372. باب ئاللاھ تائالانىڭ مۇئمىنلەرگە جەننەتتە تەييارلىغان نەرسىلىرى توغرىسىدا
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿إِنَّ الْمُتَّقِينَ فِي جَنَّاتٍ وَعُيُونٍ﴾ ﴿ادْخُلُوهَا بِسَلاَمٍ آمِنِينَ﴾ ﴿وَنَزَعْنَا مَا فِي صُدُورِهِم مِّنْ غِلٍّ إِخْوَانًا عَلَى سُرُرٍ مُّتَقَابِلِينَ﴾ ﴿لاَ يَمَسُّهُمْ فِيهَا نَصَبٌ وَمَا هُم مِّنْهَا بِمُخْرَجِينَ﴾ تەقۋادارلار ھەقىقەتەن (ئاخىرەتتە ياپيېشىل) باغ-بوستانلاردىن، (سۇ، ھەسەل ۋە ماي ئېقىپ تۇرىدىغان) بۇلاقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ. (ئۇلارغا): « جەننەتكە ئامان-ئېسەن، تىنچ كىرىڭلار! »، د ېيىلىدۇ. ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى دۈشمەنلىكنى چىقىرىپ تاشلايمىز، ئۇلار ئۆزئارا قېرىنداش بولغان ھالدا تەختلەر ئۈستىدە بىر-بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ. جەننەتتە ئۇلارغا چارچاش بولمايدۇ. ئۇلار جەننەتتىن چىقىرىۋېتىلمەيدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ھىجر 44 ~ 48- ئايەتلەر)
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿يَا عِبَادِ لَا خَوْفٌ عَلَيْكُمُ الْيَوْمَ وَلَا أَنتُمْ تَحْزَنُونَ﴾ ﴿الَّذِينَ آمَنُوا بِآيَاتِنَا وَكَانُوا مُسْلِمِينَ﴾ ﴿ادْخُلُوا الْجَنَّةَ أَنتُمْ وَأَزْوَاجُكُمْ تُحْبَرُونَ﴾ ﴿يُطَافُ عَلَيْهِم بِصِحَافٍ مِّن ذَهَبٍ وَأَكْوَابٍ وَفِيهَا مَا تَشْتَهِيهِ الْأَنفُسُ وَتَلَذُّ الْأَعْيُنُ وَأَنتُمْ فِيهَا خَالِدُون﴾ ﴿وَتِلْكَ الْجَنَّةُ الَّتِي أُورِثْتُمُوهَا بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ﴾ ﴿لَكُمْ فِيهَا فَاكِهَةٌ كَثِيرَةٌ مِنْهَا تَأْكُلُونَ﴾ (ئۇلارغا:) « بەندىلىرىم! بۈگۈن سىلەرگە قورقۇنچ يوق، غەم-قايغۇمۇ يوق » ، (دېيىلىدۇ). ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتقان ۋە مۇسۇلمان بولغانلار ئىدى. (ئۇلارغا:) « سىلەر ئاياللىرىڭلار بىلەن خۇشال-خۇرام جەننەتكە كىرىڭلار » (دېيىلىدۇ). ئۇلارغا ئالتۇن لېگەنلەردە (تائام)، ئالتۇن جاملاردا (شاراب) تۇتۇلىدۇ. جەننەتتە كۆڭۈللەر تارتىدىغان، كۆزلەر لەززەتلىنىدىغان نەرسىلەر بار، سىلەر جەننەتتە مەڭگۈ قالىسىلەر. سىلەر (دۇنيادا) قىلغان (ياخشى) ئەمەلىڭلار بىلەن ۋارىس بولغان جەننەت ئەنە شۇدۇر. جەننەتتە نۇرغۇن (تۈرلۈك) مېۋىلەر بار، ئۇنىڭدىن يەيسىلەر . («قۇرئان كەرىم» سۈرە زۇخرۇف 68~73- ئايەتلەر)
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿إِنَّ الْمُتَّقِينَ فِي مَقَامٍ أَمِينٍ﴾ ﴿فِي جَنَّاتٍ وَعُيُونٍ﴾ ﴿يَلْبَسُونَ مِن سُندُسٍ وَإِسْتَبْرَقٍ مُّتَقَابِلِينَ﴾ ﴿كَذَلِكَ وَزَوَّجْنَاهُم بِحُورٍ عِينٍ﴾ ﴿يَدْعُونَ فِيهَا بِكُلِّ فَاكِهَةٍ آمِنِينَ﴾ ﴿لَا يَذُوقُونَ فِيهَا الْمَوْتَ إِلَّا الْمَوْتَةَ الْأُولَى وَوَقَاهُمْ عَذَابَ الْجَحِيمِ﴾ ﴿فَضْلًا مِّن رَّبِّكَ ذَلِكَ هُوَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ﴾ تەقۋادارلار ھەقىقەتەن بىخەتەر جايدا بولىدۇ. باغلاردا، بۇلاقلارنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ. ئۇلار قېلىن، يۇپقا يىپەك كىيىملەرنى كىيىپ بىر-بىرىگە قاراپ ئولتۇرىشىدۇ. (ئۇلارنى تۈرلۈك ھۆرمەتلەر بىلەن) مۇشۇنداق ئىكرام قىلدۇق. شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەرنى ئۇلارغا جۈپ قىلىمىز. ئۇلار جەننەتتە (مەيدە ئېغىرلىشىش ۋە كېسەللىكلەردىن) ئەمىن بولغان ھالدا (خىزمەتچىلەردىن) ھەممە مېۋىلەرنى (كەلتۈرۈشنى) تەلەپ قىلىدۇ. ئۇلار ئىلگىرىكى (دۇنيادىكى) ئۆلۈمدىن باشقا (جەننەتتە) ھېچقانداق ئۆلۈمنى تېتىمايدۇ، ئاللاھ تائالا دوزاخ ئازابىدىن ساقلايدۇ. (بۇ) پەرۋەردىگارىڭنىڭ مەرھەمىتىدىندۇر. بۇ زور مۇۋەپپەقىيەتتۇر . («قۇرئان كەرىم» سۈرە دۇخان 51~57- ئايەتلەر)
