-ـ 17- ئايەتلەرنىڭ بىر قىسمى)
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَمَن يَعْمَلْ سُوءًا أَوْ يَظْلِمْ نَفْسَهُ ثُمَّ يَسْتَغْفِرِ اللّهَ يَجِدِ اللّهَ غَفُورًا رَّحِيمًا﴾ كىمكى بىرەر يامانلىق ياكى ئۆزىگە بىرەر زۇلۇم قىلىپ قويۇپ، ئاندىن ئاللاھتىن مەغفىرەت تەلەپ قىلسا، ئۇ ئاللاھنىڭ مەغفىرەت قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە نىسا 110- ئايەت)
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَمَا كَانَ اللّهُ لِيُعَذِّبَهُمْ وَأَنتَ فِيهِمْ وَمَا كَانَ اللّهُ مُعَذِّبَهُمْ وَهُمْ يَسْتَغْفِرُونَ﴾ (سەن ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۇرغان چېغىڭدا (سېنى ھۆرمەتلەش يۈزىسىدىن) ئاللاھ ئۇلارغا ئازاب قىلمايدۇ. ئۇلار ئىستىغفار ئېيتىپ تۇرغان چاغدا ئاللاھ ئۇلارغا ئازاب قىلمايدۇ). («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئەنفال 33- ئايەت)
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَالَّذِينَ إِذَا فَعَلُواْ فَاحِشَةً أَوْ ظَلَمُواْ أَنْفُسَهُمْ ذَكَرُواْ اللّهَ فَاسْتَغْفَرُواْ لِذُنُوبِهِمْ وَمَن يَغْفِرُ الذُّنُوبَ إِلاَّ اللّهُ وَلَمْ يُصِرُّواْ عَلَى مَا فَعَلُواْ وَهُمْ يَعْلَمُونَ﴾ تەقۋادارلار يامان بىر گۇناھ قىلىپ قالسا ياكى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلسا ئاللاھنى ياد ئېتىدۇ، گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغفىرەت تەلەپ قىلىدۇ. گۇناھنى كەچۈرىدىغان ئاللاھتىن باشقا كىم بار؟ ئۇلار قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرمايدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئال ئىمران 135- ئايەت)
1869. ئەغەررىل مۇزەننى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: « إِنَّهُ لَيُغَانُ على قَلْبي، وَإِني لأَسْتغْفِرُ اللَّه في الْيوْمِ مِئَةَ مرَّةٍ » « مېنىڭ قەلبىممۇ پەردە باغلانغاندەك بولۇپ قالىدۇ. مەن كۈنىگە ئەلۋەتتە 100 قېتىم ئىستىغفار ئېيتىمەن » .
― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «قەلبىمدە پەردە باغلانغاندەك بولۇپ قالىدۇ»، دېگىنى شۇنىڭ ئۈچۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەلبى ھەمىشە ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىش بىلەن مەشغۇل ئىدى. مەلۇم ۋاقىتلاردا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دىلىغا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىدىن كۆڭلىنى بۆلۈۋېتىدىغان بىرەر ئىش كىرىپ قالسا، رەسۇلۇللاھ بۇنىمۇ سەھۋەنلىك ساناپ، دەرھال ئىستىغفار ئېيتاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كامالەت دەرىجىلىرىگە ئۆرلەش جەريانىدا ئازراق سۇسلۇق يېتىپ قالسا، بۇنىمۇ ئۆزىگە بىر نۇقسان سانايتتى. بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئاللاھ تائالانىڭ زىكرىگە ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن سۇسلۇق يېتىپ قالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
1870. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « واللَّهِ إِنِّي لأَسْتَغْفِرُ اللَّه وأَتُوبُ إِلَيْهِ في الْيَوْمِ أَكْثَرَ مِنْ سبْعِينَ مَرَّةً » « ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مەن چوقۇم كۈنىگە 70 قېتىمدىن ئارتۇق ئاللاھ تائالادىن مەغفىرەت تەلەپ قىلىمەن ۋە ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىمەن » .
― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۈلگە قىلىپ، كۆپ ئىستىغفار ئېيتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسۇم، ھەر قانداق گۇناھتىن پاك بولۇش بىلەن بىللە كۆپ ئىستىغفار ئېيتىدىغانلىقى ئۈممەتلىرىگە تەلىم بېرىش ئۈچۈندۇر.
