77. باب شەرىئەتنىڭ ئەھكاملىرى دەپسەندە قىلىنسا غەزەپلىنىش ۋە ئاللاھ تائالانىڭ دىنىغا ياردەم بېرىش توغرىسىدا
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَمَن يُعَظِّمْ حُرُمَاتِ اللَّهِ فَهُوَ خَيْرٌ لَّهُ عِندَ رَبِّهِ﴾ كىمكى ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئەھكاملىرىنى ئۇلۇغلىسا، بۇ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىدۇر . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ھەج 30- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿إِن تَنصُرُوا اللَّهَ يَنصُرْكُمْ وَيُثَبِّتْ أَقْدَامَكُمْ﴾ ئى مۇئمىنلەر! سىلەر ئاللاھقا (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا) ياردەم بەرسەڭلار، ئاللاھ سىلەرگە (دۈشمىنىڭلارغا قارشى) ياردەم بېرىدۇ، قەدىمىڭلارنى (ئۇرۇش مەيدانلىرىدا) بەرقارار قىلىدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە مۇھەممەد 7- ئايەت)
649. ئەبۇ مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كېلىپ: « پالانى (ئىمام بولۇپ) نامازنى ئۇزۇن ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن بامداتقا كېچىكىپ چىقىمەن » ، دېدى. مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇ كۈندىكى ئېيتقان ۋەزدە غەزەپلەنگىنىدەك غەزەپلەنگىنىنى كۆرمىگەنىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « يَا أَيهَا النَّاس: إنَّ مِنكم مُنَفِّرين. فأَيُّكُمْ أَمَّ النَّاسَ فَليُوجِز، فإنَّ مِنْ ورائِهِ الكَبيرَ والصَّغيرَ وذا الحَاجَةِ » « ئى خالايىق! بەزىڭلار كىشىلەرنى جامائەتتىن قاچۇرۇپ قويىدىكەنسىلەر، قايسىبىرىڭلار كىشىلەرگە ئىمام بولساڭلار نامازنى قىسقا ئوقۇڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ كەينىدە ياشانغانلار، كىچىك بالىلار ۋە ھاجەتمەنلەر بولىدۇ » ، دېدى.
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) دىننىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئاچچىقلىنىشنىڭ توغرا ئىكەنلىكى، شۇنداقلا كىشىلەرگە قىسنچىلىق، ئەزىيەت ئېلىپ كەلگەن ئىشتىن شىكايەت قىلىشنىڭمۇ توغرا ئىكەنلىكى.
2) جامائەت نامىزىنى ئۇزۇن ئوقۇشقا رازى ئەمەس كىشىلەر بىلەن ناماز ئوقۇغاندا ياكى جامائەت ئىچىدە كىچىك ۋە ئاجىزلار بولغاندا جامائەت نامىزىنى يەڭگىل، قىسقا ئوقۇشنىڭ توغرا بولىدىغانلىقى.
3) ئۆزرە سەۋەبلىك جامائەت نامىزىدىن قېپقېلىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى.
4) كىشىلەرنى ئىبادەتنى ئادا قىلىشتىن قاچۇرۇپ قويىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىق كېرەكلىكى.
650. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر سەپەردىن قايتىپ كەلدى. مەن كارىۋاتقا سۈرەت چۈشۈرۈلگەن نېپىز پەردە تارتىپ قويغانىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى كۆرۈپلا يىرتىۋەتتى ۋە چىرايى ئۆزگىرىپ كەتتى. ئاندىن: « يَا عائِشَةُ: أَشَدُّ النّاسِ عَذَاباً عِند اللَّهِ يوم القيامةِ الَّذينَ يُضاهُونَ بِخَلقِ اللَّهِ » « ئى ئائىشە! قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدىغان كىشى ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتىغا بىر نەرسىنى ئوخشاتقان كىشىدۇر » ، دېدى.
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: جانلىق نەرسىلەرنىڭ رەسىمىنى سىزىشنىڭ چوڭ گۇناھ ئىكەنلىكى، ئەگەر ئۇنى ئۇلۇغلاش يۈزىسىدىن سىزغان بولسا بۇنىڭ ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈش ۋە كۇفرىلىق بولىدىغانلىقى.
651. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەخزۇم قەبىلىسىدىن بولغان ئوغرىلىق قىلغان ئايالنىڭ ئىشى قۇرەيشلىكلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ قويدى. ئۇلار: « بۇ توغرىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن سۆزلىشىشكە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمى ئۇسامە ئىبن زەيددىن باشقىسى جۈرئەت قىلالمايدۇ، ھەقىقەتەن ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەك يېقىن » ، دېيىشتى. ئۇسامە بۇ توغرۇلۇق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا گەپ قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: « أَتَشفعُ في حدٍّ مِن حُدُودِ اللَّهِ تعالى؟ » « ئاللاھ تائالا بەلگىلىگەن بەلگىلىمىلەرنىڭ ئىجرا بولۇشىغا ئارا تۇرامسەن؟»، دېدى. ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ خۇتبىگە چىقىپ مۇنداق دېدى: « إنما أهْلَكَ من قبلكُم أنَّهُم كانُوا إذَا سرقَ فِيهِم الشَّريفُ تَركُوهُ، وإذا سرق فِيهمِ الضَّعِيفُ أَقامُوا عليهِ الحدَّ، وايْمُ اللَّه، لو أنَّ فاطمَة بنت محمدٍ سرقَتْ لقَطَعْتُ يَدهَا » « سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر ئەگەر ئىچىدىن ئابرويلۇق كىشىلەر ئوغرىلىق قىلسا جازالىماي، ئاجىز كىشىلىرى ئوغرىلىق قىلسا جازالىغانلىقى ئۈچۈن ھالاك بولغان. ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، ئەگەر مۇھەممەدنىڭ قىزى فاتىمە ئوغرىلىق قىلغان تەقدىردىمۇ ئەلۋەتتە ئۇنىڭ قولىنى كەسكەن بولاتتىم » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئېنىق جازا بېكىتىلگەن گۇناھقا شاپائەت قىلىش چەكلەنگەنلىكى، كىشىلەرگە ئايرىپ مۇئامىلە قىلىش زۇلۇم ئىكەنلىكى، بۇنىڭ ئۈممەتنى ھالاك بولۇشقا ئېلىپ بارىدىغانلىقى.
2) جىنايەتچىنىڭ ئىسىل ئادەم بولۇشى ئۇنىڭغا بېكىتىلگەن جازانى ئۇنىڭدىن ساقىت قىلمايدىغانلىقى، چۈنكى شەرىئەتنىڭ ئەھكامىدا مەيلى ئېسىل-تۆۋەن بولسۇن ھەممە ئادەمنىڭ باراۋەر ئىكەنلىكى.
652. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسجىدنىڭ قىبلە تەرىپىدە بىر بەلغەمنى كۆرۈپ قالدى. بۇ ئەھۋال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئېغىر تۇيۇلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلدى. ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنى قولى بىلەن سۈرتىۋېتىپ: « إن أحَدكم إذا قَام في صَلاتِه فَإنَّهُ يُنَاجِي ربَّه، وإنَّ ربَّهُ بَينَهُ وبَينَ القِبْلَةِ، فلا يَبْزُقَنَّ أَحدُكُم قِبلَ القِبْلَةِ، ولكِن عَنْ يَسَارِهِ أوْ تحْتَ قدَمِهِ » « سىلەرنىڭ بىرىڭلار نامازغا تۇرغاندا پەرۋەردىگارىغا مۇراجىئەت قىلىدۇ، ئۇ كىشى بىلەن قىبلە ئارىسىدا پەرۋەردىگارى بولغان بولىدۇ. سىلەردىن ھېچكىم قىبلە تەرەپكە قاراپ تۈكۈرمىسۇن، ئەمما سول تەرەپتىن تۈكۈرسۇن ياكى پۇتىنىڭ ئاستىغا تۈكۈرسۇن » ، (سول تەرىپىگە تۈكۈرسۇن ياكى پۇتىنىڭ ئاستىغا تۈكۈرسۇن دېگەن سۆز مەسجىدنىڭ سىرتىغا قارىتىلغان، مەسجىدتە تۈكۈرۈشكە بولمايدۇ. تۈكۈرۈشكە مەجبۇر بولۇپ قالسا، چاپىنىغا تۈكۈرسە بولىدۇ) دېدى ئاندىن تونىنىڭ بىر تەرىپىنى قايرىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا تۈكۈردى. ئاندىن ئۇنى پۈكلەپ قويۇپ « أَو يَفْعَلُ هكذا » : « ياكى مۇنداق قىلسۇن » ، دېدى.
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ياخشىلىققا بۇيرۇش، يامانلىقتىن توسۇش، كۈچىنىڭ يېتىشىچە قولى بىلەن يوقىتىش مۇسۇلمانغا پەرز ئىكەنلىكى.
2) مەسجىدلەرنىڭ ھۆرمىتى، ئۇنىڭغا مەينەت نەرسىلەرنى تاشلاش ياكى بۇلغاش چەكلەنگەن.
3) قىبلە تەرەپنىڭ ھۆرمىتى، قىبلىگە قاراپ تۈكۈرۈشكە بولمايدىغانلىقى، نامازغا تۇرغاندا ئەگەر مەجبۇر بولۇپ قالغان تەقدىردە ناماز كىيىمىگە تۈكۈرۈشكە بولىدىغانلىقى.