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿إِنَّ الْأَبْرَارَ لَفِي نَعِيمٍ﴾ ﴿عَلَى الْأَرَائِكِ يَنظُرُونَ﴾ ﴿تَعْرِفُ فِي وُجُوهِهِمْ نَضْرَةَ النَّعِيمِ﴾ ﴿يُسْقَوْنَ مِن رَّحِيقٍ مَّخْتُومٍ﴾ ﴿خِتَامُهُ مِسْكٌ وَفِي ذَلِكَ فَلْيَتَنَافَسِ الْمُتَنَافِسُونَ﴾ ﴿وَمِزَاجُهُ مِن تَسْنِيم﴾ ﴿عَيْنًا يَشْرَبُ بِهَا الْمُقَرَّبُونَ﴾ ياخشىلار نېئمەت ئىچىدە (جەننەتتە) بولىدۇ. ئۇلار تەختلەر ئۈستىدە تۇرۇپ (ئاللاھ تائالانىڭ جەننەتتە ئۇلارغا بەرگەن تۈرلۈك نېئمەتلىرىگە) قارايدۇ. ئۇلارغا قارايدىغان بولساڭ، نېئمەتنىڭ (ئۇلارنىڭ چىرايىدىن چىقىپ تۇرغان) ئەسىرىنى تونۇيسەن. ئۇلار ئاغزى پېچەتلەنگەن ساپ شاراب بىلەن سۇغىرىلىدۇ. ئىچىشنىڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭدىن ئىپارنىڭ ھىدى كېلىپ تۇرىدۇ. قىزىققۇچىلار شۇنىڭغا قىزىقسۇن. ئۇنىڭغا (ساپ شارابقا) تەسنىمنىڭ (سۈيى) ئارىلاشتۇرۇلغان. تەسنىم جەننەتتىكى بىر بۇلاق بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئاللاھ تائالانىڭ يېقىن بەندىلىرى ئىچىدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە دۇخان 51~57- ئايەتلەر)
1880. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « يَأْكُلُ أَهْلُ الجنَّةِ فِيهَا ويشْرَبُونُ، ولا يَتَغَوَّطُونَ، ولا يمْتَخِطُونَ، ولا يبُولُونَ، ولكِنْ طَعامُهُمْ ذلكَ جُشَاء كَرشْحِ المِسْكِ يُلهَمُونَ التَّسبِيح وَالتكْبِير، كَما يُلْهَمُونَ النَّفَسَ » « جەننەت ئەھلى يەيدۇ-ئىچىدۇ، چوڭ تەرەت قىلمايدۇ. مىشقىرمايدۇ ۋە كىچىك تەرەت قىلمايدۇ. لېكىن، ئۇلارنىڭ يىمىكى ئىپارنىڭ ھىدىدەك خۇشبۇي كېكىرىش بىلەن ھەزىم بولىدۇ. خۇددى ئۇلار تەبىئىي نەپەسلىنىپ تۇرغىنىدەك تەسبىھ، تەكبىرلەر ئۇلارنىڭ تىلىغا جارى بولۇپ تۇرىدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئەھلى جەننەتنىڭ ئەھۋالى، ئۇلارغا جەننەتتە تەييارلانغان نازۇ-نېئمەتلەر ۋە كۆڭۈلدىكىدەك تۇرمۇشنىڭ بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
2) ئەھلى جەننەتنىڭ يېمەكلىكلىرى ناھايىتى شېرىن، مۆتىدىل بولۇپ، ئۇنى يېگۈچىدىن پاسكىنا ئاجرالمىلارنىڭ چىقمايدىغانلىقى، بەلكى ئۇنىڭدىن ئەڭ خۇش ھىد كېلىدىغانلىقى، ئەھلى جەننەت ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلىش بىلەن لەززەتلىنىدىغانلىقى، ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلىشنىڭ ئۇلارنىڭ نەپەسلىنىشىگە ئوخشاشلا تەبىئىي ھالدا ئۇلارنىڭ تىلىغا جارى بولۇپ تۇرىدىغانلىقى.
1881. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: « قَال اللَّه تَعالَى: أَعْددْتُ لعِبادِيَ الصَّالحِينَ مَا لاَ عيْنٌ رَأَتْ، ولاَ أُذُنٌ سَمِعتْ ولاَ خَطَرَ علَى قَلْبِ بَشَرٍ، واقْرؤُوا إِنْ شِئتُمْ:)فَلا تَعْلَمُ نَفْسٌ ما أُخْفِيَ لَهُمْ مِنْ قُرَّةِ أَعْيُنٍ جزَاءً بِما كَانُوا يعْملُونَ( « ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ‹مەن ياخشى بەندىلىرىمگە كۆز كۆرۈپ باقمىغان، قۇلاق ئاڭلاپ باقمىغان، كىشىنىڭ كۆڭلىگە كېچىپ باقمىغان نەرسىلەرنى تەييار قىلدىم›. خالىساڭلار بۇ ئايەتنى ئوقۇڭلار: ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە مۇكاپات يۈزىسىدىن ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىدا ساقلانغان ۋە ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان كاتتا نېئمەتنى ھېچكىم بىلمەيدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە سەجدە 17- ئايەت) ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) جەننەت نېئمەتلىرىنىڭ تاكامۇللۇقى بايان قىلىنغان.
2) جەننەت ئەھلىنىڭ ھەر قانداق كۆڭۈلسىزلىكتىن خالىي ھالدا خۇشاللىق بىلەن ياشايدىغانلىقى.