1871. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: « والَّذي نَفْسِي بِيدِهِ لَوْ لَمْ تُذْنِبُوا، لَذَهَب اللَّه تَعَالى بِكُمْ، ولجاءَ بقَوْمٍ يُذْنِبُونَ فَيَسْتَغْفِرُونَ اللَّه تَعالى فَيغْفِرُ لهمْ » « جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، سىلەر گۇناھ ئۆتكۈزمىسەڭلار، ئەلۋەتتە ئاللاھ سىلەرنى كەتكۈزۈۋېتىپ گۇناھ ئۆتكۈزۈپ مەغفىرەت تەلەپ قىلىدىغان بىر قەۋمنى ئورنۇڭلارغا كەلتۈرگەن بولاتتى. ئاندىن ئۇلارنى مەغفىرەت قىلاتتى » .
― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاش، ئۆزىنىڭ ئاللاھ تائالاغا قىلىۋاتقان قۇللۇقىنى تەكىتلەش ئۈچۈن بۇنداق قەسەمنى كۆپ قىلىدىغانلىقى.
2) تەۋبە قىلىشقا، گۇناھتىن قول ئۈزۈشكە ئۈممىتىنى تەرغىب قىلغانلىقى.
3) مۇسۇلمان ئادەمنىڭ ئىستىغفار ئېيتىشى بەندە بىلەن پەرۋەردىگار ئارىسىدىكى ۋاسىتە بولغانلىقى ئۈچۈن ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئىستىغفار ئېيتىشقا ئالدىرىشىنىڭ لازىملىقى.
1872. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز رەسۇلۇللاھنىڭ بىر ئولتۇرۇشىدا 100 قېتىم: « ربِّ اغْفِرْ لي، وتُبْ عليَ إِنَّكَ أَنْتَ التَّوابُ الرَّحِيمُ » « پەرۋەردىگارىم، مېنى مەغفىرەت قىلغىن، تەۋبەمنى قوبۇل قىلغىن، ھەقىقەتەن سەن تەۋبىنى قوبۇل قىلغۇچىسەن، ناھايىتى مېھرىبان زاتتۇرسەن »، د ېگەنلىكىنى سانايتتۇق. ― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئا قىلغان چاغدا، شۇنىڭغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ئاللاھ تائالانىڭ گۈزەل ئىسىملىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشى لازىملىقى. مەسىلەن، ئاللاھ تائالادىن مەغفىرەت ۋە رەھمەت تەلەپ قىلىپ دۇئا قىلغاندا دۇئاسىنىڭ ئاخىرىدا ‹ إِنَّكَ اَنْتَ التَّوَّابُ الرَّحِيْمُ ›، دېيىشى كېرەكلىكى، ئەگەر بۇ دۇنيالىق ياكى ئۇ دۇنيالىق بىرەر نەرسىنى تەلەپ قىلغان چاغدا ‹ إِنَّكَ اَنْتَ الْجَوَادُ الْكَرِيْمُ ›، دېيىشنىڭ لازىملىقى.
1873. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەن: « منْ لَزِم الاسْتِغْفَار، جعل اللَّه لَهُ مِنْ كُلِّ ضِيقٍ مخْرجاً، ومنْ كُلِّ هَمٍّ فَرجاً، وَرَزَقَهُ مِنْ حيْثُ لا يَحْتَسِبُ » « ئاللاھ تائالا داۋاملىق ئىستىغفار ئېيتىدىغان ئادەمگە چىقىش يولى بېرىدۇ. ھەر قانداق غەم-قايغۇدىن خالاس قىلىدۇ. ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق ئاتا قىلىدۇ » . ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئىستىغفار ئېيتىش ۋە ئىستىغفارنى داۋاملاشتۇرۇش كىشىگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك پايدا-مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى.