1882. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: « أَوَّلُ زُمْرَةٍ يدْخُلُونَ الْجنَّةَ على صُورَةِ الْقَمرِ لَيْلَةَ الْبدْرِ . ثُمَّ الَّذِينَ يلُونَهُمْ علَى أَشَدِّ كَوْكَبٍ دُرِّيٍّ في السَّمَاءِ إِضَاءَةً: لاَ يُبولُونَ ولاَ يتَغَوَّطُونَ، ولاَ يتْفُلُونَ، ولاَ يمْتَخِطُون . أمْشاطُهُمُ الذَّهَبُ، ورشْحهُمُ المِسْكُ، ومجامِرُهُمُ الأُلُوَّةُ عُودُ الطِّيبِ أَزْواجُهُم الْحُورُ الْعِينُ، علَى خَلْقِ رجُلٍ واحِد، علَى صُورَةِ أَبِيهِمْ آدم سِتُّونَ ذِراعاً في السَّماءِ » « جەننەتكە دەسلىپىدە كىرىدىغان جامائە ئون تۆت كۈنلۈك تولۇن ئايدەك بولىدۇ. جەننەتكە ئۇلاردىن كېيىن كىرگۈچىلەر ئاسماندىكى نۇرلۇق يۇلتۇزلاردەك بولۇپ كېتىدۇ. ئۇلار چوڭ-كىچىك تەرەت قىلمايدۇ. تۈكۈرمەيدۇ ۋە مىشقىرمايدۇ. ئۇلارنىڭ تاغاقلىرى ئالتۇندىن بولىدۇ. تەرلىرى ئىپاردەك خۇش-ھىد بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىسرىقدىنى خۇش پۇراق ئۇد ياغىچى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاياللىرى شەھلا كۆزلۈك ھۆر-پەرىلەردىن بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر ئادەمنىڭ شەكلىدە ئېگىزلىكى 60 گەز كېلىدىغان ئاتىسى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈرىتىدە بولىدۇ » .
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
يەنە بىر رىۋايەتتە: « آنيتُهُمْ فِيهَا الذَّهَبُ، ورشْحُهُمْ المِسْكُ، ولِكُلِّ واحِدٍ مِنْهُمْ زَوْجَتَانِ يُرَى مُخُّ سُوقِهما مِنْ وراءِ اللَّحْمِ مِنَ الْحُسْنِ، لاَ اخْتِلاَفَ بينَهُمْ، ولا تَبَاغُضَ: قُلُوبهُمْ قَلْبُ رَجُلٍ واحِدٍ، يُسَبِّحُونَ اللَّه بُكْرةَ وَعَشِيّاً » « ئۇلارنىڭ جەننەتتە ئىشلىتىدىغان قاچىلىرى ئالتۇن، تەرلىرى ئىپار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ گۈزەللىكىدىن گۆشىنىڭ ئىچىدىن پاچاقلىرىنىڭ يىلىكلىرى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ئىككى ئايالى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىتتىپاقسىزلىق بولمايدۇ. ئاداۋەت بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ دىللىرى بىر ئادەمنىڭكىدەك بولىدۇ. ئەتىگەندە-ئاخشامدا ئۇلار ئاللاھ تائالاغا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ » ، دېيىلگەن.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئەھلى جەننەتتە ناقىس سۈپەتلەرنىڭ بولمايدىغانلىقى. ئىمام قۇرتۇبى مۇنداق دەيدۇ: ئەھلى جەننەتنىڭ يېيىش-ئىچىش، كىيىش ۋە خۇشبۇي ئىشلىتىشتە، قانداقتۇر ئۇلاردا ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇق، يالىڭاچلىق ياكى بەتبۇيلۇق ھېسسىياتى يوق بولىدۇ. ئۇلار پەقەت ئۈزۈلمەس لەززەتلەر ۋە تۈگىمەس نېئمەتلەر ئىچىدە بولىدۇ. ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دەيدۇ: ئەھلى سۈننە ۋەلجامائەنىڭ مەزھىپى شۇكى، ئەھلى جەننەت دۇنيا ئەھلىگە ئوخشاشلا نازۇ-نېئمەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ. لېكىن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا لەززەتلىنىش جەھەتتە پەرق بولىدۇ. «قۇرئان كەرىم» ۋە سۈننەتتە جەننەتنىڭ نېئمەتلىرىنىڭ تۈگىمەيدىغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ. ئەھلى جەننەتنىڭ دىللىرى ناچار ئەخلاقتىن پاك بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر-بىرىنى كۆرەلمەسلىك ۋە ئىتتىپاقسىزلىق بولمايدىغانلىقى.