1874. ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « منْ قال: أَسْتَغْفِرُ اللَّه الذي لا إِلَهَ إِلاَّ هُو الحيَّ الْقَيُّومَ وأَتُوبُ إِلَيهِ، غُفِرَتْ ذُنُوبُهُ وإِنْ كَانَ قَدْ فَرَّ مِنَ الزَّحْفِ » « كىمكى ‹ئاللاھ تائالادىن مەغفىرەت تىلەيمەنكى، ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ تائالا ھەمىشە تىرىكتۇر، مەخلۇقاتلارنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىمەن›، دېسە، گەرچە ئۇ جەڭدىن قاچقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ گۇناھلىرى ئەپۇ قىلىنىدۇ » . ― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئىستىغفارنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ پەزىلىتى، بولۇپمۇ بىرەر گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغاندىن كېيىن ئىستىغفار ئېيتىشنىڭ لازىملىقى.
2) تەۋبىگە گۇناھتىن ئۈزۈل-كېسىل قول ئۈزۈشنىڭ قوشۇلۇپ كېلىشى لازىملىقى.
1875. شەدداد ئىبن ئەۋسى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « سيِّدُ الاسْتِغْفار أَنْ يقُول الْعبْدُ: اللَّهُمَّ أَنْتَ رَبِّي، لا إِلَه إِلاَّ أَنْتَ خَلَقْتَني وأَنَا عَبْدُكَ، وأَنَا على عهْدِكَ ووعْدِكَ ما اسْتَطَعْتُ، أَعُوذُ بِكَ مِنْ شَرِّ ما صنَعْتُ، أَبوءُ لَكَ بِنِعْمتِكَ علَيَ، وأَبُوءُ بذَنْبي فَاغْفِرْ لي، فَإِنَّهُ لا يغْفِرُ الذُّنُوبِ إِلاَّ أَنْتَ . منْ قَالَهَا مِنَ النَّهَارِ مُوقِناً بِهَا، فَمـاتَ مِنْ يوْمِهِ قَبْل أَنْ يُمْسِيَ، فَهُو مِنْ أَهْلِ الجنَّةِ، ومَنْ قَالَهَا مِنَ اللَّيْلِ وهُو مُوقِنٌ بها فَمَاتَ قَبل أَنْ يُصْبِح، فهُو مِنْ أَهْلِ الجنَّةِ » « ‹ئى ئاللاھ! سەن مېنىڭ رەببىمسەن، سەندىن بۆلەك ئىلاھ يوق، سەن مېنى ياراتتىڭ، مەن سېنىڭ بەندەڭمەن، ساڭا ئىمان ئېيتىش ۋە ئىتائەت قىلىشتىن ئىبارەت بەرگەن ۋەدەمدە كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە بەرقارارمەن، ساڭا سېغىنىپ يامان قىلمىشلىرىمدىن پاناھ تىلەيمەن، سېنىڭ ماڭا بەرگەن نېئمەتلىرىڭنى ئېتىراپ قىلىمەن، گۇناھلىرىمنى ئىقرار قىلىمەن، مېنى مەغفىرەت قىلغىن، گۇناھلارنى پەقەت سەنلا مەغفىرەت قىلىسەن›، دېگەن كىشى كاتتا ئىستىغفار ئېيتقان بولىدۇ. كىمكى، بۇ دۇئانى ئىخلاس بىلەن كۈندۈزى ئوقۇپ، ئاندىن كەچ كىرگۈچە ئۆلسە، ئۇ ئەھلى جەننەتتىن بولىدۇ. كىمكى، ئۇنى ئىخلاس بىلەن كېچىسى ئوقۇپ، ئاندىن تاڭ ئاتقۇچە ئۆلسە، ئۇ ئەھلى جەننەتتىن بولىدۇ » . ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: نىيەتنىڭ دۇرۇسلۇقى ۋە ئاللاھ تائالاغا پۈتۈنلەي يۈزلىنىش ئىستىغفارنىڭ قوبۇل بولۇش شەرتلىرىدىندۇر. بۇ دۇئا ئېسىل مەنىلەرنى، گۈزەل سۆزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇ دۇئانىڭ ئىستىغفارلارنىڭ خوجىسى دېيىلىشىدىكى سەۋەب، بۇ دۇئا ئاللاھ تائالانىڭ بىرلىكىگە ئىقرار بولۇش، ئاللاھ تائالانىڭ ياراتقۇچى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش، ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئەھدىگە بەرقارار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش، ئاللاھ تائالانىڭ ۋەدە قىلغانلىرىنى ئۈمىد قىلىش، ئۆزىنىڭ يامان قىلمىشلىرىدىن پاناھ تىلەش، نېئمەتنى ئاللاھ تائالادىن دەپ بىلىش، گۇناھنى ئۆزىدىن دەپ بىلىش، ئاللاھ تائالانىڭ مەغفىرىتىگە قىزىقىش، پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ مەغفىرەت قىلىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
1876. سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازدىن پارىغ بولغاندا ئۈچ قېتىم ئىستىغفار ئېيتاتتى ۋە: « اللَّهُمَّ أَنْتَ السَّلامُ، ومِنْكَ السَّلامُ، تَباركْتَ ياذَا الجلالِ والإِكْرامِ » « ئى ئاللاھ! سەن لايىق ئەمەس سۈپەتلەردىن پاكتۇرسەن، سالامەتچىلىك سەن تەرەپتىندۇر. ئى ئۇلۇغلۇق ۋە غەلىبە ئىگىسى! سەن ئۇلۇغدۇرسەن » ، دەيتتى. ھەدىس رىۋايەت قىلغۇچىلارنىڭ بىرى ئەۋزائىغا: « ئىستىپار قانداق ئېيتىلىدۇ؟»، دېيىلىۋىدى، ئۇ: « ئەستەغفىرۇللاھ، ئەستەغفىرۇللاھ، دېيىلسە بولىدۇ » ، دېدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ھەدىستە بايان قىلىنغان ئىبارە بويىچە نامازدىن كېيىن ئىستىغفار ئېيتىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.
1877. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى: « سُبْحانَ اللَّهِ وبحمْدِهِ، أَسْتَغْفِرُ اللَّه وأَتُوبُ إِلَيْهِ » « ئاللاھ تائالانى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، ئاللاھ تائالانى مەدھىيىلەيمەن، ئاللاھ تائالادىن مەغفىرەت تەلەپ قىلىمەن، ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىمەن » ، دېگەن دۇئانى كۆپ ئوقۇيتتى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئاللاھ تائالانىڭ «رەببىڭگە تەسبىھ ئېيتقىن، ھەمدۇسانا ئېيتقىن ۋە ئۇنىڭدىن مەغفىرەت تىلىگىن، ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن تەۋبىنى بەك قوبۇل قىلغۇچىدۇر»، دېگەن سۆزىگە ئاساسەن كىشى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا خەيرلىك ئىشلارنى كۆپ قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى. بۇ جەھەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشنىڭ لازىملىقى. ئىستىغفاردىن كېيىن تەۋبە قىلىش ئىستىغفارنىڭ مەزمۇنىنى كۈچەيتىدىغانلىقى ۋە ئىستىغفارنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدىغانلىقى.
1878. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىس قۇددۇستا مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « قالَ اللَّه تَعَالى: يا ابْنَ آدَمَ إِنَّكَ ما دَعَوْتَني ورجوْتَني غفرتُ لَكَ على ما كَانَ منْكَ وَلا أُبَالِي، يا ابْنَ آدم لَوْ بلَغَتْ ذُنُوبُك عَنَانَ السَّماءِ ثُم اسْتَغْفَرْتَني غَفرْتُ لَكَ وَلا أُبالي، يا ابْنَ آدم إِنَّكَ لَوْ أَتَيْتَني بِقُرابٍ الأَرْضِ خطايَا، ثُمَّ لَقِيتَني لا تُشْرِكُ بي شَيْئاً، لأَتَيْتُكَ بِقُرابِها مَغْفِرَةً » « ئى ئادەم بالىسى! ماڭا دۇئا قىلساڭ ۋە مېنىڭدىن ئۈمىد قىلساڭ، بارلىق گۇناھلىرىڭنى مەغفىرەت قىلىمەن، پەرۋا قىلمايمەن. ئى ئادەم بالىسى! سېنىڭ گۇناھلىرىڭ ئاسمانغا تاقاشقۇدەك بولسىمۇ سەن مەندىن مەغفىرەت تىلىسەڭ مەغفىرەت قىلىمەن، پەرۋا قىلمايمەن. ئى ئادەم بالىسى! ئەگەر ماڭا زېمىنغا بىر كەلگۈدەك گۇناھ بىلەن كېلىپ، ئاندىن ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمىگەن ھالدا ئۇچراشساڭ، مەنمۇ ساڭا زېمىنغا بىر كەلگۈدەك مەغفىرەت بىلەن مۇلاقات بولىمەن » .
― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بۇ ھەدىستە ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنىڭ كەڭلىكى كۆرسىتىلىدۇ. ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈشتىن باشقا گۇناھلارنىڭ مەغفىرەت قىلىنىشىدا ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيتىش شەرتتۇر. چۈنكى، ئىبادەتلەرنىڭ قوبۇل بولۇشى، گۇناھلارنىڭ مەغفىرەت قىلىنىشى ئىمانغا ئاساسلىنىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ مەغفىرىتىنى قولغا كەلتۈرىدىغان كامىل ئىستىغفار دېگەن گۇناھتىن ئۈزۈل-كېسىل قول ئۈزۈش بىلەن بولىدۇ. مانا بۇ سەمىمىي تەۋبە ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، گۇناھتىن قول ئۈزمەي تۇرۇپ ئىستىغفار ئېيتقانلىق پەقەتلا نوقۇل دۇئادىن ئىبارەتتۇر.
1879. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ: « يا معْشَرَ النِّساءِ تَصَدَّقْنَ، وأَكْثِرْنَ مِنَ الاسْتِغْفَارِ، فَإِنِّي رَأَيْتُكُنَّ أَكْثَرَ أَهْلِ النَّارِ » « ئى ئاياللار جامائەسى، سەدىقە قىلىڭلار، ئىستىغفارنى كۆپ ئېيتىڭلار، مەن دوزاخ ئەھلىنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ ئاياللار ئىكەنلىكىنى كۆردۈم » ، دېۋىدى. ئۇلاردىن بىر ئايال: « نېمە ئۈچۈن دوزاخ ئەھلىنىڭ كۆپرەكى بىزدىن بولىدۇ؟»، دېدى، رەسۇلۇللاھ: « تُكْثِرْنَ اللَّعْنَ، وتَكْفُرْنَ العشِيرَ مَا رأَيْتُ مِنْ نَاقِصَاتِ عقْلٍ ودِينٍ أَغْلبَ لِذِي لُبٍّ مِنْكُنَّ » « سىلەر تولا قارغايسىلەر، ئەرلىرىڭلارنىڭ ھەققىدىن تانىسىلەر، سىلەردىنمۇ كالتە پەم ۋە دىنىي كەمتۈك، ھەر قانداق ئەقىللىق كىشىنىڭمۇ بۇرنىغا چۈلۈك ئۆتكۈزۈۋالىدىغان ئادەملەرنى كۆرمىدىم » ، دېدى. ئۇ ئايال: « ئەقىل ۋە دىننىڭ كەمتۈكلۈكى نېمە؟»، دېدى. رەسۇلۇللاھ: « شَهَادَةُ امرأَتَيْنِ بِشهَادةِ رجُلٍ، وتَمْكُثُ الأَيَّامَ لا تُصَلِّي » « ئىككى ئايالنىڭ گۇۋاھلىقىنىڭ بىر ئەرنىڭ گۇۋاھلىقىغا باراۋەر بولىدىغانلىقى ۋە ھەر ئايدا نەچچە كۈن ناماز ئوقۇيالمايدىغانلىقى » ، دېدى.
― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئاياللارنىڭ كۆپ سەدىقە قىلىشقا، كۆپ ئىستىغفار ئېيتىشقا تەرغىب قىلىنىغانلىقى، چۈنكى سەدىقە بىلەن ئىستىغفار دېگەن ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىنى دەپئى قىلىدۇ ۋە خاتالارنى يوققا چىقىرىدۇ.
2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللارغا ۋەز-نەسىھەت قىلىشى ئىسلام دىنىنىڭ ئاياللارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقى. ياخشىلىققا نانكورلۇق قىلىش، قارغاش ۋە تىللاشقا ئوخشاش يامان تىللارنى ئىشلىتىشنىڭ ھاراملىقى.
3) كىشىنىڭ ئەقلىمۇ زىيادە ۋە كەمتۈك بولغاندەك، دىن بىلەن ئىماننىڭمۇ زىيادە ۋە كەمتۈك بولىدىغانلىقى.