1883. مۇغىرە ئىبن شۇئبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: « سأَل مُوسَى صَلّى اللهُ عَلَيْهِ وسَلَّم ربَّهُ، ما أَدْنَى أَهْلِ الْجنَّةِ مَنْزلَةً؟ قَالَ: هُو رَجُلٌ يجِيءُ بعْدَ ما أُدْخِل أَهْلُ الْجنَّةِ الْجَنَّةَ، فَيُقَالُ لَهُ: ادْخِلِ الْجنَّة . فَيقُولُ: أَيْ رَبِّ كَيْفَ وقَدْ نَزَل النَّاسُ منَازِلَهُمْ، وأَخَذُوا أَخَذاتِهِم؟ فَيُقَالُ لهُ: أَتَرضي أَنْ يكُونَ لَكَ مِثْلُ مُلْكِ مَلِكٍ مِنْ مُلُوكِ الدُّنْيا؟ فَيقُولُ: رضِيتُ ربِّ، فَيقُولُ: لَكَ ذَلِكَ ومِثْلُهُ ومِثْلُهُ ومِثْلُهُ ومِثْلُهُ، فَيقُولُ في الْخَامِسَةِ: رضِيتُ ربِّ، فَيَقُولُ: هَذَا لَكَ وعشَرةُ أَمْثَالِهِ، ولَكَ ما اشْتَهَتْ نَفْسُكَ، ولَذَّتْ عَيْنُكَ. فَيَقُولُ: رضِيتُ ربِّ، قَالَ: ربِّ فَأَعْلاَهُمْ منْزِلَةً؟ قال: أُولَئِك الَّذِينَ أَردْتُ، غَرسْتُ كَرامتَهُمْ بِيدِي وخَتَمْتُ علَيْهَا، فَلَمْ تَر عيْنُ، ولَمْ تَسْمعْ أُذُنٌ، ولَمْ يخْطُرْ عَلَى قَلْبِ بشَرٍ » « مۇسا ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارىدىن جەننەت ئەھلىنىڭ تۆۋەن دەرىجىسىنى سورىدى. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ئۇ شۇنداق كىشى بولۇپ، ئەھلى جەننەت جەننەتكە كىرىپ بولغاندىن كېيىن كېلىدۇ. ئۇنىڭغا: ‹جەننەتكە كىرگىن›، دېيىلىدۇ. ئۇ: ‹پەرۋەردىگارىم، كىشىلەر جايلىرىغا چۈشۈپ، ئالىدىغان نەرسىلىرىنى ئېلىپ بولغان تۇرسا، قانداقمۇ كىرەي؟›، دەيدۇ. ئۇنىڭغا: ‹دۇنيا پادىشاھلىرىدىن بىر پادىشاھنىڭ مۈلۈكىچىلىك نەرسە بېرىلسە رازى بولامسەن؟›، دېيىلىدۇ. ئۇ: ‹پەرۋەردىگارىم، رازى بولىمەن›، دەيدۇ. ئاللاھ تائالا: ‹ساڭا شۇنچىلىك بولسۇن، يەنە شۇنىڭ باراۋىرىدە بولسۇن، يەنە شۇنىڭ باراۋىرىدە بولسۇن، يەنە شۇنىڭ باراۋىرىدە بولسۇن›، دەپ بەشىنچى قېتىمغا كەلگەندە: ‹پەرۋەردىگارىم رازى بولدۇم›، دەيدۇ. ئاللاھ تائالا: ‹ساڭا بۇلار ۋە شۇنىڭدەك ئون باراۋەر كۆپ بولسۇن ۋە ساڭا كۆڭلۈڭ خالىغان، كۆزۈڭ كۆرۈپ ھۇزۇرلىنىدىغانلىكى نەرسە بولسۇن›، دەيدۇ. ئۇ بەندە: ‹رازى بولدۇم، ئى پەرۋەردىگارىم›، دەيدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالام: ‹ئى پەرۋەردىگارىم، جەننەت ئەھلىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسى قايسى؟›، دەپ سورىدى. ئاللاھ تائالا: ‹ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، ئۇلارنى مەن خالىدىم، ھۆرمەت دەرىخىنى ئۆز قولۇم بىلەن تىكتىم. ئۇلارنى (دەرەخلەرنى) باشقىلارنىڭ كۆرمەسلىكى ئۈچۈن پېچەتلىۋەتتىم. ئۇلارنى ھېچقانداق كۆز كۆرگىنى يوق، ھېچقانداق قۇلاق ئاڭلىغىنى يوق، ھېچقانداق ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كەچكىنى يوق›، دەيدۇ. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى ۋە مەرھەمىتىنىڭ كەڭلىكى بايان قىلىنغان.
2) ئەھلى جەننەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىكىنىڭ دۇنيادىكى ھەر قانداق پادىشاھ ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان مۈلۈكتىنمۇ ھەسسىلەپ كۆپ مۈلۈكتىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى.
1884. ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: « إِنِّي لأَعْلَمُ آخِرَ أَهْل النَّار خُرُوجاً مِنهَا، وَآخِرَ أَهْل الْجنَّةِ دُخُولاً الْجنَّة . رجُلٌ يخْرُجُ مِنَ النَّارِ حبْواً، فَيقُولُ اللَّه عزَّ وجَلَّ لَهُ: اذْهَبْ فَادخُلِ الْجنَّةَ، فَيأْتِيهَا، فيُخيَّلُ إِلَيْهِ أَنَّهَا مَلأَى، فيَرْجِعُ، فَيقُولُ: ياربِّ وجدْتُهَا مَلأى، يَقُولُ اللَّه عزَّ وجلَّ لهُ: اذْهَبْ فَادْخُلِ الجنَّةَ، فيأْتِيها، فَيُخَيَّل إِلَيْهِ أَنَّهَا ملأى، فَيرْجِعُ . فيَقُولُ: ياربِّ وجدْتُهَا مَلأى،، فَيقُولُ اللَّه عزَّ وجلَّ لهُ: اذْهَبْ فَادْخُلِ الْجَنَّةَ . فإِنَّ لَكَ مِثْلَ الدُّنْيا وعشَرةَ أَمْثَالِها، أَوْ إِنَّ لَكَ مِثْل عَشرَةِ أَمْثَالِ الدُّنْيا، فَيقُولُ: أَتَسْخَرُ بِي، أَوَ أَتَضحكُ بِي وأَنْتَ الملِكُ » « مەن جەھەننەمدىن چىقىشتا ھەممىدىن كېيىن چىقىدىغان، جەننەتكە كىرىشتە ئەڭ ئاخىرىدا كىرىدىغان بىر ئادەمنى ياخشى بىلىمەن. ئۇ شۇنداق بىر كىشىكى، دوزاختىن ئۆمىلەپ چىقىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا: ‹بارغىن، جەننەتكە كىرگىن›، دەيدۇ. ئۇ جەننەتكە كەلسە، ئۇنىڭغا جەننەت توشۇپ كەتكەندەك تۇيۇلىدۇ-دە، ئۇ قايتىپ كېلىپ: ‹ئى پەرۋەردىگارىم! جەننەت توشۇپ كېتىپتۇ›، دەيدۇ. ئۇلۇغ ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا: ‹بارغىن جەننەتكە كىرگىن›، دەيدۇ. ئۇ جەننەتكە كېلىدۇ، جەننەت توشۇپ كەتكەندەك تۇيۇلىدۇ. ئۇ قايتىپ كېلىپ: ‹ئى پەرۋەردىگارىم، جەننەت توشۇپ كېتىپتۇ›، دەيدۇ. ئۇلۇغ ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا: ‹بارغىن، جەننەتكە كىرگىن، ساڭا جەننەتتە دۇنيا باراۋىرىدە ۋە دۇنيانىڭ ئون ھەسسىسىدەك كۆپ ئورۇن بار›، دەيدۇ. ئۇ بەندە: ‹سەن ھەممىنىڭ پادىشاھى تۇرۇپ مېنى مەسخىرە قىلىۋاتامسەن›، دەيدۇ » . ئىبن مەسئۇد مۇنداق دېدى: « مەن رەسۇلۇللاھنىڭ كۈلۈپ، ھەتتا ئېزىق چىشلىرىنىڭ كۆرۈنۈپ قالغانلىقىنى كۆردۈم. رەسۇلۇللاھ: « ذَلِكَ أَدْنَى أَهْلِ الْجَنَّةِ منْزِلَةً » ‹مانا بۇ جەننەت ئەھلىنىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىسىدۇر›، دەيتتى » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1885. ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: « إِنَّ للْمُؤْمِنِ في الْجَنَّةِ لَخَيْمةً مِنْ لُؤْلُؤةٍ وَاحِدةٍ مُجوَّفَةٍ طُولُهَا في السَّماءِ سِتُّونَ ميلاً . للْمُؤْمِنِ فِيهَا أَهْلُونَ ، يَطُوفُ عَلَيْهِمُ المُؤْمِنُ فَلاَ يَرى بعْضُهُمْ بَعْضاً » « مۇئمىن ئۈچۈن جەننەتتە ئۇزۇنلۇقى 60 مىل كېلىدىغان بىر مەرۋايىت چېدىر بولىدۇ. ئۇنىڭدا مۇئمىننىڭ ئاياللىرى تۇرىدۇ. ئۇ ئاياللارنى مۇئمىن كىشى ئايلىنىپ يوقلاپ تۇرىدۇ. ئۆينىڭ چوڭلۇقىدىن بەزىسى-بەزىسىنى كۆرەلمەيدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1886. ئەبۇ سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: « إِنَّ في الْجنَّةِ لَشَجرَةً يسِيرُ الرَّاكِبُ الْجوادَ المُضَمَّرَ السَّرِيعَ ماِئَةَ سنَةٍ مَا يَقْطَعُهَا » « جەننەتتە بىر دەرەخ بولۇپ، شۇنداق يۈگۈرۈك ئېسىل ئاتقا مىنگەن كىشى 100 يىل يۈرسىمۇ، ئۇ دەرەخنىڭ سايىسىدىن مېڭىپ تۈگىتەلمەيدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: جەننەتنىڭ دەرەخلىرىنىڭ چوڭلۇقى ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىنى ۋە بەندىلىرىگە ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى-مەرھەمىتىنىڭ كەڭلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
1887. ئەبۇ سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: « إنَّ أَهْلَ الْجنَّةِ لَيَتَرَاءُوْنَ أَهْلَ الْغُرَفِ مِنْ فَوْقِهِمْ كَمَا تَتَرَاءَوْنَ الكَوْكَبَ الدُّرَّيَّ الْغَابِرَ في الأُفُقِ مِنَ المشْرِقِ أَوِ المَغْربِ لتَفَاضُلِ ما بَيْنَهُمْ » « دەرىجىلىرى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن جەننەت ئەھلى ئۈستىدىكى خانىلەردىكى جەننەت ئەھلىلىرىنى مەشرىق ياكى مەغرىپ تەرەپتىكى نۇرى ئۆتكۈر يۇلتۇزنى كۆرگەندەك كۆرۈپ تۇرىدۇ » . ساھابىلەر: « ئى رەسۇلۇللاھ، بۇ پەيغەمبەرنىڭ دەرىجىسى بولۇپ، ئۇنىڭغا باشقىلار يېتەلمەمدۇ؟»، دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ: « بلَى وَالَّذِي نَفْسِي بِيَدِهِ رجَالٌ أَمَنُوا بِاللَّهِ وصَدَّقُوا المُرْسلِينَ » « ياق، جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، بۇ ئاللاھ تائالاغا ئىمان كەلتۈرگەن، پەيغەمبەرلەرنى تەستىق قىلغان كىشىلەرنىڭ ئورنى » ، دېدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: جەننەت ئەھلىنىڭ پەزىلەت ئېتىبارى بىلەن دەرىجىسىنىڭكى ئوخشىمايدىغانلىقى، ھەتتا تۆۋەندىكىلەرنىڭ يۇقىرىدىكىلەرنى يۇلتۇزلارغا ئوخشاش كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقى. ياخشى مۇئمىن بەندىلەرنىڭ ئىمان ئېيتقانلىق ۋە پەيغەمبەرلەرنى تەستىق قىلغانلىق سەۋەبى بىلەن ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلەرنىڭ دەرىجىسىگە يېتىدىغانلىقى.
1888. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: « لَقَابُ قَوْسٍ في الْجَنَّةِ خَيْرٌ مِمَّا تَطْلُعُ علَيْهِ الشمْسُ أَوْ تَغْربُ » « جەننەتتىكى بىر ياچاق دائىرىسىچىلىك ئورۇن دۇنيادىكى قۇياشنىڭ نۇرى چۈشكەنلىكى يەرلەردىن ياخشىدۇر » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: جەننەتنىڭ پەزىلىتى، جەننەتتىكى كىچىككىنە ئورۇننىڭمۇ دۇنيادىكى ھەممە يەردىن ياخشى ئىكەنلىكى، دۇنيا داۋامى يوق پانىي بولۇپ، جەننەتنىڭ مەڭگۈ باقىي ئىكەنلىكى.
1889. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: « إِنَّ في الْجنَّةِ سُوقاً يأْتُونَهَا كُلَّ جُمُعةٍ . فتَهُبُّ رِيحُ الشَّمالِ، فَتحثُو في وُجُوهِهِمْ وثِيَابِهِمْ، فَيزْدادُونَ حُسْناً وجَمالاً . فَيَرْجِعُونَ إِلَى أَهْلِيهِمْ، وقَدْ ازْدَادُوا حُسْناً وجمالاً، فَيقُولُ لَهُمْ أَهْلُوهُمْ: وَاللَّهِ لَقَدِ ازْدَدْتُمْ حُسْناً وجمالاً، فَيقُولُونَ: وأَنْتُمْ وَاللَّهِ لَقَدِ ازْددْتُمْ بعْدَنَا حُسناً وَجمالاً » « جەننەتتە بىر بازار بولۇپ، ئەھلى جەننەت ھەر جۈمە كۈنى شۇ يەرگە يىغىلىدۇ. شىمال شامىلى كېلىپ ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە ۋە كىيىملىرىگە خۇشبۇي چاچىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تېخىمۇ گۈزەللىشىپ كېتىدۇ. ئۇلار ئۆيلىرىگە ھۆسن قوشۇلغان ھالدا قايتىدۇ. ئەھلىلىرى ئۇلارغا: ‹ئاللاھ تائالانىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، سىلەر ھەقىقەتەن تېخىمۇ گۈزەل بولۇپ كېتىپسىلەر›، دەيدۇ. ئۇلارمۇ ئەھلىلىرىگە: ‹ئاللاھ تائالانىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، بىز چىقىپ كەتكەندىن كېيىن سىلەرنىڭمۇ گۈزەللىكىڭلارغا گۈزەللىك قوشۇلۇپتۇ›، دەيدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئەھلى جەننەتنىڭ گۈزەللىكلىرىنىڭ ۋە ئۇلارغا بېرىلگەن نېئمەتنىڭ زىيادە بولىدىغانلىقى. شۇنداقلا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا دوستلۇق ۋە مۇھەببەتنىڭمۇ زىيادە بولىدىغانلىقى.
2) جەننەتنىڭ بازىرى دېگەن ئەھلى جەننەتنىڭ بىر جايغا توپلانغانلىقى بولۇپ، ئۇلار ئۇ يەردە كۆڭلى تارتقان نەرسىلەرنى ھېچقانداق ئېلىم-سېتىمسىز يەپ ئىچىدۇ.
1890. سەھل ئىبن سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: « إِنَّ أَهْلَ الْجنَّةِ لَيَتَراءَوْنَ الْغُرفَ في الْجنَّةِ كَمَا تَتَرَاءَوْنَ الْكَوْكَبَ في السَّماءِ » « جەننەت ئەھلى ئۈستىدىكى ئۆيلەرنى خۇددى ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنى كۆرگەندەك كۆرىدۇ » .
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1891. سەھل ئىبن سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن رەسۇلۇللاھ جەننەتنىڭ تەرىپىنى قىلغان بىر سورۇنغا ھازىر بولغانتىم. رەسۇلۇللاھ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا: « فِيهَا ما لاَ عيْنٌ رأَتْ، ولا أُذُنٌ سمِعَتْ، ولاَ خَطَر عَلى قَلْبِ بشَرٍ » « جەننەتتە كۆز كۆرۈپ باقمىغان، قۇلاق ئاڭلاپ باقمىغان، كىشىنىڭ كۆڭلىگە كېچىپ باقمىغان، راھەت-پاراغەت ۋە نازۇنېئمەتلەر بار » ، دەپ ئاندىن بۇ ئايەتنى ئوقۇدى: ﴿تَتَجَافَى جُنُوبُهُمْ عَنِ الْمَضَاجِعِ يَدْعُونَ رَبَّهُمْ خَوْفًا وَطَمَعًا وَمِمَّا رَزَقْنَاهُمْ يُنفِقُونَ فَلَا تَعْلَمُ نَفْسٌ مَّا أُخْفِيَ لَهُم مِّن قُرَّةِ أَعْيُنٍ جَزَاء بِمَا كَانُوا يَعْمَلُونَ﴾ ئۇلارنىڭ يانلىرى ئورۇن-كۆرپىدىن يىراق بولىدۇ (يەنى، ئۇلار كېچىسى ئىبادەت قىلىپ ئاز ئۇخلايدۇ). ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ (ئازابىدىن) قورقۇپ، (رەھمىتىنى) ئۈمىد قىلىپ، ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدۇ. ئۇلارغا بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە مۇكاپات يۈزىسىدىن ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىدا ساقلانغان ۋە ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان كاتتا نېئمەتنى ھېچكىم بىلمەيدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە سەجدە 16-، 17- ئايەتلەر)
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ياخشى ئىشلارنى كۆپ قىلغانلارغا ساۋاب بېرىلىدىغانلىقى بىلەن بېشارەت بەرگەنلىكى.
2) جەننەتنىڭ ئۈستۈنلۈكى ۋە ئۇنىڭ نازۇ-نېئمەتلىرىنىڭ دۇنيا نازۇ-نېئمەتلىرىگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە كاتتىلىقى.
1892. ئەبۇ سەئد ۋە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: « إِذَا دخَلَ أَهْلُ الْجنَّةِ الجنَّةَ يُنَادِي مُنَادٍ: إِنَّ لَكُمْ أَنْ تَحْيَوْا، فَلا تَمُوتُوا أَبداً وإِنَّ لكُمْ أَنْ تَصِحُّوا، فَلاَ تَسْقَمُوا أَبداً، وإِنَّ لَكُمْ أَنْ تَشِبُّوا فَلا تهْرَمُوا أَبداً وإِنَّ لَكُمْ أَن تَنْعمُوا، فَلا تبؤسوا أَبَداً » « جەننەت ئەھلى جەننەتكە كىرسە بىر نىدا قىلغۇچى مۇنداق دەيدۇ: ‹سىلەر مەڭگۈ ھايات ياشايسىلەر، ئۆلمەيسىلەر، سالامەت بولىسىلەر، ھەرگىز كېسەل بولمايسىلەر، ياش تۇرىسىلەر، ھەرگىز قېرىمايسىلەر، سىلەر نازۇ-نېئمەتتە، بەخت-سائادەتتە ئۆتىسىلەر، مەڭگۈ بەختسىزلىككە دۇچار بولمايسىلەر » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: جەننەتنىڭ نېئمەتلىرىنىڭ دۇنيا نېئمەتلىرىدىن تۈپتىن پەرقلىق بولىدىغانلىقى. جەننەت نېئمەتلىرىدە ئۆزگىرىش ياكى خوراش، تۈگەپ كېتىش بولمايدىغانلىقى. شۇنداقلا، ئەھلى جەننەتلەرنىڭ كېسەل بولمايدىغانلىقى ۋە قېرىمايدىغانلىقى.
1893. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: « إِنَّ أَدْنَى مقْعَدِ أَحدِكُمْ مِنَ الْجنَّةِ أَنْ يقولَ لَهُ: تَمنَّ فَيَتَمنَّي ويتَمنَّي . فَيَقُولُ لَهُ: هلْ تَمنَّيْتَ؟ فَيَقُولُ: نَعمْ فَيقُولُ لَهُ: فَإِنَّ لَكَ ما تَمنَّيْتَ ومِثْلَهُ معهُ » « سىلەرنىڭ جەننەتتىكى ئورنى ئەڭ تۆۋەن بولىدىغىنىڭلار مۇنداق بىر كىشى بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە: ‹ئارزۇيىڭنى دېگىن›، دەيدۇ. ئۇ كىشى ئازۇسىنى دەيدۇ، يەنە دەيدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە: ‹ئارزۇيىڭنى دەپ بولدۇڭمۇ؟›، دېسە، ئۇ كىشى: ‹ھەئە›، دەيدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا: ‹ساڭا ئارزۇ قىلغىنىڭ بېرىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا يەنە بىر باراۋەر قوشۇپ بېرىلىدۇ›، دەيدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئەھلى جەننەتكە ئاللاھ تائالانىڭ مەرھەمىتىنىڭ كەڭلىكى، ئۇلارغا ئارزۇ قىلغان نەرسىلىرىدىنمۇ ھەسسىلەپ كۆپ بېرىلىدىغانلىقى. جەننەتنىڭ نېئمەتلىرى مۇئەييەن نەرسىلەر بىلەن چەكلەنمەيدىغانلىقى، بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى-مەرھەمىتى، سىخىلىقى يۈزىسىدىن مۇئمىن ئادەمگە جەننەتتە ئارزۇ قىلغان، كۆڭلى تارتقان نازۇ-نېئمەت، راھەت-پاراغەتلەرنىڭ ھەممىسى بېرىلىدىغانلىقى.
1894. ئەبۇ سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: « إِنَّ اللَّه عزَّ وجلَّ يقُولُ لأهْل الْجنَّةِ: يا أَهْلَ الْجنَّة، فَيقُولُونَ: لَبَّيْكَ ربَّنَا وسعْديْكَ، والْخيرُ في يديْك فَيقُولُ: هَلْ رَضِيتُمْ؟ فَيقُولُونَ: وما لَنَا لاَ نَرْضَيِ يا رَبَّنَا وقَدْ أَعْطَيْتَنَا ما لمْ تُعْطِ أَحداً مِنْ خَلْقِكَ، فَيقُولُ: أَلاَ أُعْطِيكُمْ أَفْضَلَ مِنْ ذَلَكَ؟ فَيقُولُونَ: وأَيُّ شَيْءِ أَفْضلُ مِنْ ذلِكَ؟ فيقُولُ: أُحِلُّ عليْكُمْ رضْوانِي، فَلا أَسْخَطُ عليْكُمْ بَعْدَهُ أَبَداً » « ئۇلۇغ ئاللاھ تائالا جەننەت ئەھلىگە: ‹ئى جەننەت ئەھلى›، دەيدۇ. ئۇلار: ‹پەرۋەردىگارىمىز، خوش، بىز ھازىرمىز، بارلىق خەيرلىك ئىشلار سېنىڭ ئىلكىڭدىدۇر›، دەيدۇ. ئاللاھ تائالا: ‹مەمنۇن بولدۇڭلارمۇ؟›، دەيدۇ. ئۇلار: ‹پەرۋەردىگارىمىز، مەخلۇقاتلىرىڭدىن ھېچبىرىگە بەرمىگەن نېئمەتلىرىڭنى بەرگەن تۇرساڭ، نېمىشقا مەمنۇن بولمايدىكەنمىز›، دەيدۇ. ئاللاھ تائالا: ‹سىلەرگە بۇنىڭدىن ئەۋزەلرەك نەرسە بېرەيمۇ؟›، دەيدۇ. ئۇلار: ‹بۇنىڭدىنمۇ ئەۋزەل قايسى نەرسە ئۇ؟›، دەيدۇ. ئاللاھ تائالا: ‹سىلەرگە رازىلىقىمنى چۈشۈرىمەن، سىلەرگە بۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز غەزەپ قىلمايمەن›، دەيدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئاللاھ تائالانىڭ ئەھلى جەننەتكە مەرھەمىتىنى زىيادە قىلىش، چىرايلىق ۋەدىلەرنى قىلىش يۈزىسىدىن خىتاب قىلىپ ئەھلى جەننەتنى ئۈستۈن قىلىدىغانلىقى.
1895. جەرىر ئىبن ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئىدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام 14 كۈنلۈك تولۇن ئايغا قاراپ مۇنداق دېدى: « إِنَّكُمْ ستَرَوْنَ رَبَّكُمْ عِياناً كما تَرَوْنَ هَذَا الْقَمرَ، لاَ تُضامُونَ في رُؤْيتِهِ » « سىلەر خۇددى مۇشۇ ئاينى ھېچقانداق توسالغۇسىز كۆرگەندەك، پەرۋەردىگارىڭلارنى ئوچۇق-ئاشكارا كۆرىسىلەر » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: مۇئمىنلەرنىڭ پەرۋەردىگارىنى جەننەتتە كۆرىدىغانلىقى.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وُجُوهٌ يَوْمَئِذٍ نَّاضِرَةٌ إِلَى رَبِّهَا نَاظِرَةٌ﴾ بۇ كۈندە (سائادەتمەنلەرنىڭ) يۈزلىرى نۇرلۇق بولىدۇ. (ئۇلار) پەرۋەردىگارىغا قاراپ تۇرىدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە قىيامەت 22-، 23- ئايەت)
ئىمام مالىك مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا باقىي بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ دۇنيادا كىشىلەرنىڭ پانىي كۆزلىرى بىلەن باقىينى كۆرگىلى بولمايدۇ. ئاخىرەتتە بولسا، جەننىتىلەرگە باقىي كۆزلەر بېرىلگەنلىكى ئۈچۈن مۇشۇ كۆز بىلەن ئاللاھ تائالانى كۆرگىلى بولىدۇ».
1896. سۇھەيب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِذَا دَخَل أَهْلَ الْجنَّةِ الجنَّةَ يقُولُ اللَّه تَباركَ وتَعالَى: تُرِيدُونَ شَيْئاً أَزِيدُكُمْ؟ فَيقُولُونَ: أَلَمْ تُبيِّضْ وُجُوهَنَا؟ أَلَمْ تُدْخِلْنَا الْجَنَّةَ وتُنَجِّنَا مِنَ النَّارِ؟ فَيكْشِفُ الْحِجابَ، فَما أُعْطُوا شَيْئاً أَحبَّ إِلَيهِمْ مِنَ النَّظَرِ إِلَى رَبِّهِمْ » « جەننەت ئەھلى جەننەتكە كىرسە، ئاللاھ تائالا: ‹سىلەرگە مېنىڭ بىرەر نەرسىنى زىيادە قىلىپ بېرىشىمنى خالامسىلەر›، دەيدۇ. ئۇلار: ‹يۈزىمىزنى يورۇق قىلمىدىڭمۇ، دوزاختىن قۇتقۇزۇپ، جەننەتكە كىرگۈزمىدىڭمۇ، بىز يەنە نېمىنى تەلەپ قىلاتتۇق›، دەيدۇ. ئاللاھ تائالا ئۆز جامالىدىن پەردىنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ. ئۇلارغا ئۆز پەرۋەردىگارىغا مۇشەررەف بولۇشتىنمۇ سۆيۈملۈكرەك نەرسە بولمايدۇ » .
― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئاللاھ تائالانىڭ جامالىدىن پەردە كۆتۈرۈلۈپ، جەننەت ئەھلىنىڭ ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىنى كۆرىدىغانلىقى، مۇئمىنلەرنىڭ جەننەتتە ئاللاھ تائالانى ماھىيىتى ئىدراك قىلىنغان ۋە ھېچقانداق شەكىل-سۈرەتتە تەسەۋۋۇر قىلىنمىغان ھالدا كۆرىدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتلىنىشى. كۇففارلارغا كېلىدىغان بولساق، ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىدە دېيىلگەندەك: ... ھەقىقەتەن ئۇلار بۇ كۈندە پەرۋەردىگارىنى كۆرۈشتىن مەنئى قىلىنغان ، ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ مۇبارەك جامالىنى كۆرۈشتىن مەھرۇم قالىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
قال الله تعالى : ﴿إِنَّ الَّذِيْنَ آمَنْوْا وَعَمِلُوْا الصَّالِحَاتِ يَهْدِيْهِمْ رَبُّهُمْ بِإِيْمَانِهِمْ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهِمُ الْأَنْهَارُ فِي جَنَّاتِ النَّعِيْمِ دَعْوَاهُمْ فِيْهَا سُبْحَانَكَ اللَّهُمَّ وَتَحِيَّتُهُمَّ فِيْهَا سَلامٌ وآخِرُ دَعْوَاهُمْ أَنِ الْحَمْدُ لله رَبِّ الْعَالَمِيْنَ﴾ شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقانلار ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى پەرۋەردىگارى، ئۇلارنىڭ ئىمانى سەۋىۋىدىن، ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان نازۇ- نېئمەتلىك جەننەتلەرگە يېتەكلەيدۇ. ئۇلارنىڭ جەننەتتىكى دۇئاسى: «ئى رەببىمىز! بىز سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمىز» دېيىشتىن ئىبارەت، ئۇلارنىڭ جەننەتتە (بىر-بىرىگە) بېرىدىغان سالامى: «(ئەھلى دوزاخ چېكىۋاتقان ئازابتىن) ئامان بولغايسەن! (يەنى ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم)» دېيىشتىن ئىبارەتتۇر، ئۇلارنىڭ دۇئاسىنىڭ ئاخىرى: «جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اللھ غا خاستۇر!» دېيىشتىن ئىبارەتتۇر (« قۇرئان كەرىم » سۈرە يۇنۇس 9-، 10- ئايەت )
❉❉❉
الحمد لله الذي هدانا لهذا وما كنا لنهتدي لولا أن هدانا الله.
اللهم صل على سيدنا محمد وعلى آل محمد كما صليت على إبراهيم وعلى آل إبراهيم وبارك على محمد وعلى آل محمد كما باركت على إبراهيم وعلى آل إبراهيم إنك حميد مجيد.
« قال مؤلفه يحيى النواوي غفر الله له: فرغت منه يوم الإثنين رابع عشر رمضان سنة سبعين و ستمائة »